logo

trugen jacn

ئىككىيۈزلىمىچى, كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتى پەيزىۋات ۋە ئاتۇشتىمۇ داۋام قىلماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاينىڭ خوتەن گېزىتى ۋىلايەت بويىچە 221 كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ ئەمما خەۋەردە كىملەرنىڭ قايسى خاتالىقلىرى سۈرۈشتە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، بۇ 221 كىشىنىڭ كونكرېت كىملىكى ۋە قىلمىشىغا ئائىت مەلۇماتلار ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش نامى ئاستىدىكى ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ پەيزىۋات ۋە ئاتۇشتىمۇ ھەيۋە بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان 221 كادىردىن 11 نەپىرى ئاپتونوم رايوندىن، 23 نەپىرى ۋىلايەتتىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردۇر؛ 88 نەپىرى، يەنى مۇتلەق كۆپىنچىسى كەنت كادىرىدۇر. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۇما ناھىيىسىنىڭ پىيالىما يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرى، «ئىككىيۈزلىمىچى» كادىرلارغا قارشى ھەرىكەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ كەنت كادىرلىرى ئۈچۈن ئەندىشىلىنەرلىك ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى. ئۇ مەسىلە تاپشۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان 3 ئايدىن بېرى ئۆيىگە دەسسەپ باقمىغانلىقى، 24 سائەت ئىش ئورنىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە كادىرلارنى مەسىلە تاپشۇرۇشقا قىستاش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتى ئاتۇشتىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋام قىلماقتا. ئاتۇشنىڭ، ئازاق يېزا يۇقىرى ئىشتاچى كەنتى بۇ ھەرىكەت ھەيۋە بىلەن داۋام قىلىۋاتقان جايلاردىن بىرى. ئىشتاچى كەنت سېكرېتارى ئاتۇشتا نۆۋەتتە كادىرلارنىڭ مەسىلە تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما تېخى مەسىلىسىنى تاپشۇرغانلىقىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى ۋە سېكرېتارى، ئۆز تەۋەلىكىدە ئىككىيۈزلىمىچى قالپىقى بىلەن جازالانغانلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتىكى مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن بەزى كەنت كادىرلىرى 10-20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاتالمىش خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئالغان. مەسىلەن بارىن يېزا 1-كەنت ئامانلىق مۇدىرى 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ دىنىي كىتابلارنى ساتقان ۋە ئايالىنى يۆگىنىشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى، بىر سىياسىي خاتالىق يەنى «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» دەپ بوينىغا ئالغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق مۇئاۋىن سېكرېتارلىق خىزمىتىنى قوغداپ قالغان.

خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ 2010-يىللىرى ئەتراپىدا نىسبەتەن بوش تۇتۇلغانلىقى، ھەتتا كېيىنچە بەزى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى رەسمىي ئاخبارات ۋە جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان بىر خەۋەردۇر. ئەمما پەيزىۋات بارىندىكى بىر ئاياللار كادىرى، ئەنە شۇ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن تۇتقان بوش يەنى يۇمشاق پوزىتسىيەسىنىمۇ، خاتالىقى سۈپىتىدە بوينىغا ئېلىپ ئۆزىنى تەكشۈرگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» نى جازالاش ھەرىكىتى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس؛ ئۇيغۇر كادىرلار ئىچىدىكى ھەققانىيەتچىللىك تۇيغۇسىنى ۋە مىللىي مەيدانىنى بىلىپ-بىلمەي ئاشكارىلاپ قويغانلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى ھاكىمىيەت دەۋرلىرىدە «ئىككىيۈزلىمىچى» دېگەنگە ئوخشاش ھەرخىل قالپاقلار جازالىنىپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئۆز مىللىتى، ۋەتىنى ۋە يۇرتىغا سادىق بولۇشنىڭ ئىنسانىي بىر تەبىئەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر ۋەھىمىلىك ھەرىكەت دولقۇنىنىڭ يوقۇتالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ikki-yuzlime-05162017140306.html

Share
890 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.