logo

trugen jacn

ئىسرائىلنىڭ چوڭ پۇشايمىنى – __ غېرىب

ئىسرائىلنىڭ چوڭ پۇشايمىنى

 

ئىسرائىل ئىستىخبارات ئىدارىسى (موساد)نىڭ يېقىنقى تارىختا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ <<خاتالىق>>لىرىدىن بىرى، قاتتىق قول ۋە قوپال خىتابلىرى، كەسكىن سىياسىي پوزىتسىيەلىرى بىلەن زىيونىستلارغا ئەڭ ئەجەللىك زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خاماس رەھبەرلىرىدىن بىرى يەھيا سىنۋار.
يەھيا ئىبراھىم ھەسەن سىنۋار _ 1962 – يىلى <<خان يۇنۇس>> لاگىرىدا تۇغۇلغان يەھيا سىنۋارنىڭ بالىلىقى مۇھاسىرە ئاستىدىكى خان يۇنۇس لاگىرىدا يەھۇدىلارنىڭ تاجاۋۇزى، نامراتلىق ۋە قاتتىقچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇ غەززىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستىدە ئەرەب تىلى بۆلىمىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتىت باسقۇچىدىن باشلاپلا ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ۋە كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ، ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ تۇرىدۇ. گەرچە سىنۋار خاماسنىڭ قۇرلىشىغا قاتناشقان پىشقەدەم رەھبەرلەردىن بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىچىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۇنى ھەرقايسى پىشقەدەملەردىن قېلىشمايدىغان ئورۇنلارغا ئېلىپ كېلىدۇ.
<<مۇساد>>قا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىستىخبارات ئورگىنىغا ئىگە بىر دۆلەت بىلەن كۆرەش قىلىۋاتقان خاماسنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆتكەللىرىدىن بىرى، ئەلۋەتتە خىيانەت ۋە جاسۇسلۇق مەسىلىسى ئىدى. بۇ نوقتىنى بالدۇرلا بايقاپ يەتكەن سىنۋار خاماسنىڭ قۇرغۇچىسى، پەلەستىن جىھادىنىڭ روھىي ئاتىسى <<شەيىخ ئەھمەد ياسىن>>غا بىخەتەرلىك ھەققىدىكى بىر قىسىم پىكىرلىرىنى تاشلايدۇ. شەيىخ ئەھمەد ياسىن سىنۋارنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، بىر ئىستىخبارات تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىشقا بۇيرىيدۇ. يەھيا سىنۋار دەرھال بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ، بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئىسرائىلغا ئىشلەيدىغان ئىستىخبارات خادىملىرى، ساقچى ۋە ھەربىيلەرنى كۆزۈتۈپ مەلۇمات توپلاشقا باشلايدۇ.
ئەلۋەتتە سىنۋارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى زىيونىستلارنىڭ كۆزىگە چېلىقماي قالمايدۇ. يەھيا سىنۋار 1982 – يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ”ئىسرائىلغا قارشى خەۋىپسىزلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان“ دېگەن ئەيىبنامە بىلەن 6 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يەنە ئالتە يىلدىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان جازاسىغا كۆرە ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. 1988 – يىلى، 20 يانۋار كۈنى ”<<پەلەستىن مۇجاھىدلىرى>> ئىسمى بىلەن تونۇلغان تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرىي ئورگىنىنى قۇرۇپ چىققان ۋە قاتناشقان“ دېگەن ئەيىبنامە بىلەن تۆت قېتىملىق ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىدىن سىرت 30 يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
ئۇزۇن يىللىق تۈرمە ھاياتى باشلانغان سىنۋار <<كىرزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ>> ئىبرانچىنى ئىنتايىن پىششىق ئۆگىنىدۇ. ئۇ، تاكى 2011 – يىلى مەھبۇسلۇق قەپەسلىرىدىن چىقىپ، ئەركىنلىك ئاسمىنىدا ئەمەلىي مەيدانلاردا ھەرىكەت ئېلىپ بارغانغا قەدەر ئىسرائىل دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىگە ئالاقىدار خەۋەر، پروگرامما ۋە تەھلىل ماقالىلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى بىرىنچى قول ماتىرياللاردىن بىۋاستە چۈشۈنۈشكە تىرىشىدۇ. 2011 – يىلى پەلەستىن قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە نىسپەتەن مول ھوسۇللۇق بىر پەسىل بولۇپ قالىدۇ؛ ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس 2006 – يىلى قولغا چۈشۈرگەن ئەسىرى <<جىلئاد شالىيت>> 5 يىلغا سوزۇلغان سۆھبەتتىن كېيىن 2011 – يىلى، <<ھۆرلەرگە ۋاپا>> ناملىق چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە ئىسرائىل تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 1027 نەپەر پەلەستىنلىك ئەسىر بىلەن ئالماشتۇرلىدۇ. ئەنە شۇ 1027 نەپەر ئەسىر ئىچىدە خاماسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئەزاسى، ئىستىلاچى زىيونىستلارنىڭ قويۇپ بەرگىنىگە كۆپ پۇشايمان قىلغان ئەسىرى يەھيا سىنۋارمۇ يەر ئالغان ئىدى.
ئىسرائىل جەمئىيىتى <<سۆيۈملىك ئوغلى>> جىلئاد شالىيتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىنىڭ خۇشاللىق كەيپىنى تولۇق چىقارماي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ چوڭ پۇشايمىنى باشلىنىدۇ؛ 23 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئىبرانچىنى ئىنتايىن پىششىق ئۆگەنگەن، تۈرمە ئىچىدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە موساد خادىملىرىنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىشىلىرىدە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بوياپ كەلگەن يەھيا سىنۋارنى 23 يىللىق تۈرمە قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. ئەكسىچە ئۇ تېخىمۇ كەسكىن، قورقماس، تەجرىبىلىك ۋە دۈشمىنىنىڭ جەمئىيىتى، پىسخىكىسى، ھەرىكەت مىزانى، ئىچكى نىزالىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى بەش قولدەك ئىنىق بىلىدىغان تېخىمۇ <<خەتەرلىك بىر يولۋاس>>قا ئايلىنىپ <<ئورمان>>غا قايتقان ئىدى.
2011 – يىلى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرۇلغان يەھيا سىنۋار، بىر يىلدىن كېيىن 2012 – يىلى غەززە رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامغا قاتنىشىپ خاماسنىڭ سىياسىي ئورگان ئەزالىقىغا ئېرىشىدۇ ۋە بىرلا ۋاقىتتا <<ئىززۇددىن قەسسام>> بىرگادىسى ئەسكىرىي قىسمىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. سىنۋارنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلىرىدىن مەمنۇن بولمىغان ئامىرىكا ھۆكىمىتى قەسسام باش قوماندانى مۇھەممەد دىيف ۋە خاماسنىڭ سىياسىي ئورگان ئەزاسى روھىي مۇشتاھا قاتارلىقلار بىلەن سىنۋارنىمۇ خەلقئارالىق تېرورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش بىلەن بېسىم قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئىسرائىل ھۆكىمىتىمۇ تېخى بىر يىل ئالدىدىلا <<خەتەر شەكىللەندۈرمەيدۇ>> دەپ قاراپ قويۇپ بەرگەن سىنۋارنى غەززە رايۇنىدا كۆزدىن يوقۇتىلدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ خىل سىياسەتلىرى بىلەن خاماسنىڭ <<ئارقىغا چېكىنىدىغانلىقىنى>> پەملىگەن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل ھۆكۈمەتلىرى كۈتۈلمىگەن جاۋابقا ئېرىشىدۇ؛ يەھيا سىنۋار ھازىرقى خاماس سىياسىي ئورگان لېدىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئورنىغا غەززە مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
ئەلقەسسام بېرگادىسى باش قوماندانى مۇھەممەد دەيف بىلەن بىر مەھەللىلىك ۋە دەيىفنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان، 7- ئۆكتەبىر ئەتتىگىنى ئىسرائىل (مۇستەملىكە ئاستىدىكى پەلەستىن تۇپراقلىرى)غا قىلىنغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە مەسئۇللىرىدىن بىرى دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان يەھيا سىنۋار چەتئەل ۋە تېلئەبىب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. تېلئەبىبتىكى مىللىي بىخەتەرلىك ئاكادىمىسى <<سىتراتىجىك ئاسىسمەنت>>نىڭ داڭلىق تەتقىقاتچىسى كوبى مايكېل سىنۋارنى سۈپەتلەپ: ئۇ پەقەت دىنىي ئىبادەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلغا قارشى <<دىنىي ئاشقۇنلۇق>>تىمۇ ئىنتايىن دىندار بىرى. ئۇنىڭ روھىيىتى ۋە زېھنىدە تىرىك شەھىدلىك ئوبرازى مەھكەم ئورناپ كەتكەن، ئۇ ئۆلۈمدىن ياكى ئۆزىنى پىدا قىلىشتىن ئەسلا قورقۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاشقۇن نەزىدە پەلەستىن خەلقىنى يېتەكلەپ ئىسرائىلنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ، دەيدۇ.
سىنۋار ئىكونومىك بىرىتانىيە ژورنىلى تەرىپىدىن: پەلەستىن تۇپراقلىرىدىكى ئەڭ چوڭ نۇپۇز – تەسىرگە ئىگە كىشى دەپ سۈپەتلىنىپ كەلگەن بولسا، نىتىنياھو تەرىپىدىن: مېڭىۋاتقان ئۆلۈك ئادەم، دەپ تەرىپلەنمەكتە.
• 1988 – 2021 يىللىرى ئارىسىدا ئۆيى 3 قېتىم بومباردىغان قىلىنغان سىنۋار ئىستىلاچى ئىسرائىلغا دائىم جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ئىسرائىل بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلمەكتە.
يەھيا سىنۋارنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىزدىنىۋېتىپ ئىختىيارسىزلا 20 يىلدىن ئارتۇق ھايتىنى خىتتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزۈپمۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي شاھادەت شەربىتى ئىچكەن كىرەم قارىم خىياللىرىمدىن كەچتى.
• كەرەملىك ئاللاھتىن ئەنە شۇنداق قەھرىمانلارنىڭ ئېقىتقان قانلىرى ۋە بەرگەن قۇربانلىقلىرى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن تەۋھىد – ئىسلام ئامانىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە بۇ يولدا تۈلەشكە تېگىشلىك بەدەللەرنى ئىككىلەنمەي تۆلىيەلەيدىغان ئىمان ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.

بومباردىمان قىلىنغان ئۆيىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئىسرائىلنى مەسخىرە قىلىپ سۈرەتكە چۈشكەن قوماندان يەھيا سىنۋار👇.

__ غېرىب.

Share
1628 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.