logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا 7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ba88972b-7b03-4181-acdf-94583b9167ae

19-فېۋرال دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

كېيىن ئۇيغۇر ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىدا ئانا تىلنىڭ رولى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىنغا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ۋە ئاياللارمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل تېمىلاردا ئەدەبىيات، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى. ئۆسمۈرلەر، شېئىر دېكلاماتسىيە ۋە ناخشا ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىندا يەنە، ئۇيغۇرلار ۋە ئانا تىل ھەققىدە مۇكاپاتلىق سوئال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئۆسمۈرلەرگە ھەر خىل ئويۇنچۇق مۇكاپات بېرىلدى.

كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2015-2016-يىللىق خىزمەت، پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، يىغىننىڭ 2-بۆلۈمى باشلاندى. 2-بۆلۈمىدە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، «تۈركىيە ۋە چىننىڭ ئىقتىسادى رىقابەت كۈچى»، «چىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى»، «تارىختا چىن خانىدانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نېمىلەرنى ئېلىپ قايتتى؟» دېگەن تېمىلاردا توختالدى.

تولۇق بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/ana-til-02202017135200.html

Share
1062 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.