logo

trugen jacn

ئىككى دۆلەتتە ئىككى ئىبرەت

 

 ئىككى دۆلەتتە ئىككى ئىبرەت
ئامېرىكا

 
ئامېرىكىنىڭ ئورەگون شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھرىدە 2017 .يىلى 26. ماي كۈنى پويىزدا جەرەمي كرىستىئان ئىسمىدىكى بىر ئاق تەنلىك تەلۋە، بېشىغا ياغلىق چىگىۋالغان ئىككى مۇسۇلمان ئايالغا (ئاياللارنىڭ بىرسى نىگىر) ھاقارەت قىلدى ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۇرۇشقا ئېتىلدى. بۇ شوۋىنىست مىللەتچى ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقىنى توسقان ئىككى يولچىنى ئۆلتۈرىۋەتتى، بىر يولچىنى يارىلاندۇردى. سەۋەپسىز ھاقارەتكە ئۇچىرىغان مۇسۇلمان ئىككى ئايالنى قوغداپ ئۆلگەن كىشىلەرىدىن بىرسى 53 ياشلىق رىككي بەست ئىدى. يەنە بىرى 23 ياشلىق تالىئەسىن نامكائى-مەچە ئىدى. يارىلانغۇچى مىكاھ داۋىد-كولە فلەتچەر ئىدى. بۇ 3 كىشىنىڭ ھەممىسى خىرىستىيان ئىدى. بۇلار ئىنسانىيەتىنىڭ سۆيگىسىنى قازاندى. مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قەلبىدە قەھرىمانلىق ئوبرازى تىكلەندى. ئەڭ مۈھىمى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاجىز مۇسۇلمان ئاياللارنى قوغداش ئۈچۈن پىدا قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلىق ۋىجدانىدا مەدىنىيەتلەر ئارىسىدىكى نەپرەت، خۇسۇمەتكە يەر يوقلىغىنى ئىسپاتلىدى. مەدىنىيەتلەرنىڭ دوسلىقى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى

ئىككى مۇسۇلمان ئايالنى قۇتقۇزغان 3 خىرىستىيان ئامېرىكىلىق

 
خىتاي

 

بىر ئۇيغۇر نارىسىدە بالىسى. 6-7 ياشلاردا كوچىدا خىتايلار ئۇرۇۋاتىدۇ. بالا تاياققا چىدىماي يىغلاۋاتىدۇ. ئەتىراپتىكىلەر كۆلۈشۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بالا ئاغرىق ئازاۋىدىن چىقىراپ پەريات قىلىۋاتىدۇ. بىر خىتاي يىگىت كېلىپ بالىنىڭ قولىغا دەسسىدى. بارماقلىرىنىڭ سۇڭىگى ئىزىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر سەبى ئاغرىققا چىدىيالماي ئىگىراپ تاشلىدى. توپنىڭ ئارىسىدا 50 ياشلاردا بىر خىتاي ئايال بار. ئۇ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىڭلار ئۇنى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىڭلار… دەپ ۋاقىراپ تۇرىدۇ. ئۇ ئايال بىر ئانا. ئانا بولغان ئىنساننىڭ بىر نارىسىدە بالىنى ئۇرغانلارنى توسماي، ئۇرۇپ ئۆلتىرىۋېرىڭلار!، دەپ ۋاقىرىشىنى خىتاي مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەردە تېپىش مۇمكىنمۇ؟

 

ئۇيغۇر سەبى بالىنى كوچىدا پۇتبولدەك تېپىپ ئايناۋاتقان خىتايلار

 

ئامېرىكىدا باشقا نەسىل، باشقا دىندىكىلەرگە نەپرەت قىلغۇچىلار بار. بىراق باشقا نەسىل، باشقا دىندىكىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى يالغۇزلا قانۇن ئەمەس، خەلقلەرمۇ قوغداشقا ئادەتلەنگەن. ۋەتىنىمىزدە ياكى خىتايدا، بەزى خىتايلار تەرىپدىن ھاقارەتكە، جىسمانىي زەربىگە ئۇچۇرىغان ئۇيغۇرلارنى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ قوغدىغان خىتاي پۇخراسىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ يوق. نىمىشكە؟ چۈنكى، خىتاي دۆلىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دۆلەت كۇچى بىلەن ئىزىدۇ. خىتاي پۇخرالىرىنى ئىزىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. خىتايدىن تاياق يىگەن ئۇيغۇر ئۆزىنى قوغداشقا ھەركەت قىلسا “تەرۆرىست” بولىدۇ. ئۇيغۇرنى ئۇرغان خىتاي، خىتاي مىللىتى تەرىپىدىن قەھرىمان سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. مەدىنىيەت تۈزۈمنى يارىتىدۇ. تۈزۈم مەدىنىيەتكە يول كۆرسىتىدۇ. ئىككى دۆلەتتىكى ئىككى ئىبرەتتىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىرىدىغان خۇلاسىمىز، دەرسىمىز يوقمۇ؟

 

 

 

Share
3297 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.