logo

trugen jacn

ئوسمان باتۇر دارغا ئېسىلغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىدە

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى : 2020 . 04 . 29 . چارشەنبە

ئەسلىمىلىك خەۋەر :

ئوسمان باتۇر 1899 – يىلى ۋەتىنىمىزنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، تولۇق ئىسمى ئوسمان ئىسلام ، بويى 1.84 مېتىردىن ئاشقان تەمبەل كىشى ئىدى . 1940 – يىلى 11 – ئاپرىل جاللات شېڭ شىسەي ھەددىدىن ئېشىپ ، گەرچە ھەممە بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ تۇرسىمۇ ، ئەمما قازاق خەلقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىنى ئورۇندىمىدى دېگەن باھانىدە ئالتاي باشبۇغى ۋە قازاقلارنىڭ ئاقساقىلى شېرىپقان تۆرىنى قولغا ئېلىپ 1942 – يىلى 11 – ئاپرىل ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئوسمان ئىسلام بىردىنلا قازاق خەلقىنىڭ باندىت خىتايغا قارشى قەھرىمانىغا ئايلىنىپ ، كۈرەشنى داۋام قىلغان . ئۇ « باتۇر» دەپ ئاتالغان . شېڭ شىسەي 1942 – يىلى سىتالىندىن ئۈزۈل – كېسىل يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن ، سىتالىن ئۇنى يىقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن موڭغۇلىيە پىرىزىدېنتى چويبالساننى 1943 – يىلنىڭ بېشىدا مەخپىي ھالدا ئالتايغا ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭ ۋاستىسىدە ئوسمان باتۇرنى قوللاپ ، قوراللاندۇرغان . 1943 – يىلى 16 – ماي مەخسۇس كېرمىل سارىيىدا غالچا شېڭ شىسەينى يىقىتىش قارارى چىقىرىپ ، ئوسمان باتۇرنى قوللاش سالمىقىنى دۆلەت دەرىجىلىك قوللاشقا ئۆزگەرتكەن . ئوسمان ئىسلام بىلەن موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1944-يىلى 25- فېۋرال كۈنى ئوسمان باتۇر موڭغۇلىيىنىڭ قوبدو ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان چىڭگىلنىڭ بۇلغىن دېگەن يېرىدىكى چېگرا يايلىقىدا موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، مارشال چويبالسان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىۋانوۋ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بايقال فرونتىنىڭ قوماندانى رۇبىن شۇنىڭدەك موسكۋادىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رازۋېتكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى گېنېرال لاڭفاڭ، موڭغۇلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاگورجان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى گرېدىيېۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن . بۇ سۆھبەت بىر ئاي بۇرۇن ( 21 -يانۋار ) سىتالىن كېرمىل سارىيىدا چويبالساننى قوبۇل قىلغاندا قارار قىلىنغان ئىدى .
بۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەتتە ، 1944 – يىلى 22 – ئىيۇل قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قازاق خەلقى بۇلغۇن دېگەن جايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ ، ئوسمان باتۇرنى ئالتاي قازاقلىرىنىڭ خانى دەپ قوبۇل قىلغان . ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بىۋاستە قوراللىق ياردىمى ئارقىلىق جاپالىق كۈرەش قىلىپ ، 1945 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالتاي ۋىلايىتىنى ئاساسەن كونترول قىلىپ بولغان. شۇ يىلى 9 – سېنتەبىر سارسۈمبىنى ئېلىپ ، 3000 دىن ئارتۇق باندىت خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئوسمان باتۇر قوشۇنى بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ ، ئۆز ئارا بىرلەشكەن . ئوسمان باتۇر ئالتايغا ۋالىي بولغان . ئەمما سىتالىننىڭ بېسىمى ئارقىلىق ئىمزالانغان 1946 – يىلدىكى تەڭسىز كېلىشىمدىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن نەچچە پىرقىگە بۆلۈۋەتكەن ھىلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئوسمان باتۇر بىلەن مىللىي ئارمىيە ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلدۇرۇپ ، « ئارىنى بۇزۇش » مەقسىتىگە يەتكەن . 1949 – يىلى سىتالىن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا ھەدىيە قىلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلار گېنىرال يولۋاسنىڭ قوماندانلىقىدا قۇمۇلدا تەشكىللىنىپ ، ئوسمان باتۇر بىلەن بىرلىشىپ ، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ۋەتىنىمىزگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن جان تىكىپ ، قان كېچىپ جەڭ قىلغان . بىراق دۈشمەن قولىدىكى سىتالىن تەمىنلىگەن ئىلغار قوراللار ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ ، ھازىرقى كۆكنۇردا قارشىلىقنى داۋام قىلغان . ئاقىۋەت ئارقا سەپ تەمىناتى بولمىغاچ، يولۋاس نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرنى باشلاپ، تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن . ئوسمان باتۇر 1951 – يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ، شۇ يىلى 29 – ئاپرىل ئۈرۈمچىدە تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن « كوممۇنىزىمغا قارشى تۇرۇش جىنايىتى » بىلەن ئەيىپلىنىپ دارغا ئېسىلغان .

قازاق خەلقى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمان باتۇرنىڭ جەسىتىنى ئالتايغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۆز يۇرتى كۆكتوقايغا دەپنە قىلغان . 90 – يىللاردا شەرىپقان تۆرىنىمۇ 1947 – يىلى 11 – ئاپرىل خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن قايتا دەپنە قىلىنغان ئۈرۈمچى شامالباغ مازىرىدىن ئالتايغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، قايتا دەپنە قىلغان . ئەمما نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر ۋە قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار خوجىنىياز ھاجى بىلەن سابىت داموللا قاتارلىق يولباشچىلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان . ئاقىۋەت 2008 – يىلنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى قوراللىق باندىتلار مازارنى قورشاپ، ئەڭ سەزگۈر بەش ئۇيغۇر پېشۋاسىنىڭ جەسەتلىرىنى نامەلۇم جايغا يۆتكەپ كەتكەن . ئارقىدىنلا خوجىنىياز ھاجىنىڭ مازىرىنى مەركەز قىلىپ ، 2009 – يىلدىن كېيىن ئاتالمىش تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، بۇ مازار تارىخقا ئايلانغان . تىرىكىمۇ ، ئۆلۈكىمۇ ئۆز يۇرتىغا پاتمىغان ۋە ئامان قالمىغان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك . مىللىي مۇستەقىللىقتىن باشقا ھەر قانداق ۋاقىتلىق چارە بىزنىڭ نە تىرىكىمىزنى ، نە ئۆلۈكىمىزنى ساقلاپ قالالمايدۇ .

مەنبە : تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىدار ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ۋە قىسقارتىپ ئېلىندى .

ئاخىرقى سۆز :

دېمەك ۋەتەن ۋە دۆلەت، ھۆرلۈك ۋە ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنكى، بۇنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلار نە ھاياتىدا نە ئۆلگەندە ئارامىدا ياتالمايدىكەن.

يەنە قاچانغىچە « ۋەتىنىمزدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇن بولۇپ ياشاۋېرىمىز!؟».

داھىيلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىگە، ھەتتا مىڭ يىللىق تەۋەررۈك مەسچىتلىرىمىزگە ئىگە چىقالمىدۇق!
« كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كېلىدۇ». ئۇنداقتا بىزنىڭ تىرىكلىكىمىزنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە ھېچ پايدىسى بولمىسا، دېمەك ئۆلۈكىمىز توڭگۇزدىنمۇ بەتتەر خار بولىدۇ دېگەن گەپ !

قېنى ئەمىسە، سوئاللار ۋە جاۋاپلار سىلەرگە قالدى ! كىم بولۇش، نېمە دېيىش ، نېمە قىلىش، نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىشنى ئۆزۈڭلار قارار قىلىڭلار !

سايرام ئوغلانى

2020 – يىلى 29 – ئاپرىل چارشەنبە

Share
4143 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.