logo

trugen jacn

ئاۋاتتا «دىنىي ئەسەبىي» لىك بىلەن باستۇرۇلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پىسخولوگىيەلىك تەلىم-تەربىيەگە زورلانماقتىكەن

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى 4 نەپەر ئۇيغۇر تېررور گۇماندارىنىڭ سەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

سەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى چىقارغان جىددىي ئۇقتۇرۇشتا 4 نەپەر گۇماندار ئىچىدىكى بىرىنچى كىشىنىڭ ئابدۇكېرىم ئابدۇغوپۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 30 نەچچە ئۇيغۇر گۇماندارغا «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللەت بۆلگۈنچىلىكى» جىنايىتى بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى. تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرمۇ ئاۋات ناھىيەسىگە ئېلىپ بېرىلىپ سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن جامائەتچىلىك ئالدىدا مەجبۇرىي «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ئۇندىن باشقا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا،كەنتلىرىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقى بىلەن باستۇرۇلغان ياكى زەربىگە ئۇچرىغانلارنىڭ باشقا رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن كۆپلۈكى تىلغا ئېلىنماقتا.

«خەلق تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى 6-دېكابىر كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاۋات ناھىيىسىدە باستۇرۇلغان ياكى زەربىگە ئۇچرىغان «دىنىي ئەسەبىي» لەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پسىخولوگىيىلىك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىن سۈرىيە يۈسۈپ ئىسىملىك بىر پسىخولوگىيە مەسلىھەتچىسىنى مەخسۇس ئاۋات ناھىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەتمەكتىكەن. سۈرىيە يۈسۈپ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ۋەقە كۆپ چىقىدىغان بەشئېرىق، دولان، تامتوغراق، يېڭىئېرىق، غوروچۆل قاتارلىق يېزىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە پسىخولوگىيىلىك تەلىم-تەربىيە لېكسىيەسى بەرمەكتىكەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇلكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى باھانە كۆرسىتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا «ئۈچ ئەلرايى» خىزمىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن بىر نەپەر مۇقىملىق كادىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«مەن ‹3 ئەلرايى خىزمىتى› بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن مۇقىملىق كادىرىمەن. 2014-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹قاتتىق زەربە بېرىش› دولقۇنى باشلاندى. بىز بۇ يەردە ئاساسلىقى ‹دىنىي ئەسەبىيلىك› سەۋەبىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەشۋىقىي-تەربىيە خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز. مەن يېزا بويىچە ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن چۈشكەن كەنتتىلا دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلەردىن 4-5 نەپىرى بار. ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئون نەچچە يىلدىن كەينىگە 2-3 يىلدىن قاماق جازاسى بېرىلدى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىشنى ‹ھارام› دېگەنلەر ياكى مەسچىتلەردە ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان ئىماملارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى رەت قىلغانلاردۇر. بىز ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن باستۇرغان ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ياكى قانۇن-تۈزۈمگە ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ بېرىپ تەربىيە ئىشلەيمىز.»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئادەتتە زەربە بېرىش ئوبيېكتى كۆپرەك دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا قارىتىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۇلارنى تەشۋىقىي تەربىيە بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئامالسىزمىز. ئۇلار چوقۇم كېسىلىپ كېتىدۇ. ئەمما مىللىي مەسىلە سادىر قىلغانلار ياكى مىللىي كەيپىياتى يۇقىرى بولغانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن تەشۋىقىي-تەربىيە بىلەن ساقلاپ قالىمىز. بۇ يەردە ئىچكىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئادەتتە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىيدىغان ئىشلار بار. ھەر يىلى ھۆكۈمەتتىن دېھقانچىلىق ئۈچۈن تولۇقلىما ياردەم پۇلى كەلگەندە ئۇنى تالىشىپ خەنزۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ماجىرا تۇغۇلىدۇ. بىز كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلەپ، بۇ جېدەللەرنى ئۆز ئىچىمىزدە بىر تەرەپ قىلىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-12082015140331.html

Share
1148 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.