logo

trugen jacn

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغانلىق فېستىۋالىنى يېرىمىدا توختىتىپ قويدى

945be070-245a-48a9-92c7-c5f490ccf7e3

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەدە باشلانغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» 8-فېۋرال كۈنىگە كەلگەندە سېدنىي تىياتىرخانىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىش دەپ چۈشەنگەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن 4 كىشى، يانلىرىغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ئېلىپ تىياتىرخانا ئالدىغا كەلگەن. بۇلاردىن ئىككى نەپىرى تىياتىرخانا ئىچىگە كىرىپ كېتەلىگەن، ئىككى نەپىرى توسۇپ قېلىنغان.

تىياتىر باشلىنىپ يېرىمىغا كەلگەندە، تىياتىرخانا ئىچىدىكى ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقىرىپ شوئار توۋلىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلىپ سۆز قىلغان. بايراق ۋە خىتاب ئاۋازىدىن چۆچۈگەن خىتاي تاماشىبىنلار تىياتىرخانىدىن قاچقان. فېستىۋال يېرىمىدا توختاشقا مەجبۇر بولغان.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئابدۇكېرىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بۇ مەدەنىيەت فېستىۋالىغا، ئۇيغۇر رايونىدىكى سەنئەتچىلەردىن ئىززەت ئىلياس، تۇرسۇنئاي ئىبراھىم قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ۋە يەنە بىر قىسىم تاجىك قاتارلىق باشقا مىللەت سەنئەتكارلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈشكە كۆپ قىسمى ئاۋسترالىيەلىك خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يەنە بۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شۇ كۈنكى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى نورمال، ئۇيغۇر خەلقىنى بەختلىك دەپ تەشۋىق قىلىش پىلانى كۆكبايراق ۋەقەسى بىلەن بىت-چىت بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/awstraliye-tiyatirxanisida-kokbayraq-02102016141532.html

Share
1661 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.