logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ كىملىكى ۋە ئىسمى ئېنىقلاندى

58717460364ba

تېررورچىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلگادىر ماشارىپوۋ ئىكەنلىكى ۋە دائېشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزبېك تارماق گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

 تۈركىيەدىكى «مىللىيەت» قاتارلىق بىر قانچىلىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەر ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ كىملىكى ۋە ئىسمىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى رېنا كېچىلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورچىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلگادىر ماشارىپوۋ ئىكەنلىكى ۋە دائېشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزبېك تارماق گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى رېنا كۇلۇبىدا 39 كىشىنڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 71 كىشىنىڭ يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورچىنىڭ كىملىكى مۇئەييەنلەشتى.

قولىدا قىرغىزىستان پاسپورتى بولغان تېررورچىنىڭ ئۆزبىكىستاندا تۇغۇلغانلىقى، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغانلىقى ۋە دائېشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇلمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ساقچىلارنىڭ قانچىلىغان كۈندىن بۇيان تېررورچىنىڭ كىملىكىنى مەخپىي تۇتۇپ، نۇرغۇنلىغان ئادرىسلارغا بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە دائېشنىڭ ئۆزبېك قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تارمار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ساقچىلار ئەمدىلىكتە ئابدۇلگادىر ماشارىپوۋ ئىسىملىك ئۆزبېك تېررورچىنىڭ ئۆتمۈشىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1182 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.