logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

e885569f-5c2a-49fa-b5ea-62ad45116b0b

 

ئارسلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى «تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا 17-دېكابىر كۈنى ۋاپاتىنىڭ 20-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى «تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئازمى بىلگىن ۋە «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» باشلىقى ئەسەر ساكا تۈركىستانلى خانىم، مەرھۇم لىدەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق شەرەپ مېھمانلار قىسقىچە سۆز قىلىپ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى

594d61fa-7a18-401e-87b4-e0ecceb699e9

يىغىن ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇلقادىر دونۇك، تۈركىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئەزمى بىلگىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

پروفېسسور نەۋزات يالچىن تاش ئەپەندى سۆزىدە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ پەقەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا تۈركلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقى، سۆز قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى، بېشىدىن دوپپىسى، ئۈستىدىن ئۇزۇن چاپىنى، بېلىدىن پوتىسىنى چۈشۈرمەيدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى سۆزىدە ئۆزىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىزدىنىشتە بولۇۋاتقان پەيتلەردە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەسىرلىنىپ، شۇنىڭدىن بۇيان تىرىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى بولغان زاماندىكى بىر ئەسلىمىنى تىلغا ئېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى بولغان سۇلتان ئەخمەت جامىنىڭ يېنىدا ئېچىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنىڭ ئېچىلىشى جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار، خىتاي ئەلچىلىكتىن كەلگەن بېسىملارغا قانداق قارشى تۇرۇش نەتىجىسىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى چۈشتىن كېيىن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە خانتەڭرى ژۇرنىلى توغرىسىدا مۇھاكىمە»دېگەن تېمىدا، تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوچانت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «مۇختارىيەتتىن مۇستەقىللىق يولىغا ‏- ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ پىكىر-قاراشلىرى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا، جالالبايىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ئىمىن قىرىقلى «ئۈچ ئەپەندىنىڭ نەنجىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشلىرى» دېگەن تېمىدا، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتور خەمىت ھەمرايوف، «ئىلى غۇلجا ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۈچ ئەپەندىلەرگە بولغان قاراشلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» دېگەن تېمىدا، تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىستانبۇل مۇدىرى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيەدە تۈرك دۇنياسى چۈشەنچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتىكى، بولۇشتىكى رولى» دېگەن تېمىدا، نەۋشەھەر ھاجىبەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تېكىن تۇنجەر ئەپەندى، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە سەپداشلىرىنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيەدە كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەشلىرى ۋە تاشقى تۈركلەرنى تونۇتۇش پائالىيەتلىرىدە نەتىجە قازاندى دېيىشكە بولىدۇ. ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدىكى كوممۇنىستلارغا قارشى كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرى، سوۋىتلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان چۈشەنچىلەرگە قارشى كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى توغرىسىدا كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە نەتىجە قازانغان شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.»

بىز قازاقىستاندىن كېلىپ يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر دوكتور خەمىت ھەمرايۇف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يازغان كىتاب ۋە ماقالىلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى، ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنسۆيەر بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەلىخان تۆرەنىڭ بىر سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە ئوخشاش بەش-ئالتە كىشى بولغان بولسا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگەرگەن بولاتتى.»

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قول بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر يىلىنىڭ بېشىدا يىل ئىچىدە قانداق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا قارار ئالىمىز، بۇ يىلقى قارارلىرىمىز ئىچىدە ‹ۋاپاتىنىڭ 50-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا› ۋە ‹ۋاپاتىنىڭ 20-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن› توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ۋە بۇ يەر يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىندا ئۈچ بۆلۈمىدە 13 كىشى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تەقدىم قىلدى. قازاقىستان، ياۋروپادىن ئامېرىكىدىن، ياپونىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلار تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىن كېلىپ قاتناشقانلار بولدى. بىز، ھەم بۈيۈكلىرىمىزنى خاتىرىلەش ھەم ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، ئۆزىمىزنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق.»

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر كىتاب يازغان تەتقىقاتچى بولۇپ، بىز دوكتور ئۆمەر قۇلدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پۈتۈن ھاياتىنى داۋاغا ئاتىغان بىر پىكىر ئادىمى. ئۇ كۆزلىرى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ۋاقىتتىمۇ، مەن ھېچقاچان داۋاغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمەن، دېگەن ئىدى. كىم بىلەن سۆھبەت قىلسا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. ئۇ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ داۋاغا خىزمەت قىلىشتىن قىلچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەكلىكىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن بىر شەخستۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/eysa-yusup-aliptekin-12172015144623.html

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.