logo

trugen jacn

ئىككىسىنىڭ سەۋەبى بىرمىدۇ؟

 

 تۇرسۇن كامال  خوتەنىي

 

ئىككىسىنىڭ سەۋەبى بىرمىدۇ؟

 

«ئوغلۇم! جىن سىلاپ قويغان ياكى يالاپ قويغان ۋە ياكى تېگىپ قويغان سەۋەبتىن ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا پايدا قىلىدۇ، لېكىن جىن پېشابىنى يېگۈزۈۋەتكەن سەۋەبتىن ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا پايدا قىلمايدۇ».

بۇ سۆزلەرنى كىچىك ۋاقتىمدا مەن يېنىدا 10 يىلدەك تۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان تۇنجى ئۇستازىمدىن ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ سۆزلەرنىڭ ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مەسىلىنى باشتىن باشلاپ بايان قىلسام ئېنىق چۈشەندۈرەلەيمەن:

ئۇستازىمنىڭ ئىسمى ئەسلىدە باشقا بولسىمۇ كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ھەزتەم، داموللام» دېگەن لەقەملەر بىلەن ئاتايتتى. ئۇ  كۆپ ئوقۇغان، ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىنى، كىلاسسىك ئەرەبچە ۋە پارسچە كىتابلارنى پۇختا بىلىدىغان، كۆپنى كۆرگەن، يېشى 60 لاردىن ئاشقان، كىچىك پېئىل، خۇشخۇي، چاقچاقچى ۋە كۆڭۈلچەك بىر ئادەم ئىدى. چاقىرغان ھەر يەرگە باراتتى، يۇرتىمىزدىكى ھەر مۇراسىم ئاساسەن ئۇنىڭسىز ئۆتكۈزۈلمەيتتى: نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يېتىم، توي-تۆكۈن ۋەھاكازالار…

ئۇستازىم ساقايمىغان بىمارغا «رەدنامە ئوقۇش»، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمگە «دۇئا ئوقۇش»، ئوغرىغا «قەسىدە ئوقۇش»، بالاغا مۇپتىلا بولغۇچىغا «خەتمە ئوقۇش»، ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغۇچىغا «قۇرئان تامام قىلىش»، «يولى توسۇلۇپ قالغان»لارغا «دۇئا-تەلەپ قىلىش»… قاتارلىق «ئوقۇش»لاردا مەشھۇر ئىدى. ئۇ بۇ ئوقۇشلارغا مېنى ۋە ئۆزى تاللىغان بىرقانچە تالىپىنى بىللە ئېلىپ باراتتى ۋە ئوقۇپ «مەسىلىنى ھەل قىلاتتى».

مەن  ئۇستازىمنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ كۆپ نەرسە ئۆگەندىم: ئىنسانلارنى تونۇدۇم، جەمئىيەتنى چۈشەندىم، ھاياتنى بىلدىم، ئەڭ مۇھىمى مىللەتنى چىرمىۋالغان شېرىك، بىدئەت، خۇراپات، جاھالەت ۋە نادانلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئەمەلىي مىساللىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شۇنىڭدەك، ئۇستازدىن كۆپ نەرسە ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ جامائەتكە قىلغان ئومۇمىي ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن، تالىپلارغا قىلغان خۇسۇسىي سۆھبەتلىرىدىن ۋە سوئاللارغا بەرگەن مەخسۇس جاۋابلىرىدىن زېھنىمگە نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى يەرلەشتى.

ئۇ سۆزلەر ئۇستازىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئوقۇغىچىلىق ۋاقىتلىرىمدا ۋە جەمئىيەت ھاياتىمدا ئالدىمغا چىققان بەزى ھادىسىلەر ۋە كۆزۈمگە چېلىققان بەزى ئەھۋاللار ئالدىدا ئېسىمگە كەلدى، شۇنداقلا توغرىنى تونۇشۇمغا ۋە ھەقنى كۆرۈشۈمگە ياردەمچى بولدى. بولۇپمۇ مۇھاجىرەت ھاياتىمدىكى ئېغىر كۈنلىرىمدە ئىچىم پۇشقاندا تەسەللىي تېپىشىمغا، ئىككىلىنىپ قالغان چېغىمدا بىر تەرەپنى تاللىشىمغا سەۋەبچى بولدى.

مۇھاجىرەت ھاياتىمدا ئىككى تۈرلۈك غەلىتە تائىپە ئۇچراتتىم:

1- تائىپە

تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن چېغىمدا ئىستانبۇلدىكى يۇرتداشلارنىڭ تولىسى پەتھۇللا گۈلەن دېگەن بىر مەدداھنىڭ مۇرىتى ۋە مەستانىلىرى ئىكەن. يېڭى كەلگەنلىكىم ئۈچۈن بەزى ھەمشەھەرلەر ئۆيلىرىگە چاقىرىۋالدى، پەرقلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن بەزىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان سورۇنلارغا قاتناشتىم. ئۇ چاغلاردا بەزى ئۇيغۇر «فەتھۇللاچىلار» ماڭا پەتھۇللا گۈلەننىڭ بەزى سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى قويۇپ بەرگەن ۋە: «قانداق؟! بىزنىڭ غوجىمىز بەك موللىمىكەن؟ ئاشۇنداق چوڭ موللا جۇما! بۇ زات نېمە دېسە شۇ بولىدۇ، ئالامەت ئۇلۇغ زات بۇ!» دېيىشكەن ئىدى. مەن ئۇ ئادەمنى  بىر قىسىم لېنتىلىرىدىكى بىلجىرلاشلىرىدىن، ئۇيغۇر مەستانلىرىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي نەقىل قىلغان جۆيلۈشلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر «فەتھۇللاچى»لارغا مەسئۇل «ئابىي(ئاغا)»لىرىنىڭ «سۆھبەت»لىرىدىن تونىغان ۋە غايىسىنى بىر قەدەر چۈشەنگەن ئىدىم:

پەتھۇللا گۈلەن، 200 يىللىق ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان ھەر تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن ئوسمانلى خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا ھاكىمىيەتكە كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغان ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ قولچومىقى ئىكەن. «پەتھۇللاچىلار» بولسا ئەنە شۇ گادايغا مۇتلەق مەنىدە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە دىن قىلىۋالغان جاھىللار گۇرۇھى ئىكەن. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان داھىي ئەرباقان خوجىغا ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسىگە شۇنچىۋالا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، سىررى مانا مۇشۇ ئىكەن.

بىزنىڭ ئۇيغۇر پەتھۇللاچىلار پايدا-زىياننى، ياخشىلىق-يامانلىقنى ۋە بەخت-سائادەتنى ئۇ پەتھۇللانىڭ ئىلكىدە دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ھەتتا ئۇنىڭ بەزى ئۇيغۇر مەستانىلىرى «غوجا ئەپەندىم (پەتھۇللا گۈلەن) يەتتىنچى قەۋەتتىن ئۆزۈڭنى ئات دېسە، ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئۆزۈمنى ئاتىمەن» دەپ ئۆزىنىڭ ئۇ گادايغا بولغان ساداقىتىنى ھەر پۇرسەتتە ئېلان قىلىدىكەن

مەن ئېتىقادىم بويىچە دىنىمنى يەتكۈزۈشكە تىرىشتىم. مېنىڭ دىنىم ئۇلارنىڭ دىنىغا زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى چىقتى، ئىككى تەرەپ بولدۇق، بىر تەرەپتە مەن، يەنە بىر تەرەپتە پەتھۇللاچى يۇرتداشلار ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرى. قارىماققا مەن يېڭى كەلگەن، غېرىب، ئاجىز، تەرەپدارىم يوق، پېقىر. ئۇلار تۈركىيە پۇقراسى، كۈچلۈك، سانى كۆپ، «توققۇزى تەل». لېكىن مەن ئىمانىمنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئاللاھقىلا تايانغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى كۈچلۈك ھېس قىلاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقنى ئەينەن يەتكۈزۈشتە ھېچكىمدىن ۋە ھېچنېمىدىن قورقمايتتىم.

ئۇ زامانلاردا بىر كۈنى ئىستانبۇلدا بىر سورۇندا «فەتھۇللاچى» ئۇيغۇرلارنىڭ پەتھۇللانى ھەددىدىن زىيادە ماختاش ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇلۇغلاشلىرىغا چىداپ تۇرالماي: «غوجاڭلار دىنى جەھەتتىن مۇشرىك، مىللىي جەھەتتىن مۇناپىق، ئىلمىي جەھەتتىن جاھىل، ئەقلى جەھەتتىن ساراڭ ئادەمكەن» دەپ تاشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا كۈرەش باشلانغان بولدى. بۇ كۈرەش  ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى، بۇ ئۇزۇن زامان ئىچىدە ئۇلارمۇ ئۆز دىنىدىن (پەتھۇللاچىلىقتىن) ۋاز كەچمىدى، مەنمۇ ئۆز دىنىمدىن (ئىسلامدىن) ۋاز كەچمىدىم. ئۇلار بىلەن «يېقىندىن ھومىيشىپ»، «يىراقتىن تىللىشىپ»، بىر يەرگە كەلسەك «چاپاننىڭ ئىچىدىن خەنجەر تەڭلىشىپ» ياشىدۇق. مەن تۈركىيەدە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا پەقەت ھاقارەتلەش، تىللاش ۋە غەيۋەت قىلىشتىن باشقا ئەزىيەت بېرەلمىدى.

ئۆتكەن يىلى (يەنى 2016- يىلى)، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى كېچىدە مەزكۇر پەتھۇللا يېتىشتۈرگەن خائىنلاردىن تۈركىيە دۆلەت ئارمىيەسى ئىچىگە سىڭىپ كىرىۋالغان بىر قىسىم ئەسكەر قىياپەتلىك تېررورچىلار تۈركىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى ۋە شۇ كېچىنىڭ ئۆزىدىلا مەغلۇپ بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى پەتھۇللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلغانلىقى، مەقسىتىنىڭ 40 يىللىق پىلان بويىچە تۈركىيەنى بەشكە بۆلۈپ ئىنسانىيەت ۋە ئىسلامىيەت دۈشمىنى بولغان بىرقانچە ۋەھشىي دۆلەتكە بىرەر پارچىدىن ھەدىيە قىلماقچى بولغانلىقى شۇ چاغدىلا ئايدىڭلاشتى، بۇ قورقۇنچلۇق پىلان كۈنلەر ۋە ئايلار ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. بۇ ۋەقەگە باشلامچىلىق قىلغان، قوماندانلىق قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلغان ۋە قوللىغانلاردىن نۇرغۇنلىغان كىشى تۇتۇلدى، تۇتۇلىۋاتىدۇ.

تۇتۇلغانلار قاماقخانىلاردا، تۇتۇلمىغانلار جەمئىيەتتە ھەر كۈنى گېزىت–ژۇرنال ۋە رادىئو-تېلېۋىزورلاردا، پەتھۇللا ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئۇنىڭ خائىنلىقىنى، مۇناپىقلىقىنى، ساراڭلىقىنى ۋە ئىسلام دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىدۇ. ھېچبىرىنىڭ پۇشايمان قىلغىنى يوق، تەۋبە قىلغىنىمۇ، ئىرادىسىدىن يانغىنىمۇ يوق. جۈملىدىن ئۇيغۇر پەتھۇللاچىلارمۇ پەتھۇللاغا بولغان مۇھەببىتىنى، مۇسۇلمان داھىي ئەردوغانغا بولغان نەپرىتىنى ئەينەن ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر پەتھۇللاچىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى تۈركىيەنىڭ سىرتىغا قاچقان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان قولچوماقلىرى تۈركىيەنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ ۋە ھەر پۇرسەتتە غوجىسىنى ئاقلاۋاتىدۇ، ئەردوغانغا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا شالىنى چېچىۋاتىدۇ.

2- تائىپە

يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئىستانبۇلغا بىر قىسىم غەلىتە ئۇيغۇرلار پەيدا بولۇپ قالدى. چىرايى ئۇيغۇر، لېكىن شەكلى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى ئۆزگىچە. ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرىپى مۇنداق: ئەرلىرى بومبا ساقال، پاخپاق چاچ، قىسقا ئىشتان، باداڭ قورساق. ئاياللىرىنىڭ ئۈستىدە ئوشۇقلىرىغىچە قارا ئابايى، يۈزلىرىدە قارا نىقاب، قوللىرىدا قارا پەلەي. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن «ئىنشائاللاھ، ماشائاللاھ» چۈشمەيدۇ، لېكىن تولىسى ساۋاتسىز

ئۇلار شۇنچىۋالا سىرلىق بولۇپ، ھېچبىرى تىجارەت قىلمايدۇ، ئىشلىمەيدۇ، پۇل تاپمايدۇ. لېكىن ھېچبىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى باردەك كۆرۈنمەيدۇ. ئىستانبۇلغا كېلىش شەكلى ۋە كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئۇسۇلى پەرقلىق. مەسىلەن

1- ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەزى رايونلاردا بەزى ئىسىملەر بىلەن دۇكان ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇ رايوندىكى «سەپداش»لىرى ھەر كۈنى دۇكانغا پەيدا بولىدۇ- دە، قوللىرىغا ئاخىرقى مودېل قول تېلېفونلىرىنى ئېلىشىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېفونلىرىغا قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ. دۇكانچى ئۇلارغا بىر نەرسە دېيىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ بۇ سىرلىق سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇكاننىڭ ئىنتېرنېتىدىن پايدىلىنىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىگە تەرەپدار توپلاش ئۈچۈنمۇ ۋەياكى بىر يەرلەردىن «ئەمىر» ئېلىپ بىر يەرلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ بىلىنمەيدۇ

2- ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماشىنا ئېلىپ مىنگەن، ئەرلىرىنىڭ تولىسىنىڭ ئىككىدىن، ئۈچتىن خوتۇنى، ئالتە يەتتىدىن بالىسى بار. ئاياللىرىنىڭ تولىسى بىر «مۇجاھىد»نىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى خوتۇنى… بىر ئۆيدە ئىككى-ئۈچ ئائىلە ياشايدۇ، نامەھرەم بولمايدۇ، لېكىن ئاياللىرى نامەھرەم بولىدۇ دەپ، سىرتتا ئاياللارنىڭ سورۇنلىرىدىمۇ يۈزىنى يۆگەپ، قولىغا قارا پەلەي كىيىپ ئولتۇرىدۇ

3- ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ تولىسى ئۆزلىرىنى بەزى ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىۋالغان. ھەممىسىنىڭ ئومۇمىي ئىسمى «مۇجاھىد». ئۇلارنىڭ «پىدائىي»لىرى ئالدى بىلەن «ۋەتەندىن قېچىپ»، «قاراڭغۇ يول» بىلەن بەزى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە «ھىجرەت قىلغان»، ئاندىن «مىڭ بىر مۇشەققەت بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن». «ئەمىر»لىرى ۋە «ئالىم»لىرى بولسا قوللىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي پاسپورتى، ۋەتەندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىۋاسىتە ئىستانبۇلغا كەلگەن

4- ئۇلار ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن يەنى ئىلگىرى تىجارەت، زىيارەت، ئوقۇش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ھېسابلىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا سالام قىلمايدۇ، سالام قىلسا ئىلىك ئالمايدۇ، يەرلىك تۈركلەرنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يۆگىمەيدۇ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئالدىدا بىرقانچە قات يۆگەيدۇ، يەرلىكلەر ياردەم قىلسا قوبۇل قىلىدۇ، كونا ئۇيغۇرلار ياردەم قىلسا قوبۇل قىلمايدۇ.

ئۇلارنىڭ شوئارى تۆۋەندىكىچە

قۇرئاندا خىتاي كاپىر، خىتاي دۈشمەن دەپ بىر ئىپادە، خىتايغا قارشى تۇرۇڭ دەپ بىر ھۆكۈم يوق. شۇڭا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتاي ئەمەس، ئۇيغۇر مەزلۇم، خىتاي زالىم دېگەنلەر مىللەتچى. قۇرئاندا يەنە تۈركىستان، ۋەتەن، ئۇيغۇر، مىللەت دېگەن ئىپادىلەرمۇ يوق. شۇڭا تۈركىستان داۋاسى قىلغانلار ۋەتەنچى، ئۇيغۇر داۋاسى قىلغانلار مىللەتچىدۇر. مىللەتچى، ۋەتەنچىلەرنىڭ قەتلى ۋاجىپتۇر…. تۈركىيە دارۇلھەرب (دۈشمەن دۆلەت)، ھۆكۈمىتى تاغۇت، ئەردوغان مۇرتەتتۇر. شۇڭا تۈركىيەنىڭ مەسچىتلىرىدە ناماز ئوقۇشقا، مەكتەپلىرىدە بالا ئوقۇتۇشقا بولمايدۇ. تۈركىيەنى ياخشى كۆرگەن، ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ۋە ئەردوغاننى سۆيگەنلەر كاپىردۇر. كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش پەرزدۇر

مەن مەزكۇر ئىككى ساراڭ تائىپىسىنىڭ بۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋالىنى ئويلىسام ئۇستازىمنىڭ باشتىكى سۆزى ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇ سۆزنى ئاڭلىشىمنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى

بىزنىڭ يۇرت ئاھالىسى شالاڭ بىر جاي بولۇپ، قۇملۇق ۋە شورلۇق يەرلەر كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن؟- تاڭ، مەن ئۇستازىمدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا كۆپ كىشىگە جىن چاپلىشىۋالاتتى

جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تولىسىنىڭ ئائىلىسى ئۇستازىمنى «دۇئا ئوقۇپ جىننى قوغلىۋېتىشى» ئۈچۈن چاقىراتتى. ئۇستازىم ھەر چاقىرىلغان يېرىگە مېنى ۋە باشقا بىرقانچە تالىپىنى ئېلىپ باراتتى ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا دۇئا ئوقۇيتتۇق، جىن چاپلىشىۋالغانلارنىڭ تولىسى تۈزىلەتتى، لېكىن يۈزدە 5 پىرسەنت قىسمى تۈزەلمەيتتى، ئەكسىچە ئوقۇغانسېرى ئەزۋەيلەپ كېتەتتى. بىر كۈنى مۇشۇنداق تۈزەلمىگەن بىر ساراڭغا تەكرار دۇئا ئوقۇغىلى كېتىۋېتىپ يولدا ئۇستازىمدىن: «ئۇستاز! دۇئا قانداق ساراڭغا پايدا قىلىدۇ، قانداق ساراڭغا پايدا قىلمايدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم، رەھمەتلىك ئۇستازىم: «ئوغلۇم! جىن سىلاپ قويغان ياكى يالاپ قويغان ۋەياكى تېگىپ قويغان سەۋەبتىن ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا پايدا قىلىدۇ، لېكىن جىن پېشابىنى يېگۈزۈۋەتكەن سەۋەبتىن ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا پايدا قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى

خوش، سوئال

پەتھۇللا گۈلەننىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پەتھۇللاچىلىقتىن ئىبارەت ساراڭلىقتىن تۈزەلمىگەن ئۇ ساراڭلارغا پەتھۇللا گۈلەن پېشابىنى يېگۈزۈۋەتكەن بولغىيمىدى؟!

ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان، ۋەھشىيلىكتە ئوخشىشى، قانخورلۇقتا تەڭدىشى بولمىغان قارا كاپىرلارنى دوست بىلىدىغان بۇ ساراڭلارغا ئۇ كاپىرلار (خىتتايلار) پېشابىنى يېگۈزۈۋەتكەن بولغىيمىدى؟

ئەگەر راستتىنلا پەتھۇللا گۈلەن ئۇ چوقۇنغۇچىلىرىغا، خىتتايلار بۇ مەستانىلىرىگە پېشابلىرىنى يېگۈزۈۋەتكەن بولسا، شۇڭا بۇ ئىككى تائىپىگە ئاللاھنىڭ ئايىتى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى كار قىلمامدىغاندۇ؟! كۆزلىرىنى ئېچىشى ئۈچۈن پەتھۇللانىڭ ئىسلامغا، ئىسلام دىيارلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلغان خىيانەتلىرى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان ۋە سېلىۋاتقان شۇنچە زۇلۇملىرى كۇپايە قىلمامدىغاندۇ؟

ئەجەبا، بۇ ئىككى خىل ساراڭلىقنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى ئوخشاشمىدۇ؟

 

 

‏2017‏-06‏-01

Share
2853 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.