logo

trugen jacn

ئون يىللىق قاماققا سەۋەب بولغان ئىش: ئوغلىنى ھاراقتىن توسۇش

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، بۇ يىل 9‏-ئايدا يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدىكى 67 ياشلىق بوۋاي تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئوغلى مەمتىمىن تۇرسۇننى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىغا قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، تۇرسۇن مەمەت بوۋاي بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن ئوغلى مەمتىمىن تۇرسۇننى توي كۈنى ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇنقى بۇ تەنقىد بۇ يىل ئۇنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە پاكىت بولغان.

رادىيومىزغا يوللانغان ئىنكاستا ئوغلىنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەن كىشىنىڭ يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزا 4‏-كەنت ئاھالىسى ئىكەنلىكى يېزىلغان. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن يېڭىساردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ بوۋاي تۇرسۇن مەمەتنىڭ كېسىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرغاندىن كېيىن، بىز 67 ياشلىق مەھبۇس تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى سورىدۇق. بىز ئەگۈس يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەمىنلىگەن تېلېفون ئۇچۇرىغا ئاساسەن تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 13 يىل ئاۋۋال ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مەمتىمىن تۇرسۇننىڭ تويى بولغان. توي كۈنى ئوغلى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ھاراق ئىچكەن، تۇرسۇن مەمەت ئوغلىنى ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن:

-بىزنىڭ ئادەم ئۆزى بەش ۋاق ناماز، شۇڭا ئوغلۇمغا «ھاراق ئىچكىچە ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچسەڭچۇ!» دەپ ساپتۇ، بۇ گەپ كەنتتە يېزىپ خاتىرىلىنىپ قالغانمۇ ياكى بۇ يىل بىرى دېگەنمۇ، 5‏-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇتۇپ كەتتى، 9‏-ئايدا 10 يىللىق كېسىلدى، دەپ ئاڭلىدۇق.

بۇ موماينىڭ دېيىشىچە، بۇ يىلقى زەربە بېرىش دولقۇنىدا ئۇنىڭ جورىسى تۇرسۇن مەمەتتىن باشقا يەنە بىر ئوغلى كېسىلگەن ۋە 2 ئوغلى «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/haraq-tosqan-guna-11012017172457.html

Share
1408 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.