logo

trugen jacn

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا تۇغۇلغان كۈن كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىتى باشلاندى

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

10 – ئاينىڭ باشلىرىدا چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن فېيسبوك قاتارلىقلاردا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 25 – ئۆكتەبىردىكى تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ، ئۇ سولانغان ئۈرۈمچى 1 – تۈرمىسىگە تۇغۇلغان كۈنى كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىتى باشلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت فېيسبوك تورىدا باشلانغاندىن بۇيانقى بىر ھەپتە ئىچىدىلا، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

25 – ئۆكەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا تۇغۇلغان كۈن كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدى.

10 – ئۆكتەبىر ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لوئۇسا خانىم ئۆزىنىڭ فېيسبوك تورىدا تورداشلارغا ئىلھام توختىنىڭ ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ پوچىتا كارتىسى ئەۋەتىش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەت تېزلىكتە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كېڭەيدى. پائالىيەتكە فېيسببوك تورىدا ھېساب نومۇرى بار خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىلگىرى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلغان روشەن ئابباس خانىم، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ساھىبى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيىدە تونۇلغان يازغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈجەل تاناي ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ پوچتا كارتىسى ئەۋەتىش تەشەبببۇسى ۋە پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

روشەن ئابباس خانىم خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام ئەپەندىگە پوچتىدىن تۇغۇلغان كۈن كارتىسى يوللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىللار ئىلگىرى گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان مەزگىللەردە، تۈرمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۇرۇق – تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىدىن ئەۋەتىلگەن خەت – خالتىلارغا، تۈرمە سىرتىدىكلەرنىڭ ئۇلارنى ياد ئېتىشىگە نەقەدەر تەشنا بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنى ئۈچۈن، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن تۇغۇلغان كارتىلىرىنىڭ تۈرمە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلھام ئەپەندىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىش – بېرىلمەسلىكىدىن قەتئىي نەزەر ئىلھام ئەپەندىگە زور مەدەت ۋە تەسەللى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئىلھام توختى ئەپەندىگە پوچتىدىن تۇغۇلغان كۈن كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تۈرك زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ قانات يايغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيىدە تونۇلغان يازغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ فېيسبوك تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، فېيسبوكتىكى تۈرك قېرىنداشلارنى ئىلھام توختى سولانغان ئۈرۈمچى 1 – تۈرمىسىگە پوچتا كارتىسى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئىلھام ئەپەندىگە مەدەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن تۈركىيىدە تونۇلغان يازغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈجەل تاناي ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

يۈجەل تاناي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ماقالە، ئەسەرلىرىنى ئىلگىرى ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىغا دەستەك بولىدىغان ھەرقانداق پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10162015221500.html

Share
2997 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.