logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر ۋاپاتىنىڭ 65 – يىلىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

4ed8fba8-d80f-4535-8caa-79a59dcefc36

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

2016 – يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئىستامبۇلدىكى« يېسى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا، ئوسمان باتۇرنىڭ ۋاپاتىنىڭ 65 – يىلىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا «يېسى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى»نىڭ مەسئۇللىرى، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قازاق كۆچمەنلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان يېسى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈۋەن ھىزارجى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئاندىن ئوسمان باتۇر قاتارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى، گۈۋەن ھىزارجى ئەپەندى مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىدى.

ئارقىدىن مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەدە تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتۇر گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىم، «ئەركىنلىك يولى ۋە ئوسمان باتۇرنىڭ قوراللىق كۈرىشى» دېگەن تېمىدا،«شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى»نىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا «ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا قازاق ياش بۇلبۇل ئابدۇلكەرىم دومبۇرا بىلەن ناخشا ئورۇنلىدى.

بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنىڭ 65 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان يېسى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى گۈۋەن ھىزارجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ قېتىملىق ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، مەرھۇم ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى خاتىرىلەپ 3 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈۋاتقان پائالىيەت. بۇ قەھرىمان شەخىسنى ياش ئەۋلادلارغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۆپ تىرىشچانلىقى بولسىمۇ، بەزى جەھەتلەردە كەم قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاچقا، ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يىلقى خاتىرىلەش يىغىنىدا تارىخچى پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ بىلەن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر تەكلىپ بويىچە دوكلات بەردى. ئوسمان باتۇرنىڭ سىياسىي ۋە قوراللىق كۈرەشلىرىنى ئاڭلاتتى.»

گۈۋەن ھىزارجى ئەپەندى يېسى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 6 يىللىق بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ جەمئىيەت 6 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى. ئەخمەت يەسەۋىنىڭ تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۈرك دۇنياسىغا قارىتا مەدەنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلات. بىز ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت تۈركىي مىللەتلەردىن 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان 100 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىۋاتىمىز. ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش تۈرك دۇنياسنىڭ قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق يېڭى ئەۋلادلارغا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشمۇ مۇھىم خىزمەتلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.»

13116153_875110762616205_499714580725817604_o

يىغىندا دوكلات بەرگەن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى يىغىندا ئوسمان باتۇرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قازاقلارنى ھەمكارلىققا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىمنىڭ ئوسمان باتۇر ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلەر يازغانلىقىنى، يىغىندا بۇ ھەقتە توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوسمان باتۇر 1889 – يىلى ئالتاي ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ، 1940 – يىلىدىن 1950 – يىلىغىچە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق جەڭ قىلغان. 1951 – يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئوسمان باتۇر خىتاينىڭ قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن. ھەر يىلى 29 – ئاپرىل شېھىت قىلىنغان كۈنى ئۇنىڭ كۈرەشلىرى خاتىرىلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/istanbul-osman-batur-05022016224021.html

Share
1804 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.