logo

trugen jacn

ئويمانبايتوقايدىكى كوللېكتىپ تۇتقۇنغا پارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە بارماسلىق سەۋەب بولغان

Kuçar-3

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز تۈنۈگۈن غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئويمانبايتوقاي كەنتىدە 2 ئاي بۇرۇن داۋام قىلغان بىر قېتىملىق كوللېكتىپ تۇتقۇندا 41 كىشىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، بۇ كوللېكتىپ تۇتقۇننىڭ سەۋەبى ئايدىڭلاشتى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەۋەلىكتىكى كەنت، مەھەللە ۋە پونكىت باشلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئويمانبايتوقاي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇنخان دېگەن كىشى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى نەزىر ئۆتكۈزگەندە كەنت مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋە مەزىنى باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ياش جامائەت نەزىرگە قاتناشمىغان. كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە قاتناشماسلىق، دائىرىلەر تەرىپىدىن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، شۇ قېتىملىق نەزىرگە قاتناشمىغان 41 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-tutqun-03222016160304.html

Share
1198 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.