logo

trugen jacn

ئومار بەكئالى: ماسكىلىق ساتقىن دوست

ئومار بەكئالى: (ماسكىلىق ساتقىن دوست)

(ھەقىقى بولغان ۋاقىئە )
2018.يىل فېۋرال مەن ئۈلۈم لاگىردىن چېقىپ ئەمدى تېخى قازاقىستاندىكى دۆلەت تىلۋىزىيە، رادىيولىرىدا بۇ ھەقىقەتنى سۆزلەپ بىرىشكە باشلىغان چاغلار ئىدى.
:ئالو كاك ۋىي؟
:سىپاسىبا نورمال،ۋىي كىتو!
: مەن سالاملىشىپ بولغاندىن تەكەللۇپ بىلەن سىز كىم دەپ سورىسام مىنىڭ كونا ئۈرۈمچىدىكى قەدىناس دوستۇم ئابدۇللا ئىكەن، ھىي ئاداش بۇ قازاقىستاندا نىمە ئىش قىلۋاتسىلە؟ سۇرۇدۇم تەئەججۈپلۈنۈپ..ھە ئاداش سىلىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلساق كەلمىگەندىن كېيىن مەن كەلدىم.بىر ئوروس تۇنۇشۇم زاۋۇت ئالغان خىتايدىن شۇنى قۇراشتۇرۇشقا ھەم خىتاي تېخنىكقا تەرجىمانلىق قىلغىلى كەلدىم كەلگۈم بولمىسىمۇ!ھەم 2000$بېردىغانغا كىلىشىپ بىر ئايغا كەلگەن ئىش ئاياقلىشىشقا ئاز قالدى تۈگۈتۈپلام سىلىدەك ۋەتەن ،مىللەت،يۇرتداش قەھرىماننى يۇقلاپ كىلەي دەپ تىلپۇن قىلىشىم!
ئېچىمدىن بىر خىل سۆيۈنۈش پەخىرلىنىش بىلەن يېرىم سائەت سۆزلەشتىم.
كىيىن ۋىزا سەۋەپلىك كۆرۈشۈش مۇمكىن بولماي ئۇدۇللا ئىستانبولغا ئۇچۇپ كەتتى ناھايتى ئەپسوسلاندىم يىگانە ئالمۇتۇدا قالدىم.
نەۋرۇزنىڭ بىششىدا كانادادىن رۇقىيە خانىم خەۋەرلەشتى ئامرىكا بىرلەشمە ئاخپارات ئاگىنتلىغى مۇشۇ لاگىر مەسلىسى بۇيىچە بىر دۇنيا خاراكتىرلىك خەۋەر ئىشلىمەكچى زىيارىتىنى قوبۇل قىلشنى خالامسىز؟دەپ مەن بىششىم تېنىمدىلا بولسا قۇبۇل قىلدىغانلىغىمنى ئىيتتىم،ئۇ ئامىرىكىدا تۇغۇلغان 2خىتاي بىر كەرىس دەپ قۇشۇپ
قۇيدى! مەيلى ئۆلسەممۇ پەرۋايىم پەلەك بۇ ھەقىقەتنى خەلقىئاراغا يەتكۈزۈش مىنىڭ مەجبورىيتىم دەپ كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ تۆكۈلدى ئىككى ياشلىق بالام ئەمدى مىنى دادا دەپ قۇچاغلىغان ئىدى 8 ئايلىق دۇزاخ ئازابى تارتىپ لاگىرغا سۇلانغانداسەككىزئاي دادىسىنى كۆرەلمەي نارسىدە قەلبىدىن ئۈچۈپ كىتەيلا دەپ قالغان خاتىرسى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.
8.نەۋروز تىلپۇن كەلدى تېخى بىيجىڭدىن بۇ نىمە گەپ دىدىم ئىچىمدە..
ئوكى گەپ يوق كىلىڭلار ئەمما سىز تۇغرا قىلمىدىڭىز سىزنىڭ تىلپۇنىڭىز دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن نازارەتتە ئائىلەمدىكىلەرگە زىيان يېتىدىغان بولدى دىسەم ۋاتساپنى ئاڭلىيالمايدۇ دەيدۇ پىسسىڭدە كۈلدۈم شۇ كۈنىلا كەنجى سىڭلىم ئادىلە بەكرى ئۈلۈم لاگىرغا تۇتۇپ كېتىلدى،ئانام بالام ئالتۇندەك پاقىراپ ياشاڭ دەپ بۇ ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتتى سۆز ئارلىقىدا ئەسلىدىنلا قازاقىستاندا خىتايچىل ئۇيغۇر قازاقلارنىڭ تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماي كېلىۋاتاتتىم، مۇخپىر ھەيرانلىقتا قۇلقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.
ئەتىسىلا رەھمەتلىك ئاتام خەۋەرلەشتى 9.نەۋروز ئانامنى ئۈلۈم لاگىرغا تۇتۇپ كەتكەنلىگىنى مىنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىمنى سالامەتلىكىمنى تىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تېرىششىمنى دىدە مىنىڭ يۈزۈمنى تۈكىدىغان ئىش قىلما دەپ 2017.يىل 3.دىكامبىردا ياققامنى ھۆل قىلىپ ۋىدالاشقاندا بەرگەن ۋەدەڭنى ئۇنۇتما دەپلا تىلپۇن ئۈزۈلدى.
بىرھەپتىدىن كىيىن ئۇلار ئامرىكىدىن ئىككى ئاپىراتور بىرسى بىيجىڭدىن 3 مۇخپىر كەلدى،ھەممە ئەھۋاللارنى دىگۈم كەلدىيۇ ئەڭ ۋەھشىي زۇلۇملارنى تۇلۇق دىيشكە پېتنالمىدىم چۈنكى كۆزئالدىمدا نارسىدە ئۈچ بالام،ۋەتەندە ئانام سىڭلىم ئاكام ئۈلۈم لاگىرغا ئۈلۈمنى كۈتۈپ ياتاتتى،ئۇلارغا 3كۈن سۆھپەت بەردىم ھەمدە ئارقىمىزدا خىتاي جاسوسلىرى بار دىسەم ئەسلا ئىشەنمىدى،كىيىن مەجبور قەستەن ساقچى ئىدارىسىغا 4 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاندىن ئىشەندى.
قىدىرئەلى ئورازئۇغلىغا بۇ مۇخپىرلارنى تۇنۇشتۇردۇم،سىرجان بىلەش بۇ ئامىركىلىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس نەچچە مىڭلىغان قازاق قېىنداشلارنىڭمۇ لاگىرغا سولانغانلىقىنى ئائىلە تاۋاباتلارغا مىنى مىسال قىلىپ يىڭى يىلدىن بېرى ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئايالىمدەك ئۇتتۇرغا چېقىشقا تەۋسىيە قىلۋاتقاندا بۇ مۇخپىرلارنىڭ ئامىركىدىن كىلىشى تېخمۇ ئىلھام بولدى.
ئابدۇللا بېخەتەرلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ تېزەرەك ئىستانبولغا كىلىشىمنى بۇ ھەقىقەت خەلقىئارا تەشكىلاتلار ھەمدە ب د تىغا يەتكۈچە ياششىم كېرەكلىگىمنى جىكىلەپ ئالدىرتىپ تۇراتتى.
ئامىركىدىن گۈلچىھرە،كانادادىن رۇقىيە خانىم كۈندە تىلپۇن قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تۇرۇشنى ئۈتۈنەتتى.
ئامال بار سىزنى ئامىركا يا بولمىسا كاناداغا ئەكىلىشكە قولدىن كىلىشچە تېرشىمىز دەپ ئېلھام بېرەتتى.مەن ساياھەت شىركىتىدە ئىشلىگەچكە ۋىزا ئىشلىرىنىڭ بۇلۇپمۇ ئامىركا كانادانىڭ يىللاپ ۋاقىت كىتىدىغانلىقنى بېلەتتىم ھە ماقۇللا دەيتتىم.
10كۈندىن كىيىن ئۇلار بىرسى يەنىلا بىيجىڭغا ئىككىسى ئامىركىغا قايتتى.
خەۋەر يوق قازاقىستاندىكىلەر گەپ تىپىشقا باشلىدى ئۆمىربىك خىتايلارغا ئۇچۇر بېرۋاتىدۇ خىتايغا ئىشلەۋاتامدىكىن بولمىسا بىزنىڭكىلەر نىمىشقا چىقالمايدۇ بۇ ئادەم قانداق چىقتى دەپ سۆز چۈچەكلەر كۆپەيدى ھەتتا ئەرزلىندىغان قازاق خەلقىمۇ ئازىيشقا باشلىدى ئەمما قىدىرئەلى سىرجانلار سەۋىرچانلىق بىلەن ئىدىيە خىزمەتنى تۇختاتماي ئەكسىچە ئائىلىسى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغانلارغا ياردەم بېرىشنى باشلىدى، ھەتتا پۇتۇن چېقىمنى تەشكىلات كۆتۈرۈپ چىقىملارنى ئۆتەيدىغان ئەرز قىلسىلا تۇققۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىمكانىيتىنىڭ يۇقىرلىقىغا دەۋەت قىلاتتى.
بەك جىددى خىتايچىللار بىرتەرەپتىن، جاسوسلار بىرتەرەپتىن تەھدىتلەر ئۈزۈلمەيۋاتاتتى.
ئايالىم باللىرىم ۋەھىمىدە كۈندۈز كۈلكىدىن كېچىسى ئۇيقۇدىن قالدۇق بېچارە ئايالىم كېچە سائەت 10غىچە قاراۋۇللۇقتا تۇرسا مەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي سىرتنىڭ چېراقلىرى يۇنۇق،ھەمدە دىرىزلەرگە ئىشىك تۈۋۋىگە قاپقان ھەم ئاسان جاراڭلايدىغان ئەسۋاپلارنى ئىسسىپ خۇددى دۇشمەن باستۇرۇپ كىلدىغاندەكلا ۋەھىمىدە قالغان ئىدۇق باللار ئاجايىپ راھەتسىز ھەم قۇرقۇش ئېچىدىلام قالغان ئىدى بىزنىڭ قىلقلىرىمىزغا قاراپ ھەيرانلىق نەزىردە قارايتتى.
تاماقتىمۇ، سۆزلىشىشتىمۇ دائىملا كۆزۈمدە تاراملاپ ياش تۈكۈلۈپ تۇراتتى.
مەن ئۈلۈم لاگىرغا كېرىپ كېتىشىمنى بىلگەندەكلام 120دوللارغا يوغان قۇشقار سويۇپ ھەمدە 3 ئايلىق ئۇن ماي گۈرۈچ تەييارلاپ كەتكەن ئىدىم.ئاستانا XSPOباشلىنىشقا ئاز قالغان قازاقىستان نەۋرۇز بايرامغا جىددى تەييارلىق قىلۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.
بەختلىك ئائىلەم پۈتۈنلەي ئۈستۈن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ئەمما ئەڭ يىقىن دۇستۇم ھشقانداق ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆيۈمدىن ئىككى يەرلىك مىكيانىمنى ئەپ كەتكىنى بەك ئېغىر كەلدى تېخى مەن تۇتۇلۇشنىڭ بىرئايلا ئالدىدا ئۇ ئالمۇتۇ قاماقخانىغا بىر ئاي قامالغاندا مىننەت قىلغان بولمىسۇن بۇ ئىشتىن خەۋاردارلار بار، كۆپ خىزمىتىدە بولغان ئىدىم ئائىلىسنىڭ،ھەمدە قاماقخانىدىن دوستلۇرۇمنىڭ تۇققانلىرىنى تىپىپ كۆرۈشتۈرۈپ، تاماق تۇشۇپ ساۋاپ ئۈچۈن،ۋەتەنداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئايالىمنىڭ يۇرتتتىشى بولغىنى، مۇساپىر بولغانلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەمما ياق يۈرۈگۈم پېچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغىرىدى،ئەمما مەن ئويلىمىغان دوستلۇرۇم ئۆيگە پۇل ئەكىلىپ،ھقوي ئۆلتۈرۈپ يۇقلاپ تۇرۇپتۇ!شۇنچىلىك پەخىرلەندىم ئېچ ئېچىمدىن سۆيۈندۈم تا ھازىرغىچە نامىزىمدا دۇئالاردا ياد ئېتىمەن.
خەۋەر يەنىلا يوق 4.ئاينىڭ 24.كۈنى قايتا قايتا تىلپۇن ئالسام ئىنىم ئاتام ئۈگنىشكە كەتتى دەپلام تىلپۇننى ئۈزدى.شۇ پېتىم ئالاقەم چورتلا ئۈزۈلدى يۈرەك پارە-پارە ئۇنىڭ ئېچىدىكى مەن تارتقان شۇ ئەلەم، زۇلۇملارنى ھەممىسى تارتامۇ؟غورورلىرىنى دەپسەندە قىلامۇ خەپ نىمىشقا ئېلان قىلمايدىغاندۇ؟ ئىشقىلىپ ئاجايىپ تۈرمىدە قىينالمىغان قىينىلىشلارنى باشتىن كەچۈردۇم،ئايالىم توختىماي تەسەللى بېرەتتى.
ئۇغلىمىز، قىينى ئىنىم،كىلىنچەكلەر،ھەتتا ئىنىمىزنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن قىز ئۇغۇللىرى ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
13.ماي ئامىركا ۋاشىنگىتون پوس مۇىپىرنىڭ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن رۈشەنگۈل ئابباس خانىم خەۋەرلىشىپتۇ ماڭا بېرلەشمە ئاگىنتلىق بىز ئىلان قىلساق بىز بۇنى پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە قىلالايدىغان خەۋەر قىلىپ ئىشلىيەلەيمىز دەپ باشقىلارغا سۆھپەت بەرمەسلىكىمنى ئۆتۈنگەن ئىدى.
مەن ئامالسىز دىدىم تەھىرىرىڭىز بىلەن سۆزلىشىڭ بولمىسا مەن قۇبۇل قىلمەن دىسەم يەنە يالۋۇرۇپ تۇرۋالدى ئىككى ئايلىق ئەمگەك يۇقىلىدۇ دەپ مەن ئامالسىز يەنە كۈتتۈم،ئاخىرى سەبىرىم چىدىماي 15.ماي ۋاشىنگىتون پوسنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدىم، دەل 16.چىسلا چىقارايلى دەپ تۇرغاندا تەھرىرنىڭ قۇلى سۇندى،ئاپلا ما ئىشنى شۇنۇڭ بىلەن ئامىرىكا سودا گۇرپىسى 17.كۈنى سودا كېلىشىمى تۈزەشكە بىيجىڭغا چۈشىدۇ نەق شۇ كۈنى بىرلەشمە ئاخپارات ئاگىنتلىغى بىرىنچى بۇپ تاقىتىپلا ئارقىدىنلا تەڭلا ۋاشىنگىتون پوسنىڭ خەۋرىمۇ بىللە دىگەندەكلام دۇنياغا تارىلىدۇ، پۇتۇن دۆلەتلەر ئىنگىلىز قاناللىرىدا تارقىلىدۇ 2سائەتتىن كىيىنلام قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئىككى خادىمنى ئۆيۈمنى تىنتىشقا ئەتراپنى پۇتۇنلەي كۆزۈتۈش ئۈچۈن بىر ئوروس ھەم بىر بەستىلىك قازاق بالىسىنى ئەۋەتىدۇ ئاپلا خىتاي مىنى سوراپ بۇيريق بېرىپتۇدە ئۇلار ئالاھەزەل 1.30لەردە دىگەندە كەتتى.ئايالىم ئىككىمىز تېخمۇ ۋەھىمىگە چۈشتۇق ئاخىرقى ۋەسيەتلەرنى يازدىم،باللىرىمنى چۇقۇم مىنىڭ قىساسىمنى ئېىلىش ئۈچۈن ياخشى تەربىيە بېرىشنى ئۈتۈندۈم كۈزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلگەن ئايالىم مىنى قۇچاقلاپ بۇقۇلداپ ئېقىپ كەتتى،قاراپ تۇرۇپ پۇتۇن ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر -بىرلەپ ئايرىلىپ ئەمدى تېخى ھايتنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان چاغدا باللارنىڭ تاتلىق تىللىرىغا سۆيۈنۈپ بەختلىك ياشاۋاتقان بىر ۋاپادار ئايالنىڭ ھاياتى بەربات بۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى،ياق سىز ياشايسىز ئۇنداق دىمەڭ دەپ مەيدەمگە چىدىماي مۇشۇتلاپ كەتتى،باللىرىممۇ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەممىسسى يىغلاپ ئۆي قىيا چېياغا تولدى مەن ئۇلارنى يشىمنى سۈرتۈپ بەزلەشكە باشلىدىم ئايالىم سىز دەرھال كېتىڭ دەپ مىنى چەتئەلگە كىتشىمنى ئۈتۈندى،مەن ئاتام رەھمەتلىك بەرگەن پۇللارنى پۇتۇنلەي ئۆزەمنىڭ سالامەتلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەجلەپ تۈگەتكەن ئىدىم،ئامالسىز شۇ ئارلىقلاردا دۇستۇمغا ئېغىز ئاچالماي لاگىردا ئىنىسى بىلەن ياتقان ئەركىننىڭ ئاكىسى كانادادا ئامانلىقنىڭ ئامانەتنى يەتكۈزگەن ئاكىمىزدىن ياردەم سورۇدۇم ھە ئۇكام ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسا دىگىن دەپ ئامىرىكىغا كانادىن يۈك تۇشۇيدىغان بايۋەچچە قارمايلىق ئاكام خاپا بولما مەن جامائەتكە دەي ئەمما بۇ يەردە مەسچىت سالايلى دەۋاتقان دىگەنتى ھەيران قالدىم توۋا بىر ئادەم ئۈلۈم گىردابىغا يىقىنلاپ قالسا مىليونلىغان ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلۋاتقان پەيىتتە بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ قىلامەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ھايات قالامەن دەپ بىششىم قىيىپلام كەتتى،نەبىجان ئەلاغا يالۋۇردۇم دوستۇم مەن بۇ دەۋانى پۇل ئۈچۈن قىلمىغان ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇق ئاشكارە پۇل يېغىشنى تەلەپ قىلسام خىتاي پەرەسلەر دەۋادا بەلدىن تىپىدۇ مانا ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەردىن پۇل يېغىپ شۇلارنىڭ دەۋاسىنى قىلۋاتىدۇ دەيدۇ!ئۆز قازاغىمدىن تېخى سوراشقا ئەپسىز بىر ياردەم قىلىڭلا دىسەم مەن ئۆزەم ئارانلا ياشاۋاتىمەن شەخسى راسخوت قىلىپ مىدىيا قىلىپ مىللەت ۋەتەنگە خىزمەت قىلۋاتقان جامائەتتىن بىر سوراي دەپلا يۇقىدى،ئاپلا ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق!!دەرھاللا ماشنىنى كولىسا ئىنتىرنىت سايتىغا 4000دوللارلىق ماشنىنى 1500چىقاردىم ئۇڭغىچە ئابدۇللاغا پەقەت بولمىغاندا خەۋەرلىشمەن دىگەن سۆزۈم ئىسىمگە كەلدى دەرھال مەخپى ئۇسۇلدا چۈشەندۇرۇپ مەن ئال دىسەملا ئۇچۇش بىلەتنىڭ بېرىپ كىلىشنى ئېلشنى كىلىشىپ قۇيدۇم.
ئۆينى ئايالىمنىڭ 13يىلنىڭ ياقى پانالىق ئالالماي ياشاۋاتقان قۇلىدا ھىشنەرسە يوق بولغاچقا مەندىن ئايرىلسا ھىشقانداق مال مۈلۈككە ئىگە بوللالمايتتى،ئىككى ماشننىڭ بىرنى ساتتىم 1500دوللارغا ئۆينىڭ رەسمىيەتلىرى يەرلىك دوستۇمغا ۋەسىيەت ھەم ھاۋالە قىلىپ مەن ئۆلسەم مۇشۇ ئايال ھەم پەرزەنتلىرىمگە غەمغورلۇق قىلىشنى ئۈتۈنۈپ ئۆي بىساتىمنى ئۇنۇڭ نامىغا ئۆتكۈزدۈم، شەنبە كۈنى 19.مايدا ئال دەپلام بىر ئېغىزلام سۆزلىدىم بېرىپ كىلىش بېلىتىنى ئالدى،گۈلچىھرەنىڭ پۇتى كۆيگەن توخودەكلام قايغۇدىن ئۇيقۇ يۇق ئىدى، خەتەر كۈن ئۆتكەن سايىن ئەجەل يىقىنلاپ كىلۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
ئۈلۈمدىن قۇرقۇش ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس ئىدى پەقەتلا مىليون كۆزلەر، مىھرىبان ئاتا-ئانام،قېرنداشلىرىم،ۋاپادار ئايالىم،ئۇماق 9،6،ھەمدە 2يىرىم ياشلىق بالام تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمغا قىيمايۋاتاتتىم.
ھەتتىڭ باللىرىم بەك كىچىكتە دەپ ئېچىمدىن ئاچچىق ئويلايتتىم.
ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ 500دوللارنى ئايالىمغا خىراجەت قىلىدىغانغا قۇيۇپ 1000نى ئېلىپلا ئىستانبولغا ئۇشتۇم ئايروپورتتا يېرىم سائەتتەك ئاۋارە قىلغاندىن كىيىن دەم ئېلىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىمنى مانا بېرىپ كىلىش دەپ ئاران دىگەندە ئىستانبولغا چۈشتۈم….
نەق ھىكايىنىڭ قەھرىمانى ماسكىلق ساتقىن دوستۇم مىنى كۈتىۋالغىلى ھاجىم ئاكام بىلەن تەڭلا يولغا چىقتى يولدا ماشنا كەپسىلىش سەۋەبىدىن كىچىكتى ھاجىم ئاكام مىنى كۈتىۋالدىدە ئۆيىگە ئەپ كەتتى بىز 16يىل بۇرۇنلا بىر-بىرىمىزنى بىلىشەتتۇق،ھەم مىنىڭ قازاقىستانغا چىقىشىمغا،سودىلاردا ئۇتۇق قازنىشىمغا ئەڭ چوڭ ياردەمچى پەخىرلىك ئاكام يەڭگەملەر قىزغىن كۈتىۋالدى.
مىنى مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇشۇمنى ئۈتۈنۈپ كىتىشكە رۇخسەت بەرمىگەنگە قارىماستىن ئابدۇللا مەجبور دىگەندەك زورلاپ 3 بالىسى بار ئېللىق ئائىلىسىگە مىنىڭ ئايالىم خىزمىتىڭلاردا بولسۇن ھاجىم ئاكاملار،ئەيلەملەر چوڭ بۇپ قالدى ھەمدە ھەرەمدىن مىھمانلار كىلىدۇ شۇڭا ئەپ كېتەي دەپلام قارشىدىكى ئۆيگە قاراپ ماشنىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى.
2 ئاي ئېرىنمەي تېرىكمەي ئاقسۇلۇق، خوتەنلىك بۇرادەرلەر بىلەن قىزغىن كۈتىۋالدى ھەمدە مېھماندارچىلىق بولدى،قۇلدىن كىلىشىچە تېرشىپ ئەتراپىدىكى تاغدىن چۈشكەن، يېتىم يىسىر قىينچىلىغى بار ئائىلىلەرگە قۇلدىن كەسىلا ياردەمنى ئايمايتتى،سىلىدەك خىزمەت قىلالمىساممۇ مىللەتكە خىزمەت قىلاي ئاداش دەپ ھەممىسىلا بۇ ئاق كۆڭۈل دوستۇمنى بۆلەكچە ياخشى كۆرەتتى ھەمدە ھۆرمەت قىلاتتى،قۇلى ھەممە ئىشلارغا ئەپچىل ئىدى.
مەن كىيىن باللىرىمنى ئەكىلىشكە پۇل كېرەك بولغاندا ھەم قاراپ تۇرماي ياردەم قۇلنى سۇندى،400دوللار ئايروپىلان بىلەت پۇلنى ھەم سوراپمۇ قۇيمىغان ئىدى.
پۇل خەجلەش ئارقىلىق بىرىنچى باللىرىمنى ئەكەلدىم، كىيىن خانىمنى ئەكەلدىم پۈتۈن ئىشلىرىمغا توختىماي يۈگرەيتتى،مەن ئۇنۇڭغا بىرلام ئىششىغا ئاچىققلىناتتىم،باللارنىڭ ۋەتەندىكى ئازپاز ئىقتىسادلىرىنى تىلپۇن سودسىنى قىلغاچ قانچىلىغان ئائىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشىگە ياردەمدە بولدى!بىر قىتىم ئاداش بىر خىتاي بار ئىدى تۈركىيەگە ماشنا فىلتىر زاۋۇتىنى قۇرماقچى مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ گۇيلار بىزنىڭ ئاز قىنىمىزنى ئىشمىدى بۇلۇپلا بىر ياخشى ئىش قىلمايمۇ، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلقتا قالغان ئەرسىز ئايال باللار بار بىر ساۋاپ ئىش قىلمايلىمۇ دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ ھەي دۇستۇم سىلى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش قىلالايسىلەر دەپ بۇ ئويدىن ۋاز كېچىشنى ئۈمۈد قىلدىم شۇنۇڭ بىلەن فىلتىر سودسىنى باشلىدى،ئەمما شىرىكچىىلىكتە ئازاراق مەسلە چىقىپ قايتىپ دۇزچىدىن ئىستانبولغا كەلدى، مەن دەۋا ئىشلىرى بىلەن ياۋروپاغا كەلدىم ئالاقەم ئۈزۈلمىدى تىلپۇن سودىسىنى كىيىن توختۇتۇپ ۋىروس باشلانغاندىن كىيىن خىتاينىڭ ماسكىسىنى سىتىۋىلىپ قىلىشنى تەكلىپ قىلغاندا ئۇ دۇستۇم خىتاينى يەنە پۇلنى ئىچكىرىگە ئەكىتەمدۇ دەپ ھىلىقى فىلتىر سودسىنى قىلماچى بولغان ختاينى مەبلەغنى مۇشۇ يەرگە سال دەپ قىزىقتۇرىدۇ ھەمدە خىتايمۇ پۇلىنى چەتئەلگە يۆتكەش پىلانى بولغاچقا موككىدە تورامپكام چىقىپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇرسا دەپ پەرەز قىلىپ 1500000دوللار مەبلەغ سالغۇزۇپ تۈرك بىلەن خىتاي شېرىك خىزمەتچىلەرنى ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك ئالدىغانغا پايدىنىڭ 5%ئالدىغان بۇلۇپ كىلىشىپ ئىش باشلايدۇ.
نۇرۇغۇنلىغان ياش ئەر ئاياللار 2500دىن 3500لىراغىچە مائاشلىق خىزمەتچى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىدۇ ئۆزى كېرەك بولغاندا ئۆينى ساتقان پۇلنى ھەم پايدا ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ ئۆي پۇلنىمۇ يوقىتىدۇ، مەن 9.ئاينىڭ ئاىىرلىرى بارغاندا ئۆيىگە مىھمانغا چاقىرغان چارچاشتىن ھالسىرغان دوستۇم قۇلدىن مۇشۇنچىلىك كەلگەنلىكى يىل ئاخىرىدا پايدا بۆلسە ئاندىن بىر ئۆي سىتۋالامەن دەپ تار كېچىك بولسىمۇ ئېللىق ئۆيىگە باشىلىغان ئىدى قەلبى گۈزەل يەڭگىمىز ئوخشۇتۇپ ئۆي تائاملىرىنى ھازىرلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى،بەك تەسكەن ئاداش ئادەم باشقۇرماق دەپ بەزى تەڭقىسلىقلارنى دىيشكەنمۇ بولدۇق،ھەتتا ھاجىم ئاكامنىڭ كۆي ئۇغلۇمۇ بۇ زاۋۇتتا تېخنىك بۇپ ئىشلەۋاتاتتى.
خىتاينىڭ سودىسىنى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،نەچچە يىگىرمە ئۇتتۇزلىغان ئائىلىدىە خاتىرجەملىك،ئىسسىق تاماق ،سۇلغان دىللارغا ئازاراق بولسىمۇ تەسەللى ھەم ھاياتىغا ئىشەنچ تولغان ئىدى،يەنىلا بۇرۇنقى ئاق كۆڭۈل ئابدۇللا ئازراقمۇ ئۆزگەرمىگەن ئىدى.
ئەمدى تېخى پايدا ئالامەن دەپ نىيەت قىلىپ ئۆينىڭ پۇلىنى ئورنىغا قۇيارمەن دەپ ئويلاۋاتقاندا تۇساتىننلا شىركەتتىكى شىرىكلەر مەنپەتتىن كۆزى قىزىرىپ دوستۇمنى سىقىپ چىقىرىپ تاشلايدۇ،خەپ دەپ يەنە قەرز ئىلىپ ئىستانوكلارنى كىرگۈزۈپ ئىشتىن قالدۇرۇپ قويماسلىق ئىھتىياجلىق ئائىلەرنى ۋىروس سەۋەپلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبور بولغاندا ھەم ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ خىزمەت قىلىش ئىمكانىيتىنى يارىتىدۇ.
ئەپسوس يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەككۈچە بىششى تاشقا دەپ ماسكىنىڭ باھاسى چۇرتلا چۈشەگەن خىتاي بازىرنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ تۈركىيە ماسكا سودىسى ھەم دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋەيران بولىدۇ ئەگەر دۇنيا دىگەن بولسا،ئەرزان سۈرىيەلىك، تۈركمەن،ئۆزبېكلەر يىتەر ئىدى يۇ ئۇيغۇر كېرەك ئەمەس ئىدى.
مىللىتىنى سۆيۈشنى،ۋەتەننى سۆيۈشنى شەرەپ دەپ بىلگەن بۇ ماسكا تاقىغان ساتقىنغا ئايلانغان سافاكۆيدىكى دوستۇم يۈرەكلىرى پارە -پارە بىششى قىيىپ تىلپۇندا ئامالسىز ھەقىقى ئەۋالنى دىگەندە كۆزۈمگە ياش كەلدى نەق مەن ئەڭ قىيىن چاغدا قۇل ئۇچچىنى سوزغان ،مەن ئەڭ ئېھتىياجلىق چاغدا يانچۇقىدا بارىنى ئايمىغان بۇ ئاتالمىش ساتقىن دىگەن نامغا ئېرشكەن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلدىغان چاغدا تىلپۇن سۇدىسى قىلىپ باشقىلارنىڭ سەدىقىسگە قاراپ قالماي،قانچىلىغان ئائىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا قۇل يايغۇزماي ياشىغان دوستۇم ھازىر ساتقىن مۇناپىق ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ!مەن ئۆزەمگە سۇئال قويدۇم، ياشاش شۇنچىلىك تەسمۇ؟مىللەت ۋەتەننى سۆيۈش شۇنچىلىك تەسمۇ ھاياتنى ساقلاش مۇشۇنچۇۋالا قىينمۇ! نىمە ئۈچۈن بىزمۇ باشقىلاردەك كۈلۈپ ياشىيالمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بىر ئادەم ئىگىلىك تىكلەشكە ئېنتىلگەندە قول ئۇچچۇمىزنى ئايايمىز،بىر ئارقىدىن غەيۋەتلەر،تۆھمەتلەر بولغاندا ئازاراق ئويلۇنۇپ بۇقا تۇغۇپتۇ دىسىلا راستىنلا بۇقا تۇغۇپتۇ دەپ ئويلىماي تەپەككۈر قىلساق بولمامدۇ؟نىمە ئۈچۈن مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىنسانلار ھەدىسىلا ئازار يىيشى كېرەكمۇ؟كۆپەيمەي ئازلاپ كىتىدۇ نىمىشقا؟مەن تۈركىيەدە، ياۋروپادا، ئامىركىدا،ياپۇندا،ئاۋىسترالىيەدە،ئېرلاندىيەدە ،گوللاندىيەدە،گىرماندا،فىرانسىيەدە،شىۋىتسىيەدەكۆردۈم ئاڭلاۋاتىمەن زەربە يىگەنلەر،ئازار يىگەن ئادەملەر خۇشاللىق تاپقان،تەسەللى تاپقانلاردىن كۆپ! مەيلى ھايات بولساق ئۇچرىشىمىز!ئۆلسەكمۇ ھەم بۇ قىسقا ئالدامچى، ئۆتكۈنچى دۇنيادا قىيدەشىپ !تۆھمەت، غەيۋەت سازەندە قىپ تاماشا قىپ يىراققا قاچسىڭىزمۇ پات يىقىندا يەر ئاستىدا بىللە ياتىدىغان گەپ!ھەر بىر سۆز ،ئششىڭىزغا جاۋاپ بىرەلمەي قىلىشتىن قۇرۇقمىدىڭىزما؟سۆيۈشنى! قەدىرلەشنى،ئەزىزلەشنى،بەدەل تۆلەشنى ئۈگۈنۈڭ! ھايات قىممەتلىك!ھايات ئۈچۈن ئىنساندەك ياشايدىغان،ئۇيغۇر قازاقنىڭدەك روھ ئۇنۇڭدىنمۇ مۇھىم!بىز شۇنداق روھى بارلاردىن !قۇربان بۇلۇشقا تەييار قەلىبلەردىن ئايرىلىپ قالمايلى!تارازىغا سىز ئەمەس ئىگىسى سالغاندا تىلىڭىز،ئششىڭىز سۈرەپ كەتمىسۇن!ماسكىلىق ساتقىن ،خائىن دەۋاتقان مىنىڭ ياشلىقىمدىكى غۇبارسىز،مىننەتسىز،ئاددى روسچە بۇلبۇلدەك سايرايدىغان،بىلىملىك ئاددى بىر ئىنسان ھەم يەنىلا مىنىڭ قەدىناس دوستۇم!ئۇنۇڭغا پۇتىغا كىرگەن تىكەن مىنىڭ يۈرىكىمگە كىرىدۇ!ھەممىڭلارغا سىغىنىشلىق سالام!2021.يىلدا يۇرتىمىزدا يازلايدىغان ئىمكانىيەتلەر يار بولغۇسى دەپ تىلەپ

گوللاندىيە ئامىستردامدىن

چابىش ئۇغلى
Share
1096 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.