logo

trugen jacn

ئونسۇ ناھىيەسىدە 4 لاگېر ۋە ئۇنىڭغا 30 مىڭچە كىشى قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 230 مىڭ نوپۇسلۇق ئونسۇ ناھىيەسىدە 4 لاگېر بارلىقى، بۇ لاگېرلاردا 30 مىڭچە كىشىنىڭ سولىنىپ ياتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاگېرلاردىن ئىككىسى بازار ئىچىدە، قالغان ئىككىسى ئونسۇ بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ۋە 40 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى يېزىلارغا تەسىس قىلىنغان.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى 4 بازار، 5 يېزا، ئىككى دېھقانچىلىق ۋە ئىككى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەشكىللەنگەن. ئومۇمى نوپۇسى 230 مىڭ ئەتراپىدا. بىز بۇ ناھىيەدىكى لاگېرلارنىڭ سانى ۋە ئورنى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، بولۇپمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان ساقچى خادىملىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. خادىملاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئونسۇدىكى ئىككى لاگېرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرى ئونسۇ ياڭاق مەيداندا، يەنە بىرسىنىڭ بولسا قىزىل يېزىسىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئادەم توپلاشتا كۆپلەپ «دېلو» مەلۇم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان يەنە بىر ساقچى خادىمى، ياڭاق مەيداندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئەڭ چوڭ لاگېرلاردىن بىرىنىڭ ئونسۇ 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ئىككى ساقچى خادىمىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئونسۇ ناھىيەسىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 4 بولۇپ، بۇلاردىن ئىككىسى ناھىيە بازار ئىچىدە، ئىككىسى بازار سىرتىدا. لاگېرلاردىن نىسبەتەن چوڭراق ۋە تونۇلغانراقى «ياڭاق مەيدان» دېگەن جايدا بولۇپ، بۇ ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. قىزىل يېزىسىدا تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرى ناھىيە بازىرىدىن 40 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن 17 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا.

خادىملار، بۇ لاگېرلاردىن ھازىرغا قەدەر قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بولمىغانلىقىنى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. بىز يەنە خادىملاردىن ھەر يېزا-مەيدانلاردىن تەخمىنەن قانچىلىكتىن كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى 18 مىڭ نوپۇسلۇق جام يېزىسىدا 3 مىڭچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خادىملار يەنە بۇ 4 لاگېردا جەمئىي 30 مىڭچە كىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئونسۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ناھىيە نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر» تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 230 مىڭ نوپۇسلۇق ئونسۇ ناھىيەسىدە، 180 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 15 پىرسەنتىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/toqsu-lager-08212018152234.html

Share
1382 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.