logo

trugen jacn

ئىسپانىيەدە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مايوركا شەھىرىدە ئىلھام توختى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار تېمىسىدا بىر قانچە كىتابى نەشر قىلىنغان گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئىنىگرىد خانىم، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى مارىيە ھولزمان خانىم قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

ئەنۋەر جان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىندا ئىنگرىد خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا، مارىيە ھولزمان خانىمنىڭ بولسا شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆزى بىلەن يەنە بىر دىپلوماتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مايوركا ئىسپانىيەنىڭ ئارال شەھىرى بولۇپ، مايوركا شەھىرىنىڭ باشلىقى يىغىن مەزگىلىدە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» بىلەن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ شۆبە مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلغان، ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن. ئۇچرىشىشتا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرى مايوركا شەھىرىنىڭ باشلىقىغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارىيە ھولزمان خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۆزىنى ئەڭ كۆپ تەسىرلەندۈرگەن ھادىسىنىڭ مايوركا شەھىرىنىڭ ئىلھام توختىغا قىزىقىشى، مايوركا شەھىرىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپى بۈگۈن ئەتىگەن مايوركا شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكىنىمىز بولدى. بەك ياخشى ئادەم ئىكەن. ئۇ بىزنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىمىزنى قىزىقىپ ئاڭلىدى. ئۇ، مايوركا شەھىرىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. ئۇ، يېقىندا مايوركا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە تېشى تىكلەيدىكەن. بۇ پەقەتلا ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سالىدىكەن.»

ئىلھام توختى توغرىسىدىكى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» مايوركا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئانتونىئو كارلوس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى مايوركا خەلقىگە تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئاچقانلىقىنى ھەمدە بۇ مەقسەتكە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 4-ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا چاقىرىلغان رەسمىي يىغىنىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىككى قېتىم، باۋارىيە پارلامېنتىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يېقىندا ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلىغان ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-10262017141859.html

Share
2927 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.