logo

trugen jacn

ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا-2

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئامېرىكادا كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سەلبىي ئوبرازى بىلەن تونۇشلۇق بولۇپ قالغان «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس يېڭىدىن تەشكىللىگەن «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەشىق بازىسى ئاچماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا ۋە خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ ساھە بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن بىر قىسىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدا قانداق مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.

بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئېرىك پرىنس ۋە ئۇنىڭ «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەربىي مەشىق بازىسى ئاچماقچى بولغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، بۇ گەپلەرنىڭ مىش-مىش خەۋەر ئەمەسلىكى رەسمىي ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق بىر ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى «قىزىق مۇھاكىمە رايونلىرى» نىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىغا يۈرۈش قىلىشى ئۆزىگە يارىشا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئېرىك پرىنس بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىز خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايمىز، ئەكسىچە سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەملىشىش بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹قارا سۇ› قوشۇنى بەرپا قىلىش ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› ئامانلىقنى قوغداش شىركىتى ئەمەس، ئەكسىچە ئارقا سەپ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان شىركەت» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتىكى تېمىلار بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن تور يازغۇچىسى جېيمىس كوربېت بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملىشىۋاتقان «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئىلگىرىكى «قارا سۇ» شىركىتىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئېرىك پرىنسنىڭ ھازىرقى شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەينەن تەكرارلىنىشى، دەپ قاراش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىمكى، ھازىر بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز ‹قارا سۇ› قوشۇنىنى ئىجارە ئېلىش ئىشى ئەمەس. چۈنكى، بۇ شىركەت ھازىر «ئاكادېمى» دېگەن نامدا تونۇلۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا XE (‹زى›) دەپ ئاتالغان. بۇ شىركەتتىكىلەر ھازىر ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان جايدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىگە ئېرىك پرىنس مەسئۇل. بۇ كىشى ‹قارا سۇ› شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، كېيىن ئېرىك پرىنس بۇ شىركەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىدىن ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› ناملىق بىر شىركەتنى بەرپا قىلىپ چىقتى. بۇ شىركەتنىڭ پايلىرى خوڭكوڭ پايچېكى بازىرىغا سېلىنغان بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئارقا سەپ خىزمىتى ۋە ئامانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، دەپ ئىزاھلايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ‹قارا سۇ› شىركىتىدىن پەرقلىق بولغان شىركەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ‹قارا سۇ› شىركىتى تەمىن ئەتكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلار يەنىلا خېرىدارلىرىنى ‹قارا سۇ› شىركىتى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقاندەك ياكى ھېچبولمىغاندا شۇنداق بىر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىستەۋاتقاندەك قىلىدۇ. مانا بۇ ئېرىك پرىنسنىڭ قىسقىچە ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇ كىشى بولسا ھازىر ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› نىڭ رەئىسى. بۇ شىركەتنى بولسا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ياللىۋالدى.»

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى»نىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا «ھەربىي ئىشلارغا دائىر مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانمايمىز» دەيدىغان بايانلىرىغا قارىتا دەرگۇماندا بولغۇچىلار يالغۇز جېيمىس كوربېت ئەمەس. ئىلگىرى «قارا سۇ» شىركىتى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلەر يازغان ئوبزورچى ئارام روستونمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان قاراشتا. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى ئېرىك پرىنسقا كەلسەك، ئېرىك ھازىر ئاشكارا يوسۇندا سودا قىلىۋاتقان ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› شىركىتىنىڭ رەئىسى. بۇ شىركەت ھازىر خوڭكوڭنىڭ پاي بازىرىدا سودا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئۇلار ئاساسلىقى ئافرىقا ۋە باشقا جايلاردا ئارقا سەپ، قاتناش-ترانسپورت ئىشلىرى دېگەندەك ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن مۇلازىمىتى بىلەن خىتايدىن كەلگەن خېرىدارلارغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەمما ھازىر ئۇلار ئۇشتۇمتۇتلا باشقا بىر نەرسىگە بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ: ئىشەنچلىك مەنبەلەر بۇ شىركەتنىڭ ھازىر ئارقا سەپ مۇلازىمىتى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئېرىك پرىنس قول تىققان ‹ئامانلىق› ئىشلىرى ھەرقاچان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ خىزمەتنىڭ تولىمۇ پىنھان ۋە مۇھىت شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان بىر رايوندا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېرىك بولسا ئۆزىنىڭ ئىككى ھەرىكەت بازىسى ئاچماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرى يۈننەن ئۆلكىسىدە، يەنە بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.»

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ بۇ خىل ئۇشتۇمتۇت يوسۇندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋېلىشى ھەققىدە ئېرىك پرىنس خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئارقا سەپ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جېيمىس كوربېت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ مۇشۇ غايەت زور قۇرۇلۇشىنىڭ دەل ئېرىك پرىنسنى خىتايغا باشلاپ كەلگەن ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىزگە مەلۇم بولغىنى شۇكى، ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلىدىغان ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىدا ۋە ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا گەرچە ئۇلار ‹پۇل تېپىش› دېگەن مەزمۇندىكى گەپلەرنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى› نى ئىجرا قىلىۋاتقان رايونلاردا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› بىلەن ئىككى ھەربىي بازا نۇقتىسى قۇرۇش ھەققىدە توختاملىشىش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. بۇ بازىلارنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېرىك پرىنس ئۆزى بۇنىڭ بىرىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ غەربىي جەنۇبى كارىدورىدا بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا غەربىي شىمالى كارىدورىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ غەربىي جەنۇب كارىدورىدا دېگىنى بىرما، تايلاند، لائوس ۋە كامبودژا ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ؛ غەربىي شىمالى كارىدورى دېگىنى بولسا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردۇر. دېمەك غەربىي جەنۇب كارىدورى دېگەندە يۈننەن ئۆلكىسى، غەربىي شىمالى كارىدور دېگەندە بولسا شىنجاڭ رايونى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.»

ئېرىك پرىنس خىتايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئامانلىق شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ ھېچقايسىسىدا قورال يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قۇرماقچى بولغان ھەربىي بازىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەردە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا جېيمىس كوربېرت مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ زادى قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ. بىراق ئۇلار قايتا-قايتا قىلىپ پەقەت ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ساھەلىرى ئۈچۈن ئارقا سەپ مۇلازىمىتى، مەشقلەندۈرۈش، ئالاقە، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، خېيىم-خەتەرنى مۆلچەرلەش، ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنى تىلغا ئېلىشىدا مۇنداق بىر نەچچە ئەھۋال مەۋجۇت: بىرىنچى، بۇ ھال تاشقى دۇنياغا ئۇلار ( ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى›) بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياكى بىۋاسىتە خىتاي ئۈچۈن، ھېچبولمىغاندا مەخسۇس خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە بولىدۇ دېگەننى تەكىتلىمەكچى. چۈنكى، بۇنداق دېيىش ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى›غا نىسبەتەن ئەجەللىك دەرىجىدە مۇھىم. نېمىشقا دېسىڭىز، نورمالدا ئامېرىكىدىكى ھەرقانداق بىر گۇرۇھنىڭ خىتايغا ھەربىي مۇلازىمەت ياكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئېكسپورت قىلىشى ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا خىلاپ. شۇڭا ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› بەلكىم مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئاشۇ چەكلىمىنى يانداپ ئۆتمەكچى، يەنى ‹بىز خىتايدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە مۇلازىمەت قىلىمىز› دەيدىغان مۇشۇنداق بىر ساختا مەنزىرە پەيدا ياساپ چىقماقچى بولغان بولسا كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە زور داغدۇغا بىلەن ماقالىلەر ئېلان قىلغان ھەمدە بۇنىڭ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/amerika-xitay-05312017142141.html

Share
1271 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.