logo

trugen jacn

ئىلى ئوبلاستىدا «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش» نامىدا دىنسىزلاشتۇرۇش تەربىيىسى كۈچەيتىلدى

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069

مېھرىبان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىگە زەربە بېرىش» نامىدا، يېزا، مەھەللىلەردە ئاياللار ۋە ياشلارنى يىغىۋېلىپ ھەر خىل ناملاردىكى دىنسىزلاشتۇرۇش كۇرسلىرى ۋە ئاتالمىش «مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى»نى ئۇيۇشتۇرماقتا.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىنىڭ 11 – يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئىلى ئوبلاستىدىكى قورغاس، چاپچال، غۇلجا ناھىيىسى، نىلقا، تېكەس قاتارلىق سەككىز ناھىيە ۋە غۇلجا شەھىرىدە «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىپ، مەدەنىيلىشىش» نامىدا ناخشا – ئۇسۇل مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈش، زامانىۋى كىيم مودىللىرى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش، پەننى تەشۋىق قىلىش كۇرسلىرى ئېچىش نامىدا «دىننى سۇسلاشتۇرۇش» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 11 – يانۋار غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلغان «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىگە زەربە بېرىش خۇلاسە يىغىنى» دا، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى خۇاڭ سەنپىڭ سۆز قىلىپ، «پەقەت غۇلجا ناھىيىسىدىلا 2014 – يىلى 4000 نەپەر ياش بىرقانچە قارارغا بۆلۈپ يىغىۋېلىنغان ۋە ئۇلارغا دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيىسىنى تازىلاپ، پەن – مەدەنىيەتكە يېتەكلەش تەربىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان» لىقىنى تەكىتلىگەن.

Share
1721 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.