logo

trugen jacn

ئونسۇ توخۇلا يېزىسىدا بىر كەنتتىنلا 3 ئائىلىدىن 11 كىشى لېنتا كۆرۈپ كېسىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە» ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا، جۈملىدىن ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدا 3 ئائىلىدىن 11 كىشىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا 2 يىلدىن 17 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

يۇقىرىقىلارنىڭ پەقەت ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنتتىنلا دىنىي سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

كەنت سېكرېتارىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جازالانغانلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرقانداق بىر قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئويلىغان ياكى پىلانلىغان ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى قىزىققان ۋە ھەزىم قىلالايدىغان (چۈشىنەلەيدىغان) دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى تور ئارقىلىق كۆرگەن.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق پىكىر بايان قىلغان، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەزىيەت يالغۇز ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغىلا ئائىت ئەمەس. بۇ پەقەت ئاشكارىلانغىنى.

ئۇچۇر ئېلىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىلىرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاشتا، ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشتىن باشلاشقا دەۋەت قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/tutulghan-uyghur-06162016131608.html

Share
1124 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.