logo

trugen jacn

ئىزچى: دوزاخ _ شەرقىي تۈركىستان

 

 

ئىزچى:  دوزاخ _ شەرقىي تۈركىستان

 

شەرقىي تۈركىستاندا يېقىندىن بۇيان تۇتۇلغان تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئارتىپ خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە دۆلەت تېرورلۇقىدىن ،بىلىم ئادەملىرى ، مائارىپچىلار ،خەلق ئاممىسىىلا ئەمەس بەلكى نەچچە ۋاقىتتىن خىتايغا يالاقچىلىق قىلىپ خەلق بىلەن قارشى سەپتە تۇرغانلارمۇ ئامان قالمىدى.ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كۆمتىتىنىڭ كادىرى (غۇلامجاننىڭ) بەرگەن تولۇق ئۇچۇرىدىن كۆرە بەزەن بىر سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە! يېقىندىن شەرقى تۈركىستاندا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى كادېرلاردىن كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئارقا ئارقىدىن نازىر دەرىجىلىك ئۈچ كادىر تۇتۇلغان . ئاتالمىش ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق سۈپەت تەكشۈرۈش تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئۈچ كادىر ،بۇ ئورگاننىڭ ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلىرىدىن 7 كادېرى تۇتقۇن قىلىنغان. جامائەت خەۋپسىزلىك سېستىمىسىدن يوقۇرى –تۆۋەن 33 كادىر تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت ئىەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىنلا 7 كادېرى تۇتقۇن قىلىنغان. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن 1312 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ كادېرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئۆزگەرتىشكە يىغىۋېلىنغان . كۆزگە كۆرۈنەرلىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى مۇدېرى تاشپولات ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ جىنايىتى ئىككى يۈزلۈك كادېر. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتى مۇئاۋىن مۇدېرى كامىل مەترېھىم نازارەتكە ئېلىنغان.بۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئوبزورچى يالقۇن روزى ، ۋاھىتجان ئوسمان ، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خادېملىرىدىن 7 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان . بۇلاردىن مەخمۇتجان سىدىق ، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنغان . دىنى زاتلاردىن سانىنى ئالغۇسىز بولۇپ ئىمام ، مۇئەززىن بولۇپ جەمى 1312 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن چېقىلغان مەسچىت 431 ، تاقالغان مەسچىت 673 ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى 2300. ناھىيە دەرىجىلىك كادىردىن 23 ،يېزا دەرىجىلىك كادىردىن 47 سى تۇتقۇن قىلىنغان،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈزلىمىچى كادىر ياكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى بار،ياكى خىزمەتتە سۇسلۇق قىلغان ۋە ياكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدە دېگەندەك ناملار. 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان تەلۋە ساراڭ چېن چۇەنگو ھوقۇققا ئولتۇرغاندىن كېيىن سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ سانى 2014-يىلىدىن 2017 كىرگىچە بولغان ئومۇمىي ساننى بىر قاتلىغان بولۇپ 712000 كىشى.سىياسى ئۈگىنىشكە يىغىۋېلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا،بۇ سەۋەپتىن بەزەن يەرلەردە ئائىلىلەردە ياشلار قالمىغان.ھەتتا بەزەن يېزا كەنتلەردە ياش ئەمگەك كۈچىمۇ قالمىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار كەپ چىققان. بۇندىن باشقا خىتاي ھاكىمىيىتى ئەسلىدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكەيدىغان ياشللارنىڭ سانى يىلسېرى ئارتىپ بارغان . بۇ مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى يەنى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كۆمتىتى ۋە سىياسىي قانۇن كۆمتىتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىدى ! ئاللاھ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەرسۇن !

Share
3419 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.