logo

trugen jacn

ئونسۇ چاغراقنىڭ بىر كەنتىدە ھەر بەش كىشىدىن بىرىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىسىدىكى ئابدۇراخمان قارى ئىسىملىك بىر ئىمامنىڭ قىزىنىڭ تويىدا ھاراق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئەھۋال ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، چاغراقنىڭ 2-كەنتىدە ئۆتكەن ئىككى يىلدا 15 كىشىنىڭ سىياسىي سەۋەب بىلەن قاماققا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تۇغقانلىرى بولۇپ 289 كىشىنىڭ نۆۋەتتە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يەرلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى ۋە كەنت سېكرېتارلىرى ئابدۇراخمان قارى ئىسىملىك بىرىنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئەمما چاغراق 2-كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن 2 يىلدا 15 كىشىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە ھىجرەت غەرەزلىك دېگەندەك گۇمانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھازىرغىچە بولاردىن 7 نەپىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىپ ئالدى 11 يىل، ئارقىسى 3 يىل كېسىلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كەنتتە بۇ 15 كىشىگە يىراق-يېقىن ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقى بار 65 ئائىلە، 289 نوپۇس بار بولۇپ، بۇلار نۆۋەتتە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەن. بۇ 289 كىشى ھەر جۈمە كۈنى يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، بۇلار كەنتتىن سىرتقا چىقسا دائىرىلەردىن رۇخسەتنامە ئالىدىكەن ۋە تېلېفونلىرى ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن تىڭشىلىدىكەن.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىنىڭ نوپۇسى 14 مىڭ بولۇپ، بۇ نوپۇس 8 كەنت، بىر ئاھالىلەر رايونىغا بۆلۈنگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، چاغراق يېزىسىنىڭ ھەر بىر كەنتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500-1800 ئارىسىدا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. دېمەك يۇقىرىقى بىر كەنتنىڭ ئۆزىدە 289 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى نۆۋەتتە چاغراق ھەر بەش كىشىدىن بىرىنىڭ نىشانلىق ھالدا نازارەت ئاستىدا ياساۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

يىللاردىن بېرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بايانات ۋە دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشىتىپ كەلگەن، ئەمما خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر رايونىدا بارچە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ۋە راھەت ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-nazaret-04202016160541.html

Share
1241 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.