logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدىكى قارا چۈمبەللىك ئاچا-سىڭىللارغا سەمىمى تەكلىپ

 

 

ئاپتورى: كاسسىنى

 

مەن بىر ئاۋاز بىر قەدەم دۇنيا ئاياللار نامايىشىنىڭ ئىستانبۇل تارمىقىنى خوشاللىق ۋە ھاياجان ئىچىدە كۆرۈۋاتاتتىم. ئاياللار سانىنىڭ ھەرقايسى دۆۋلەتلەردىكىگە سەلىشتۇرغاندا پەۋقۇلئاددە جىقلىغى ، لەپىلدەۋاتقان ئاي يۇلتۇزلۇق ھاۋارەڭ بايراقققا يانداش بىر خىل ئارتىلغان ھاۋا رەڭ شارپىلاردىن  قەلبىم يورۇپ ئىچىم خوشاللىققا چۆمگەن ئىدى. تۇيۇقسىز يۈز كۆزىنى قارا چۈمبەل بىلەن ئورىۋالغان خانىملارغا كۆزۈم چۈشتى. ئىچىمنى قانداقتۇر ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئەندىشە ۋە  بىر بىارامچىلىق قاپلىۋالدى. بۇ يەردە بىلىپ بىلمەي دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ سىياسى ئويۇنى ۋە نەيرەڭۋازلىغىنىڭ پايدىسى يۆنۇلۈشىگە كېتىۋاتقان بىر قىياپەت كۆرۈنۇپ تۇراتتى

 

ئەلبەتتە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەيتقاندا، باشقىلارنىڭ كىيىم كەچىگى ھەققىدە گەپ قىلىش ھەتتا يەرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بىرسىنىڭ كىيىمى ھەققىدە گەپ قىلىشمۇ ئىنتايىن ئەغىر گۇنا. مەن، خۇددى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى مەلۇم بىر لىكسىيەسىدە ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكىنىدەك ‘ئىسلام بار، مۇسۇلمىنى يوق’ بىر دۆۋلەتتە ياشايمەن. بۇ دۆۋلەتتە بىر كىشى مەيلى يۈز كۆزىنى ئورىۋالغان بولسۇن ،مەيلى يەرىم يالىڭاچ بولسۇن، باشقىلارنىڭ كىيىم كەچىگى ھەققىدە گەپ قىلىشنى، ۋە كىيىم كەچىگىگە قاراپ باشقىلارغا باھا بەرىشنى ئىنتايىن ئەيىپ ۋە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى قارا پەرەنجىلىك ئاچا-سىڭىللارنىڭ قارا پەرەنجىلىرى ھەققىدە گەپ قىلىش ۋە بۇنى كىيمە دىيىش ھەددىم ئەمەس

ئەي قارا پەرەنجىلىك ئاچا سىڭىللار، سىلەرنىڭ سىرتىڭلارنىڭ خۇددى تۈن كەچىسىدەك قارا بولغىنى بىلەن، ئىچىڭلارنىڭ ۋەتەن مىللەت غەمى بىلە ئوت بولۇپ يانغان بىر گۇلخان بىر ۋولقان ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلىمەن. سىلەرنىڭ قەلبىمدىكى ئورنۇڭلار، قول پۇتلىرىنى مەدىكۇرە- پەدىچۇرە قىلىپ، ئۆزىنى ياساپ، ھېلى ئېرى ئېلىپ بەرگەن ئۈزۈك بىلەن ھېلى ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە ماشىنىلار بىلەن ماختىنىپ يۈرۈيدىغان، قەلبىدە زەررىچە ۋەتەن مىللەت ھىسسىياتى بولمىغان ئاياللاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە يۇقۇرى. سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلار ، ئۆز دىنىڭلاردا ئاللاغا بولغان ساداقەتمەنلىگىڭلاردا ئىنتايىن چىڭ تۇرغۇچىلار. شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن تاكى مالايشىيا، تايلاند، ۋە تۇركىيەگىچە بولغان بۇ خەتەرلىك جۇغراپىيەدە، ھەم ئالدانغان ھەم تاۋلانغان، ھەم يۈرىگى يارا بولغان، ھەم ۋەتەن مىللەت داۋاسىنى خەلقارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان، قەھرىمانسىلەر. سىلەر يۈننەن، كۇنمىڭ قاراڭغۇ ئورمانلىقلىرىدىن تاكى مالايشىيا تايلاند تۇپراقلىرىغىچە، قوللىرىڭلاردا ئەمىتىۋاتقان بالىلىرىڭلار بىلەن، ئەرلەر بىلەن باراۋەر پىيادە يول يۈرۈپ ئەركىنلىك ئىزدىگەن قەخرىمان ئەركىنلىك جەڭچىسىسىلەر. سىلەر بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇنلىغان ‘ئەجەبا؟  دىگەن سواللار ئەگىشىپ يۈرمەكتە. بۇ سواللار سىلەرگە ئەمەس سىلەرنى  مۇشۇ يولغا باشلىغان، ساختا ئىنقىلاپچى ساختا مىللەتچىلەرگە قويۇلغان.بەزىلىرىڭلارنىڭ سەبى بالىلىرى بۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلدى بەزىلىرىڭلارنىڭ ئەرلىرىڭلار خىتاي تەرىپىدىن باشلىرىغا تاغار كىيگۈزۈلۈپ خىتايغا قايتۇرۇلدى. بەزىلىرىڭلارنىڭ ئەرلىرى كۆرۇنمەس قوللار ئارقىلىق ISIS قا ئەۋەتىلدى. سىلەر پۇل تېپىش مەخسىدىدە بۇ رەزىل ئويۇننى باشلىغان ئادەم بىدىكلىرىنىڭ ئالدىشىغا ئۇچۇرغان بىغۇبار، پاك ئاچا سىڭىللارسىلەر. سىلەر ھەق ئادالەت كۈرەشلىرىنىڭ، نامايىشلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان قەيسەر كۇرەشچىلەرسىلەر.سىلەرگە ھورمىتىم چەكسىز

 

 

ئەمما سىلەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى ئويلۇشۇپ بېقىشىڭلار كېرەك دەپ قارايمەن

بۇ ھەرگىز مېنىڭ ئاياللارنىڭ ئىسلامچە كىيىنىشىنى رەت قىلغانلىغىم ئەمەس. مەن ئىسلام دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىنىڭ پەرز قىلىنغانلىغىنى، ئەمما قارا چۈمبەلنىڭ ئەمەسلىگىنى ياخشى بىلىمېن.

 

1-     ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولغاندەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ تارختىن بۇيان ياراتقان كىيىم كەچەك مەدىنيىتى بار. ھەر بىر ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ بۇ مەدىنيەتنى قوغداش مەجبۇريىتى بار. بۇ مەدىنيەت قارا پەرەنجە ياكى قارا چۈمبەل مەدىنيىتى ئەمەس. قارا پەرەنجە ئەرەپ مەدىنيىتىگە مەنسۇپ ۋاھابىلارنىڭ كىيىم كىچەكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئۇيغۇر دەردى ئوت بولۇپ يەنىۋاتقان بىلەن، سىرتىڭلاردا ئەرەپ مەدىنيىتىنى ياقلاشتەك بىر ۋەزىيەت كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. يا دىگىنىڭلاردەك بولۇڭلار ياكى كۆرۈڭىنىڭلاردەك. سىلەرچە بولغاندا ئۇيغۇر كىيىم كەچەكلىرىنى، ئىسلامچە كىيىم كىچەك قىلىپ كىيگىلى بولمامدىكەن؟ يېنىڭلاردىكى تۈرك ئاياللىرىغا قاراڭلار ئۇلار، نىمە دىگەن چىرايلىق ھالەتتە، تۈرك كىيىم كەچەك مەدىنيىتىنى ساخلاپ قالغان ئاساستا ئىسلامچە كىيىنگەن ھە؟ ئەجابا سىلەرنىڭ تۈرك ئاياللىرىنىڭ كىيىم- كەچەك مەدىنيىتىدىن ئەندىزە ئالماي ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەپ ۋاھابىلىرىنىڭ تاشلىۋەتىش ئالدىدا تۇرغان قارا چۈمبەللىرىنى تاللىۋەلىشىڭلارنىڭ ئاستىغا باشقا بىر نەرسە يوشۇرۇنغانمۇ-يە؟

2-     ئەگەر ھەممە ئاياللار سىلەرنىڭ ئەيتقىنىڭلار بويىنچە ئاللاغا بولغان ساداقىتىنى قارا پەرەنجىگە چۈمكۈنۈش بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولسا، بىزنىڭ جۇلالىق ئەتلەسلىرىمىز، بىزنىڭ ھەر خىل گۈزەل دوپپىلىرىمىز، بىزنىڭ ھەر خىل ئىپەك، شىپىڭ دۇخاۋا كۆينەكلىرىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئاسارە –ئەتىقىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى جاپا تارتىپ يوق قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشىغىمۇ ئورۇن قالمىغان بىز ئۆز قولىمىز بىلەن، ئۈيغۇر مىللى كىيىم كەچەكلىرىمىزنى يوق قىلىپ بەرگەن بولىمىز.

3-     مەن بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر داموللاملار ۋە قارا پەرەنجەنى ئۆزىنىڭ مىللى كىيىمى قىلىپ تاللىۋالغان (يەنى ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرىنى رەت قىلغان) خانىملار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. ئۇلارنىڭ ئەيتىشىچە ئىسلام دىنىدا خانىم قىزلارنىڭ قارا پەرەنجە يەنى چۈمبەلگە ئورۇنىۋەلىشى پەرىز ئەمەسكەن. ئەگەر بۇنداق كىيىنمىسە گۇناھ بولمايدىكەن، كىيىنسە ساۋاپ بولىدىكەن. ئەمما ئەي قارا چۇمبەللىك ئۇيغۇر ئاچا سىڭىللىرىم سىلەر مۇشۇ قارا چۈمبەللىرىڭلار بىلەن ئاللا ساۋاپ بەرىدىغان يەنىمۇ نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارغا كىرەلمەيۋاتىسىلەر.

4-     كىيىم كەچەكتە چەكتىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەر ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارنى بىارام قىپ كەلدى. مەيلى ئۇلار يەرىم يالىڭاچ كىيىنگەنلەر بولسۇن ۋە ياكى ئىككى كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ قارا چۈمبەلگە چۈمكۈنىۋالغالار بولسۇن. ئاللا ھەم قۇرئاندا ئەنىق قىلىپ مەن چەكتىن ئاشۇرغۇچىلارنى خالىمايمەن دەيدۇ. سىلەر ئەلبەتتە يەرىم يالىڭاچ كىيىنگەنلەردىن قانداق بىارام بولساڭلار ، باشقىلارمۇ سىلەرنىڭ قارا چۈمبەلگە ئورۇنۇپ سىرلىق كۆرۈنۈشىڭلاردىن بىارام بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارا پەرەنگە ئوغرى قاراقچىلارنىڭمۇ، رادىكال تەرورىستلارنىڭمۇ كىيىمى.باشقىلارغا ئۇلارنى بىارام قىلمىغان بىر شەكىلدە، گۈزەل ۋە دوستانە كۆرۇنۈشمۇ ئىسلامنىڭ گۇزەل ئەخلاقلىرىنىڭ بىرى.

5-     بۇ نۇقتا مەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادا ئىسلامى رادىكالىزىمچىلار دەپ قارىلىپ قەلىشى مەسىلىسى. چۈنكى خەلقارادا قارا چۈمبەل ئىسلامى رادىكالىزىمنىڭ سىمبولى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققىنىغا ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن شۇنداق دەپ مۇەييەنلەشتۈرۈلگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولدى. يېقىندا خىتاي چەتئەلگە چىقارغان ۋەكىللەر ئۆمىگى، خىتايدىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئاخلاپ، ئۇيغۇرلار دىنى جەھەتتە ئىنتايىن رادىكال بوپ كەتتى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئىلىم پەن ۋە توغرا بولغان دىنى قاراش بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن بۇنداق مەركەزلەرنى ئاچتۇق دىدى ۋە بۇنىڭ پاكىتى سۇپىتىدە، قارا پەرەنجىگە چۈمكەلگەن ئاياللارنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتى. خىتاي دۆۋلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى دىنى رادىكال قىلىپ كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى خەلقاراغا ئۇيغۇرلار رادىكال ئىسلامچى دىگەن تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرماقچى ۋە بۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە، يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان خانىملارنى كورسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ تەشۋىقاتىدا مۇۋەپەقىيەت قازىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆچمەن بولۇش مەسىلىلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسى زور سەلبى تەسىرگە ئۇچۇرغان بولىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ مەلۇم بىر لىكسىيەسىدە ئۇزىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

6-     ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىيىم كەچەكلىرىگە ۋە مەدىنيىتىگە ئىگە چىقىش جەھەتتە مەن پاكىستانلىق ۋە ھىدىستانلىق خانىم قىزلارغا قايىل بولىمەن. دوسلارغا مەلۇم بولغىنىدەك ئەنگىلىيە  ئۇزۇن يىل ھىندىستان ۋە پاكىستاننى بېسىۋالغان. ئەمما پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى خانىم قىزلار ئۇزلىرىنىڭ مىللى كىيىم كېچەكلىرىدىن ھەرقاداق بىر ئېغىر ۋاقتتىمۇ ۋاز كەچكىنى يوق. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى چالدۇرۇڭ- جۇلدۇرۇڭ دەپ زاڭلىق قىلىدىغان بولسىڭىز ئۇلار سىزنى تويغۇزۇپ قويىدۇ. چۇنكى مىللى كىيىم كېچەكلىرى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى. ئەلبەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇلالىق ئىپپەك خان ئەتلەسلىرىنى ۋە باشقا ئىپەك رەختلىرىدىن ئىسلام دىنىغا لايىق كىيىم كىچەكلەرنى تىككىلى، نۇرغۇنلىغان گۇزەل دوپپىلرىمىزنى ياغلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەم ئۇيغۇرلىغىمىزنى ھەم مۇسۇلمان ئىكەنلىگىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر باش كىيىمى ئىجات قىلساق تامامەن بولىدۇ.

7-     يېقىندا Facebook تا بىر تۈرك قەرىندىشىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىستانبۇلدا كىيىۋالغان قارا چۈمبەلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى داۋا ئىشلىرىغا سەلبى تەسىر كورسۈتىدىغانلىغىنى قەيت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان ئىجدىماى تاراتقۇلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ساھەسىدە ئىنتايىن يوشۇرۇن قارا قولى بارلىغىنى، ئەرەبىستان، تۈركىيەدىكى مەلۇم كۈچلەر ۋە باشقا دۆۋلەتلەردىن تەشكىللەنگەن كۈچلۈك بىر قارا كۈچنىڭ، ئاۋال دىنى ئۈن ئالغۇ پىلاستىنكىلىرىنى ۋەتەننىڭ ئىچىدە بىمالال تارقاتقانلىغىنى، ئاندىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تايلاند مالايشىياغا باشلىغانلىغىنى ئاندىن سۈرىيە ۋە ISIS نىڭ يولىنى ئاچقانلىغىغا ئاىت ماقالىلار يېزىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئاۋستىرالىيەدە مەمتىمىن ئەلانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالدى. ئىچىمدە بىر ۋەھىمە بار ئۇ بولسىمۇ خىتاي مانا مۇشۇنداق قارا قوللار ئارقىلىق سىلەردەك سەبى –ئاق كۆڭۈل ئاچا سىڭىللىرىمىزنىڭ قارا چۈمبەلگە يۆگەپ قويۇپ، ئاندىن خەلقارادا ئۇيغۇر دەۋاسىنى رادىكال دىگەن تۆھمەت بىلەن يوق قىلىش قەدىمىنى ئاللىقاچان بەسىپ بولدى . شۇڭا سەگەك بولۇشىمز، ئەقىللىق بولۇشىمىز، ھىسسى ۋە ھاياجاندىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز، ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىگىمىز لازىم.

 

8-     سويۈملۈك قارا چۈمبەللىك ئاچا-سىڭىللار، خۇددى قاراڭغۇ ئورمانغا كىرىشتىن بۇرۇن، بۇ ئورماننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلىش ھەققىمىز بولغاندەك، سىلەرنىڭ كىيىم كېچەكلىرىڭلارمۇ ئەگەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلىغىغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويۇش ئەھتىماللىغى كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ كىيىم كېچەكلەرنى دەرھال نورمال كىيىم كەچەكلەرگە ئۆزگەرتىش مەجبۇريىتىڭلار بار. چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەۋجۇتلىغى ۋە خەلقارادىك ئوبرازىنى قوللاش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بلمايدىغان مەجبۇريىتى.

 

9-     ئىستانبۇلدا ياشايدىغان مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىمنىڭ، تۈركىيە رەئىىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى كىيىم كەچەك قىياپىتى مېنى ئىنتايىن ئۈمۈتسىزلەندۈردى. ئۇنىڭ كىيىم كېچىگى ئۇيغۇر كىيىم-كېچىگى ئەمەس بەلكى ئېەرەپ ۋاھابىلىرىنىڭ قارا چۈمبىلى ئىدى. ئۇنى ئەرەپ بىر ئايال ياكى ISIS ئۇرۇش مەيدانىدىن ھازىرلا ئىستانبۇلغا كەلگەن بىر ئايال مۇجاھىت بولسا كېرەك دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشىمىزتامامەن  مۈمكىن ئىدى. مېنىڭچە رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ ئۇنىڭ قارا چۈمبىلىنى تازا ياخشى كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن.  بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاختىمدا، بەزىلەر بۇ ئەركىنلىگىم دىيىشى مۈمكىن ئەمما رەجەپ تاييىپ  ئەردوغاننىڭ بىر سۆزى بار دەموكراتىيە دىگەن بىر تىرەنگە ئوخشايدۇ، ھامان بىر بىكەتتە چۈشۈپ قېلىشقا مەجبۇر بولىسەن دەيدىغان. بۇنداقلارغا مەنىڭمۇ بىر سۆزۈم بار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغا زەررىچە تەسىر يېتىپ قالىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ئەركىنلىگىڭنى ئەخلەتكە تاشلىۋەت ئاداش.

 

10-دۇنيانىڭ مەركىزى ھەساپلانغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان، قارا چۈمبەللىك ئاچا- سىڭىللارنى، دۇنيا ۋەزىيتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىنى، دۇنيانىڭ نەدىن نەگە كەتىۋاتقانلىغىنى ھەر زامان تەھلىل قىلىپ تۇرۇشىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا خىتاينى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قارىلاش سىياسىتىنى تولۇق چۈشۈنۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بار. قارا چۈمبەل ئەرەپنىڭ خاس نەرسىسى ئۇيغۇرنىڭ خاس نەرسىسى ئەتلەس ۋە باشقىلار.

10-   يېقىندا ئامېركا CBS تېلۋىزىيەسىدە ئەرەپ ئاياللىرىنىڭ كىيىم كەچەكلىرىگە قارىتا  تارىخى خارەكتىرلىق سۆز قىلغان، سەۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان: ئاياللار ئەدەپلىك ۋە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا كىيىنىشى كەرەكلىگىنى، ئەمما قارا چۈمبەل كىيىشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىگىنى، شەرىئەت قانۇنىنىنىڭ بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن ئەنىق كۆرسەتكەنلىگىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، شەرىئەتتە قارا چۈمبەل دىگەن بىر نەرسىنىڭ يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ كىيىم كېچىگىگە قارىتا دەۋر بۆلگۈچ ئىسلاھاتنى باشلىدى. ئەمما بىرمۇنچىلىغان جاھىل موللاملار شاھزادە مۇھەممەت بىن سالماننىڭ بۇ سۆزنى، ئامەركىنىڭ غالچىلىغىنى قىلغانلىق دەپ قارىغان بولسىمۇ ،  نۇرغۇنلىغان دىنى ئۆلىمالار بىردەك قارا چۈمبەلنىڭ شەرىئەتتە يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دىمەككە يېقىن كەلەچەكتە، ئەرەپ ۋاھابىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم كەچىگى دەپ كىيىپ كەلگەن قارا چۈمبەلنى پىقىرتىپ تاشلىۋەتكەن تەغدىردىمۇ، ئىستانبۇلدىكى ئاچا-سىڭىللار دۇنيانىڭ بىردەك رەت قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بۇ قارا چۇمبەلنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرارسىلەرمۇ؟

 

ئىستانبۇلدىكى ئۆلىمالار بىرلىگىدە چاتاق بارمۇ قانداق؟

 

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق ئىككى نەرسە ئاسان كۆزگە چەلىقىدۇ. بۇنىڭ بىرى تۈركىيەدە شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا ئۆزىدىن يوغان ناملار ئوڭاي ۋە ئويلاشمايلا بېرىلىدۇ. يەنە بىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بەك ۋاقىراپ گەپ قىلىدۇ. خۇددى قانچە كۈچلۈك ۋاقىرسا شۇنچە ھەقلىق بولىدىغاندەك.

 

ئەسلىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان قارا چۈمبەل مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە مەسىلىلەرنى ئۆلىمالار بىرلىگى ھەل قىلىمەن دىسە بىردەمدە ھەل قىلىپ كەتكەن بولاتتى. ئەمما ئۇلار بىر كۆزىنى قىسىۋېلىغلىق. قارا چۈمبەل مەسىلىسىدىلا  ئەمەس بەلكى خېلى نۇرغۇن ئىشلاردا بىر كۆزىنى قىسىۋەلىغلىق.

 

ئەسلىدە ماقالەمدە ئۆلىما دىگەننىڭ نىمىلىگى، ئۆلىمانىڭ مىللەتنىڭ سىياسى تەغدىرىدىكى سەزگۈرلىگى ھەققىدەىمۇ توختالماقچى ئىدىم ئەمما، ۋاز كەچتىم زىددىيەتلىك تىمىلارغا كىرىپ، گەپ سوز چۆچەكنى ئاۋۇتقۇم يوق ئەمما، ئۆلىمالار بىرلىگىگە كۆڭلۈمدە نۇرغۇن سواللىرىم بار. بەلكىم بۇ سواللىرىمنىڭ بەزىلىرىگە ۋاقت جاۋاپ بەرەر، بەزىلىرىنى تەخىمۇ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كەيىن ئوتتۇرغا قويۇشۇم مۈمكىن.

 

سۆيۈملۈك قارا چۈمبەللىك ئاچا سىڭىللار، ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بەشىغا كەلىۋاتقان كۈلپەتلەر، ئەينى يىللاردا يەھۇدىلارنىڭ بەشىغا كەلگەن كۈلپەت دەرىجىسىگە يەتتى ۋە بەزى نۇقتىلاردا ئۇنىڭدىنمۇ ئەشىپ كەتتى. بىز ئەقىللىق بولايلى.

بىز دىننى توغرا چۈشىنەيلى توغرا مۇلاھىزە قىلايلى. خەلقارا ۋەزىيەت، خىتاي ۋەزىيتى، ئۇيغۇر ۋەزىيتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنى قاتارلىقلارنى ھەر زامان ئۈگىنىپ تۇرايلى، ئۇيغۇر كىيىم كەچەك مەدىنيىتىمىزگە ئىگە چىقايلى. ئۇ بىزنىڭ كىيمەسلىگىمىز سەۋەبىدىن ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن.قۇرئانغا مەھكەم يېپىشايلى ۋە ئاللا بۇيرىغان ياغلىقلىرىمىز بىلەن ئەۋرەتلىرىمىزنى ياپايلى ئەمما قارا چۈمبەل بىلەن ئەمەس.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدە قارا چۈمبەلگە ئورۇنۇۋالسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز قاتارىغا كىرىدۇ. ئەمما سىز تاراتقۇلا، مەدىيالار ئالدىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، مۇناسىۋەتلىك دۆۋلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سيمبول بولۇپ كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىم كەچەك مەدىنيىتىگە يات ۋە كىيىم كەچەك ئەخلاقىغا يات ھالەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى، مىللى كىملىگى ۋە مەۋجۇتلىغىغا سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەنسىز بىزنىڭ سىزگە: “بۇ كىيمىڭنى ئالماشتۇرۋەت” دىيىش ھەققى ۋە ھوقۇقىمىز بار.

 

ئەسلىدە بىزدىنمۇ ئاۋال مەشھۇر ئۆلىمالار بىرلىگىنىڭ، دىن نامىدا قالايمىقان سوزلەپ ئىجدىماى تاراتقۇلارنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلار، شۇنداقلا قارا چۈمبەل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچى كورسۈتۈشكە تىرىشىپ خىتاينىڭ نېنىغا بىلىپ بىلمەي قايماق سۈركەپ بەرىۋاتقانلارنى توسۇش مەجبۇريىتى بار ئىدى. ياكى ئۇلار بىرەر تەدبىر ئالغان بولسىمۇ مەن بىلمەي قالدىممۇ قانداق، ئەمما بىر پاسسىپ ۋەزىيەت مەۋجۈت. ياكى ئۆلىمالار بىرلىگى پۈتۈن مۇسۇلمانۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ قارا چۈمبەلگە ئورۇنۇۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلامدۇ قانداق بۇ ھەقتە ھىچ بىر باياناتىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.

ھازىر ئۇيغۇرلار دۇنيا ۋەزىيتىدە چاخچاق قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتتە ئەمەس. ئەگەر قارا چۈمبەللىك خانىملار مۇشۇنداق كۆپىيىپ كېتىدىغان بولسا، دۇنيا بىزنى ھازىر ئۇيغۇرلار دەپ ئاتاۋاتقان بولسا كەلەچەكتە “ئۇيغۇر رادىكال مۇسۇلمانلار” دەپ ئاتىشى مۈمكىن.

 

يىل  2018- 1-ئاپرىل.

 

Share
7571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.