logo

trugen jacn

ئىلمىي ھۆرمەت ھەققىدە بىر- ئىككى ئېغىز سۆز

 

ئېرپان ئىدىرىس

 

ئىلمىي ھۆرمەت ئىلىمىي خادىملار، ئىلمىي خىزمەتلەر ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەر بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق  – پەزىلەت، خىزمەت ئىستىلى ۋە ئىلمىي قايىدە- يوسۇن. بۇ خىل ھۆرمەت پەقەت ئىلمىي خادىملار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە  ئىلمىي خىزمەتلەرنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشنىڭ كاپالىتى ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەردە قويۇق ئىلمىي  مۇھىت بولۇشىنىڭ كاپالىتى. ئىلمىي خادىملارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىغا بولغان ئىلمىي ھۆرمەت پەقەت ئىلمىي خادىملار ئارىسىدا ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەردىلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىر خىل ئەخلاق – پەزىلىتىكە ئايلىنىشى لازىم.

ئىلمىي ھۆرمەت ئىلمىي خادىملارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، كەسىپداشلىرىغا تۇتقان خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ  خىزمەت ئىستىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىلمىي ھۆرمەت ئىلمىي خادىملارغا نىسپەتەن ئۆزلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، كەسىپداشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئىلمىي ھۆرمەت ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي خادىملار ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان  ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىلمىي خادىملار كەسىپداشلىرىنىڭ جەمئىيەتكە  پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلمىي خىزمىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇشى لازىم. ئەگەر پىكىر ۋە تەلەپ – مەسلىھەتلىرى بولسا، ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ  ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى تاڭماسلىق كېرەك. قارشى تەرەپ قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ كەسىپدىشىغا نىسپەتەن شەخسى ھۆرمەت ۋە ئىلمىي ھۆرمەتنى ساقلاش لازىم.

ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرگە نىسپەتەن ئىلمىي خادىملارنىڭ ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ سەمەرىلىك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن  زۆرۈر بولغان ئىلمىي ھۆرمەت مۇھىتىنى بارپا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي مۇئەسسەسەلەر ئىلمىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئىلمىي مۇئەسسەسەلەردە  قۇيۇق ئىلمىي ھۆرمەت مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك. يەنە ئىلمىي ھۆرمەتنىڭ ئۆلچەملىرىنى بەلگىلىشى لازىم. بۇ ئىلمىي ھۆرمەتنىڭ ئۆلچەملىرى ئىلمىي خادىملار ئارىسىدىكى ئىلمىي مۇناسىۋەت،ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ قانداق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشى، ئىلمىي ماقالىلار، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى، شەخىسى كۆز قاراش ئاساسىدا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ۋە بىرلىككە كەلگەن قائىدە- ئۆلچەملەردىن ھالقىپ يېزىلغان ماقالىلارنى قانداق ئېلان قىلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. مەسىلەن، نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئاممىۋى مەتپۇئات، نەشرىيات، رادىئو- تېلېۋىزور ۋە تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىملا قائىدىسى بۇيىچە ئىش كۆرۈلمەكتە. ئەندى، شەخسلەرنىڭ « تەڭرىتاغ ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا » ياكى « ئىدىقۇت ئىملا قائىدىسى ھەققىدە » قاتارلىق ئىلمىي  ماقالىلىرى بولسا ھەر قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئېلان قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ماقالىلار بىرلىككە كەلگەن ئىملا قائىدىسى بىلەن يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىدۇر. ئاپتورلار ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ئىملا قائىدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن  پەقەت ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئىملا قائىدىلىرى بۇيىچە مىساللارنى كەلتۈرگەن،خالاس.  لېكىن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تېخى بىرلىككە كەلمىگەن « ئىملا قائىدىسى » بۇيىچە يېزىلغان ئادەتتكى ماقالىلارنى ئاپتورنىڭ  ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن تور ۋە باشقا مەتپوئاتلاردا ئېلان قىلىش ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ،چۈنكى بۇ خىل ئىملا قائىدىسى تېخى مىللەتنىڭ بەلگىلىگەن  سالاھىيەتلىك  بىر كومىسسىيىسى  تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان.

قىسقىسى، بىرلىككە كەلمىگەن « ئىملا قائىدىسى » بۇيىچە يېزىلغان ئادەتتكى ماقالىلارنىڭ ئاممىۋى مەتپۇئات، نەشرىيات، رادىئو- تېلېۋىزور ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىشى تىل- يېزىق ئىشلىرىدا ئانارخىزمچىلىق تېندېنسىيەسىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولۇپ، نۆۋەتتە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە ئومۇملىشىشىدا سەلبىي رول ئوينايدۇ، خالاس.

2020- يىلى نويابىر

Share
1586 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.