logo

trugen jacn

ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھرىدىكى ئەئىد فەستىۋالدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى تۇنۇتماقتا

ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھرىدىكى ئەئىد(Eid )فەستىۋالدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى تۇنۇتماقتا

ئۇيغۇر خانىم – قىزلار بۇگۈنكى فېستىۋال توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيىشتى؛ بۈگۈنكى بۇ ھېيت فېستىۋالىغا قاتناشقان بۇ شەھەردىكى بارلىق مۇسۇلمان ۋە يەرلىك خەلقلەر بىزنىڭ كىيىملىرىمىزگە، دوپپىلىرىمىزغا بەكلا قىزىقىپ سوراپ ۋە كىيىپ رەسىملەرگە چۈشۈشتى ، بىزمۇ زېرىمەي تېرىكمەي ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردۇق ، ۋەتەندىكى زۇلۇملار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈردۇق، مەدىنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇشنىڭ بۇ ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ مۇشۇنداق بىر مەدىنىيەتلىك مىللەتنىڭ يوقۇلۇپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىز ، ئاتا – ئانىلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىمىزنى، 3 مىليوندىن ئارتۇق خەلقىمىزنىڭ تۈرمە ۋە لاگىرلاردا ئىكەنلەكىنى، بۇنداق كىيىم – كېچەك ۋە دوپپىلارنى ئەمدى يۇرتىمىزدا كۆرەلمەيدىغانلىقىمىزنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتايلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى، يالغانچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلىدۇق. نۇرغۇن كىشىلەر ھىسداشلىق قىلدى ۋە ئەھۋالىمىزدىن خەۋىرى بارلىقى، شۇنداقلا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى سوراپ كىتىشتى.

Share
22599 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.