logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

timthumb

ئارسلان

 

zulum-astidiki-sherqiy-turkistan-001.jpg

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېمدىكى يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش

RFA/Arslan

يانۋار 6 – سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى چاپا تىببىي فاكولتېتىنىڭ تۈرك تارىخى ۋە سەنئەت كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتان دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەلى ئەخمەتبەيئوغلى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا لېكىسىيە بەردى.

يىغىن زالىنىڭ ئالىدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى قىيىنچىلىقلىرى ئىپادىلەنگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن تۈرك تارىخىي ۋە سەنئەتلىرى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئەلى گەچەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقستىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركسىتاندا بىر ئىنسانىيەت تىراگېدىيىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىز ئاسىمىلىياتسىيەگە ئۇچراپ يوق قىلىنىشقا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. بىز تىببىي دوختۇر ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئەھۋالدىن ئىنتايىن قايغۇ ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇ يىغىننىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش جەھەتتە ھەسسە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە دوكتۇر ئەلى ئەخمەت بەيئوغلى بىلەن پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچىلەردىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى مۇنبەرگە چىقىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

دوكتۇر ئەلى ئەخمەت بەيئوغلى ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ۋە ئورنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان زېمىنى تۈركلەرنىڭ بارلىققا كەلگەن تۈركىستان جوغراپىيىسىنىڭ قەلبىگە جايلاشقان. بىزنىڭ تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تاكامۇللاشتۇرغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىمىز، ئەنئەنىۋىي ئۆرپ ئادەتلىرىمىز شەكىللەنگەن مۇقەددەس تۇپراقتۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى دۇنيادىكى گىئوپولىتىك ۋە گىئوئىسىتراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بۇ زېمىن تۈركىستان ۋە ئاسىيا جوغراپىيىسىنىڭ بەل ئومۇرتقۇسى بولۇپ كەلدى. ھەل – چارىلەرگە دەۋر بۆلگۈچ يول ئاچىدىغان ئالاھىدىلىكنى تارىختىن بۈگۈنكىچە ساقلاپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئېنىرگىيە بايلىقلىرى ۋە ئىستىراتېگىيىلىك يوللىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. شەرقىي تۈركىستان جوغراپىيىسى تارىختىن بۇيان ھۆكۈمدارلىق قىلىش ۋە قارار بېرىش ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئىشغالچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا راۋا كۆرگەن زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يوق قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشى بۇنىڭ سەۋەبىدىندۇر.»

دوكتۇر ئەلى ئەخمەت بەيئوغلى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىغا ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۈپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:«شەرقىي تۈركسىتان بۈگۈنكى كۈندە تۈركلەرنىڭ قىزىل ئالمىسى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا قانىغان يارىسىدۇر. بۇ قانىغان يارىنى داۋالاش، چارە ئىزدەش ئىنسانىي، مىللىي ۋە دىنىي ۋەزىپە بولۇپ بىز تۈرك مىللىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ ئۆتمۈشتىكىدىن بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئېشىشى، قارشىلىشىش ۋە كۈرەش قىلىشنىڭ كۆپىيىشىنى ئاشۇردى. 2009 ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاينىڭ قەتلىئاملىرى دەۋر بۆلگۈچ باسقۇچلاردۇر. خىتاينىڭ بىرلىكتە ياشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىك شوئارىدىن ئىبارەت سەپسەتىلىرى ئەمدى ئۆتمەس ماتا بولۇپ تارىخنىڭ ئارقىسغا تاشلاندى ۋە تۈركلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاياجانلىق بىرلىكى پۈتۈنلەي بەربات بولدى.»
ئىستانبۇلدا زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى
كېيىن يىغىندا سۆز قىلغان ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان توغۇت چەكلەش ۋە مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، چەتكە قېقىش، يەكلەش، قەتلىئام يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇ زېمىننىڭ ئەسلى تارىخى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ ھەقتە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسەتتى، يىغىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ تارىختا قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي قوشنا دۆلەتلىرى بولغان تۈركىي خەلقلەرگە تەۋە دۆلەتلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي سىياسىتى قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىلادىيىدىن ئىلگىرى 200 – يىللاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سىىياسەتنى خىتايدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتالمىش سوسىيالىست كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىمۇ پۈتۈنلەي خىتاي فاشىزمىنى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاساسىي سىياسەت قىلىپ ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ. ھەر كەلگەن خىتاي ھۆكۈمدارلىرى بۇ تۈر ئىمپېرىيالىزملىق خىتاي مىللەتچىلىك سىياسىتىگە يېڭى چارىلەر قوشۇپ تولۇقلاپ كەلمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ بۇ خىتاي مىللەتچىلىكى ئۈچۈن بىر ۋاسىتە بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تارىخى، تەقدىرى، دىنى ۋە تىلى ئوخشاش بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. دىنداش بولغان قوشنا دۆلەت پاكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ قولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. قىرغىزىستان ئۆتكەن يىلى 1 – ئايدا ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىپ كەلگەن 12 ئۇيغۇر ياشنى سوئال – سوراقسىز ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈردى. بۇ كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدىغان تارىخىي خاتادۇر ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر مەيداندۇر.»

يىغىن ئاخىرىدا، يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن يىغىن ئاخىرلاشتى.

Share
2721 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.