logo

trugen jacn

ئاۋات دۆڭقىشلاقتا 4 مۇقىملىق خادىمىغا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

 

 شۆھرەت ھوشۇر

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇددىتىنى بىر يىل دەپ بەلگىلىگەن ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى باستۇرۇش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىغاندىن كېيىن، بەزى جايلاردا ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىدىمۇ كەسكىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە.

بىز مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى، ئاقسۇ ئاۋاتتا 4 نەپەر مۇقىملىققا مەسئۇل خادىمنىڭ ئاھالىلەرگە كۆپلەپ ئاۋارىچىلىق-پەرىشانلىق كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پىدائىيلار تەرىپىدىن مەلۇم بىر ئۆيگە سولىنىپ، ئارقىدىن ئۇ ئۆيگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، ئاۋات ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

بەشئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى دۆڭقىشلاق كەنتىدە مۇقىملىق خادىملىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك تەپسىلاتى ئۇلارغا دەرھال ئۇقتۇرۇلمىغان، يەنى ئۇنىڭغا بۇ ۋەقە ھەققىدە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغان ساقچىخانا باشلىقى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى نەق مەيدانغا بارغاندا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ خادىم شۇ كۈنى نەق مەيدانغا بارالماي قالغىنى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز قالغان.

بىز يەنە دەل ئاشۇ دۆڭقىشلاق كەنتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى خادىمى ئەيساجان روزىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ دۆڭقىشلاقتا مۇقىملىق خادىملىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ۋەقەسىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ يىغىندا ئۆزىگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇمات بېرىشكە ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتە يۇقىرى ئورۇنلاردىن مەلۇمات سورىشىمىزنى ئېيتتى.

يۇقىرىقى ئىككى خادىمنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئاۋاتنىڭ بەشئېرىق بازار دۆڭقىشلاق كەنتىدە مۇقىملىق خادىملىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا، بۇ ئىسپات، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاۋاتتا 4 مۇقىملىق خادىمىغا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىمۇ ئىسپاتلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-qarshiliq-06192014144229.html

Share
1418 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.