logo

trugen jacn

ئاھالىلەر: يېپىق تەربىيەلەش سەۋەبىدىن خوتەن چوڭ بازاردا ئۈچتىن بىر قىسىم دۇكانلار تاقالدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنىشى سەۋەبىدىن رايونننىڭ سودا تىجارىتىگە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزگەن.

خوتەن شەھەر ئىچىدىكى ئىلچى بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تىجارەتچىنىڭ مۇخبىرىمىزغا پاش قىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەن چوڭ بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تاقالغان. بازاردىكى خېرىدارلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا ئاران يېرىمىغا چۈشۈپ قالغان.

قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى ئۆز مەھەللىسىدىن تەربىيلەشكە كەتكەنلەر ھەققىدە توختالغىنىدا، تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خوتەن شەھەر ئىچى ياكى قاراقاش ناھىيە بازىرىدا تىجارىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. پۇرچاقچىدا تۇتۇلماي قالغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۇتۇلماسلىقىنى جەمئىيەتكە ئارىلاشماسلىق ئادىتىگە باغلىق دەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ خوتەن چوڭ بازاردىكى دۇكىنىنىڭ سودىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى، دۇكان ئىجارىسىنى تەستە تۆلەۋاتقانلىقى ۋە سودا مۇشۇنداق داۋام قىلسا، بىر-ئايدىن كېيىن دۇكان تاقاش ئويى بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

خوتەن چوڭ بازار تەۋە بولغان بازار باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خادىمى، تاقالغان دۇكانلارنىڭ سانى ۋە نىسبىتى توغرىلىق مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما بەلگىلىك ساندىكى دۇكانلارنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئارقا-ئارقىدىن تاقالغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yepiq-terbiyelesh-10182017163811.html

Share
1682 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.