logo

trugen jacn

ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان

d6de5cb7-e2c4-4beb-b9e9-73f49693f430

مەلۇم بولۇشىچە، 14-نويابىر كۈنى چاپچال ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر ناھىيەدىكى يېرىدىن ئايرىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر قۇربانجان مەمەت ۋە ياسىنجان مەمەت قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىقى ۋە چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قايتا قولغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان بىلەن ياسىنجان 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغا قەدەر مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان يەرلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز دەۋا قىلىپ كەلگەن. 2012-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە دائىرىلەر ئۇلار ئىككىسىنى «دېھقانچىلىق يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە جازا مۇددىتىنى 4 يىل كېچىكتۈرۈپ نازارەت ئاستىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان

ھالبۇكى، يېقىندا چاپچال ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنى قايتىدىن قولغا ئېلىپ قاتتىق جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر قۇربانجان بىلەن ياسىنجاننى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر بىلەن ئالاقە قىلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە مىللىي زىددىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەن» دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ikki-uyghur-11242014154327.html

 

Share
1458 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.