logo

trugen jacn

ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگۈچىلەر سانى 50 تىن ئاشتى

image (1)

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلى ئاياغلاشتى. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ توقۇنۇش-ۋەقەلەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانلىق باستۇرۇشنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشىغا قارشى ھۇجۇملىرى يەنىلا كۆپ بولدى. پەقەت 5-، 6-ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقىغىچە ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر 6 گە يەتتى، قانلىق توقۇنۇشلاردا پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن خىتاي ساقچىلىرى، ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش جەريانىدا ئوق تېگىپ ئۆلگەن پۇقرالار بولۇپ ئۆلگەنلەر سانى 50 تىن ئاشقان.

1. 22-ئىيۇن قەشقەر تاختا كۆۋرۈك قاراۋۇلخانىسى توقۇنۇشىدا 15 ھۇجۇمچى، 3 ساقچى ۋە يولدىن ئۆتكەنلەر بولۇپ 20 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ساقچى خادىملىرىغا تارقىتىلغان بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشتا، 22-ئىيۇن يۈز بەرگەن ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى. ئۇقتۇرۇشتا 22-ئىيۇن كېچە سائەت 0-دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن مەزگىلدە قەشقەر شەھىرىدە بىرقانچە مەيدان پارتلىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمچىلاردىن 15 نەپىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بىر رەسمىي، بىر ياردەمچى ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، ساقچىلار جىددىي ھالەتكە چاقىرىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋەقە ھەققىدە باشقا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى يەرلىك ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، 22-ئىيۇن كېچىدە ئارىلىرىدا ئاياللارمۇ بولغان 15 نەپەر پىدائىي بىر ئاپتوموبىل ۋە بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ كېلىۋاتقاندا، تاختا كۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى، نەتىجىدە بۇ پىدائىيلار ئاپتوموبىل ۋە موتسىكلىتى بىلەن ساقچىلارنى سوقۇش، يېنىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە بېنزىن بوتۇلكىسىنى پارتلىتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 3 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ،7 ساقچىنى يارىلاندۇرغانلىقى، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا 15 نەپەر پىدائىي ۋە يولدىن ئۆتكەنلەر بولۇپ 20 نەچچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەن ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈپ، «ساقچىلار، ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتسىز ئاممىدىن بولۇپ جەمئىي 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان» لىقىنى بىلدۈردى.

2. 24-ئىيۇن كۇچادا بىر ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 10 ئادەم ئېتىۋېتىلگەن

24-ئىيۇن ئاقسۇ كۇچا ئۇچا بازىرىدا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 10 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «دۇڭۋاڭ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «22-ئىيۇن قەشقەردە ۋەقە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاقسۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرىدا ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلار ئۆزلىرى ياسىغان كۆيدۈرگۈچ بومبا قاتارلىقلار بىلەن كۇچا ناھىيىسى ئۇچا بازىرىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمچىلاردىن 10 كىشى نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. «بۇ خەۋەر خىتاينىڭ سىننا تورىدىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، سىننا تورىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە،10 ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى، ئەمما توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپتىن ئۆلگەن-ياكى يارىلانغانلار ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن كۇچا ناھىيىسىدە جىددىي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ھۇجۇمچىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. ئەمما بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دەلىللەنمىدى.

3. 10-ئىيۇن خوتەن گۇما دۇۋا بازىرىدىكى سايلىقتا گۇمانلىق دەپ قارالغان 8 ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن

20-ئىيۇن كۈنى تارقالغان خىتايچە بىر ئۈندىدار ئۇچۇرىدا گۇما ناھىيىسىدە ۋەقە چىققانلىقى ۋە ۋەقەدە 10 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن گۇما تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ رامىزاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن 10-ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەن. بازارلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى دۇۋا بازىرىنىڭ 4-كەنتىدىكى سايلىقتا قوي بېقىۋاتقان بىر مالچى، سايدا سۇ ئېلىۋاتقان بىر گۇمانلىق كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئەھۋالنى كەنت مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان، كەنت مەسئۇلى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ سايلىقنى قورشاۋغا ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىدىن مەزكۇر سايلىقتا قورشاۋغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى، قورشاۋنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ تەسلىم بولۇشقا چاقىرىلغان-چاقىرىلمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس، ئەمما ۋەقەدە ئاز دېگەندە 8، كۆپ بولغاندا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا، دۇۋا بازىرىنىڭ سىرتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.

4. 17-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا ساقچىلار بىر ئۇيغۇرنى«جېدەل چىقارغان» دېگەن باھانىدە ئېتىۋەتكەن

خىتاي ساقچىلىرى 17-ئىيۇن شىئەن ۋوگزالىدا بىر ئۇيغۇر ئەرنى ئېتىۋەتكەن. ساقچى دائىرىلىرى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان قىسقا ئۇچۇرغا قارىغاندا، ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە يۈز بەرگەن.

خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدىكى رولىنى ئاقلاپ، ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئەرنىڭ «قولىغا خىش ئېلىپ، بىلەت ئېلىش ئۈچۈن قاتاردا تۇرغان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ساقچىلار تەكرار-تەكرار ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قۇلاق سالمىغان» لىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان ئۇيغۇر كىشى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى بىلەن بىرگە، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، ساقچىلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئوق چىقارغانلىقى، ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ نېمە ئۈچۈن بېلەتكە ئۆچىرەتتە ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە دېتاللار خىتاي خەۋەرلىرىدە بېرىلمىدى.

5. 11-ۋە 12-ئىيۇن كۈنلىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 4 ساقچى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن،3 پىدائىي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر چارلاش پونكىتى 11-ئىيۇن كۈنى كەچ ۋە 12-ئىيۇن كۈنى ئەتىگەندە ئىككى مەيدان بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكىسىنى بىر نەپەر، ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئىككى نەپەر پىدائىي ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىي بىلەن بىرلىكتە 4 نەپەر ساقچى ئۆلگەن ۋە 4 نەپەر ساقچى يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا بىر نەپەر پىدائىي، ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر پىدائىي قاراۋۇلخانىغا پىيادە يېتىپ كېلىپ قاراۋۇلخانىدىكى ساقچىلارغا بومبا ئاتقان ۋە بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قاراۋۇلخانىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پۈركەنچىلىك ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەرنى تەكشۈرۈشتۇر. قاراۋۇلخانا ئەتراپتىكى ناھىيىلىك قاماقخانا ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى بىلەن قوشنا بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پاش قىلىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ قاراۋۇلخانا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىينىڭ يېشى 18 ياش بىلەن 20 ياش ئارىسىدا، ھەر ئۈچىلىسى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭگۈزلەك كەنتىدىن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى لوپنىڭ دول يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سوراق قىلىشنى داۋام قىلغان. 3 نەپەر پىدائىينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى ۋە ۋەقە سادىر بولغان كۈنلەردە دول يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەنلەر سوراق ئوبيېكتى قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، سوراق قىلىنغانلار ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەندە ۋەقە مەيدانىغا يېقىن جايدا بايقالغان 31 ياشلىق مەتتۇرسۇن مەتتۇردى لوپ كونابازار ساقچىخانىسىدا مۇھىم گۇماندار سۈپىتىدە سوراق قىلىنغان.

6. 25-ماي قاراقاش زاۋا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان 2 پىدائىي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى»ناملىق تور خەۋىرىدە، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-ماي كۈنى بىرقانچە ئۇيغۇر پىدائىي زاۋا يېزىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي چارلىغۇچى ساقچى ئەترىتىگە ئۆزلىرى ياسىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا 2 نەپەر پىدائىي خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قالغان 4 نەپەر پىدائىي نەق مەيداندىن چېكىنىپ زاۋا يېزىسىنىڭ مەلۇم جايىغا يوشۇرۇنغان. شۇ كۈنىلا 4 نەپەر پىدائىينىڭ رەسىمى كوچا-كوچىلارغا چاپلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. قاراقاش ناھىيەلىك رادىئو ئۇزېلىمۇ بۇ ھەقتىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-ماي كۈنى قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا يۈز بەرگەن 6 نەپەر پىدائىينىڭ كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلاردىن 2 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن. قالغان 4 نەپىرىنى 60 مىڭ كىشىلىك ئاممىنى مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىزدىگەنلىكى مەلۇم. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان 4 پىدائىيدىن ئابدۇراخمان ئابدۇخېلىل بىلەن نەبىي ئەبەيدۇللانىڭ زاۋانىڭ جاي تېرەك كەنتىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-06292015151151.html

Share
1484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.