logo

trugen jacn

ئوباما، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا باشقىلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

indir

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا زىيادە قارا كۈچىگە تايىنىپ ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى كارايىپ دېڭىزىدىكى يامايكىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا قىلدى.

ئۇ، «خىتاينىڭ خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلماي، ئۆزىنىڭ زىيادە قارا كۈچى ۋە بىلەك كۈچىگە تايىنىپ، ئەتراپتىكى ئەللەرنى ئېتائەتكار ئورۇنغا قىستاۋاتقانلىقى بىزدە ئەندىشە قوزغىدى. بىزنىڭچە، بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ، فىلىپپىن بىلەن ۋىيېتنام جۇڭگودەك چوڭ دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى دۈشكەللەشكە بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدا زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «كىمنىڭ قارا كۈچىنى ۋە بىلەك كۈچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى دۇنيادا ھەر كىمگە مەلۇم» دېگەن.

يېقىندا ئامېرىكا رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھلىرى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا قۇم بىلەن تىندۇرۇپ، يېڭى ئاراللارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئاراللاردا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردە جىددىي ئەنسىزلىك قوزغىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/jenubiy-dengiz-04102015155721.html

Share
1209 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.