logo

trugen jacn

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت: قەھرىمانلىق ھەسرىتى

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت

مىكروفۇن ئالدىدا: پەرىزات غەيرەت

قەھرىمانلار دۇنياغا كۆپ كەلمەيدۇ,
كەلگەنلىرى ئۆلۈمسىزدۇر،ئۆلمەيدۇ.
قەھرىمانلار پارچىلايدۇ دۈشمەننى,
ئۆز خەلقىنى جەم قىلىدۇ،بۆلمەيدۇ.

بۇ رۇبايىنى 10 يىل بۇرۇن يازغان ئىدىم.قەھرىمانلىرىنىڭ بەزىلىرى تۇغۇلۇپ، بەزىلىرى ئانا قوسىغىدا يوق قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۇپىتىم بىلەن،قەھرىمانلارغا بولغان سېغىنىش ھەسىرىتىدىن سەۋدايى -سەرسان بولغان بىر ئاشىقمەن. پەقەتلا قەھرىمانلارنى كويلەشتىن باشقا ھىچبىر خىيال ئەقلىمگە كەلمەيدۇ. چۇنكى بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىگى قەھرىمانسىز قولغا كەلمەيدۇ .

خەلقلەر ئەركىنلىكنىڭ،دىيارلار قەھرىمانلىقنىڭ ھەسرىتى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەركىنلىك، قەھرىماننىڭ ھىمايىسىگە مۇھتاج. قەھرىمانلىق پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ.

ئىنسان روھىنىڭ ئوكسىگېنى ئەركىنلىك،ئوزۇقى سۆيگۈدۇر.ئىنسان بالىسىنىڭ ئەركىنلىك ۋە سۆيگۈگە ئېرىشىشى يولىدا،مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلارغا ئېھتىياجى بار.

بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنىگە دۈشمەن قەدەم باسقان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ.

بىر مىللەتنىڭ ھەقىقى مىللى خاراكتېرى،ئۇ مىللەتنىڭ ۋەتىنى دۈشمەن ئىشخالى ئاستىدا قالغاندا ئاشكارىلىنىدۇ.

مىللىي بايرىقى يىقىلغان ئەسىر مىللەتلەر ئارىسىدا قەھرىمانلار تاغلاردىكى ئالماس تاشتەك ئازىلىدۇ،خائىنلار دەريادىكى شېغىل تاشتەك كۆپىيىدۇ.

ئاللا،زىيالىلارغا بىلىم ۋە شوھرەت، بايلارغا پۇل – مۇلۇك، يوقسۇللارغا ۋەتەن سويگۇسى بەرگەن.

ھەر قانداق بىر ئوچى،ئوۋ ئىتىغا ئىتنى،ئوۋ بۈركۈتىگە بۈركۈتنى ئوۋلىتالمايدۇ.چۈنكى،ئۇلار ئۆز نەسلىنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ.ئوۋچىلار تەرىپىدىن مائاش دەپ ئاتالغان تاسما بىلەن بوينى باغلىنىپ ، ئۆز نەسلىنى ئوۋلاشقا سېلىنغان ئىنسانلاردا ئوۋ ئىتى، ئوۋ بۈركۈتىگە ئوخشاش سەزگۇرلۇك،ئۆز مېھنىتىگە تايىنىپ جان باقىدىغان قابىلىيەت يوقتۇر.ئۇلار،ئالدىغا ئەكېلىنگەن گۆشنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى،ئىچىۋاتقان شاراپلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قان، كۆز ياشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.خۇددى پالتىنىڭ سېپى ئورماننىڭ كېسىلىپ كېتىشىگە ئۆزىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىغىنى بىلمىگەنلىگىگە ئوخشاش.

ۋەتىنى ئاسمىنىدا دۈشمەن بايرىقى لەپىلدەپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا،ساز چېلىپ،ئۇسۇل ئويناپ چارچىمايدىغان خەلقلەرنى كۆرگىنىڭىزدە غەلىتىلىك ھىس قىلماڭ.ئەسلى غەلىتە ۋە قورقۇنۇچلۇق بولغىنى،بۇ خەلقلەرگە مەنسۇپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ،مۈستەملىكىچىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇ خەلقنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ بېشىنى مەيدانلاردا پۇتبول توپىغا ئوخشاش تىپىپ ئويناشلىرىدۇر.

ئازاتلىققا چاڭقاپ كەتكەن،بىراق ئازاتلىق ئۈچۈن ئاتلىنىش جاسارىتىنى يوقاتقان خەلقلەرنىڭ روھىنى ئەسىر ئالغان ئامىل،قورقۇنچاقلىقتۇر. قورقۇنچاقلىق يۇقۇملۇقتۇر،ھەتتا ھالاك قىلغۇچى ۋابادۇر.قەھرىمانلىق بۇ ۋابا تارقالغان يەرلەرنى دىزىمپىكسىيە قىلغۇچى دورىدۇر.

قورقۇپ ياشاشنىڭ ئازابى ئۆلۈمدىن يامان.

قورقۇنچاقلار غۇرۇرىنى يوقۇتۇش بەدىلىگە ئازاب ئىچىدە ياشاشنى ھايات دەپ چۈشىنىدۇ.

غۇرۇر، شان-شەرەپ قوغدالمىغان يەرلەردە ساتقىنلارنىڭ نەسلى كۆپەيگەن بولىدۇ.
ساتقىنلار سەلتەنەت قۇرغان يەرلەرگە بىر نەزەر سېلىڭ؛ كۆرىدىغىنىڭىز، بوزەك ۋە قورقۇنچاق قوۋمىنىڭ ئۆزئارا بوغۇشۇپ، ھالسىز ۋە نىمجان بولۇپ قالغان تىرىكلەر مازارلىغىدۇر.

ئادەتتە قەھرىمان بىلەن قورقۇنچاقنى قانداق ئايرىغىلى بولىدۇ؟

قەھرىمانلار دۈشمەننىڭ، قورقۇنچاقلار قېرىندىشىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ.

قەھرىمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ئەمەس،باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئويلىغۇچىلاردۇر.
قەھرىمانلار،خەلقىنى كۇچ- قۇدرەت بىلەن، قورقۇنچاقلار پىتنە- غەيۋەت بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.

قەھرىمانلارنى ئەڭ ئازاپلايدىغىنى؛ ساپ،ئامما قۇللۇق تۇرمۇشىغا ئۆگىنىپ قالغان ئوز قەۋمىنىڭ ئاستا-ئاستا قامچىدىن خوشلانغۇچى ئىشەك،بويۇندۇرىغىغا ئاشىق ھۆكۈزلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىدۇر

قەھرىمانلار، بىر جەمئىيەتنىڭ ئۈمىد ۋە شەپقىتىدىن تۇغۇلىدۇ. كېلەچەككە ئۈمىت، بىر-بىرىگە شەپقەت تۈگەپ كەتكەن جەمئىيەتنى ئۈمىت، شەپقەت ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر يەنىلا قەھرىمانلاردۇر.

قورقۇنچاقلارنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى دېسەك، قەھرىمانلار ئۇ قاراڭغۇ كىچىدە پارلىغان يۈلتۈزلاردۇر.
تارقاقلىقنىڭ ئەسلى مەنبەسى __ قورقۇنچاقلىقتۇر.

قورقۇنچاقلارنىڭمۇ،ھەسەتخورلارنىڭمۇ،مۇناپىقلارنىڭمۇ،خائىنلارنىڭمۇ… ئورتاق دۈشمىنى-قەھرىمانلاردۇر.ئەمما، قەھرىمانلار، دوشمەننى جەڭ مەيدانلىرىدا ئىزدەيدۇ.

قەھرىمانلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىش شىجائىتى __ ئاللاھنىڭ سوۋغىسىدۇر.

ئىمان بار يۈرەكتە قورقۇنچاقلىق، قورقۇنچاقلىق بار يۈرەكتە ئىمان بولمايدۇ.

قورقۇنچاقلار ئىمانسىزلىقلىرىنى، ۋىجدانسىزلىقلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن قەھرىمانلارنى “تەلۋە”دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەركىنلىك يولىدا بېرىلگەن بەدەللەرنى، زالىم دۈشمەننىڭ قانخورلىغىدىن ئەمەس، قەھرىمانلارنىڭ “تەلۋە”لىگىدىن كۆرىدۇ.

ھېچكىم، ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىغىدىن ماختانمايدۇ. چۈنكى، قورقۇنچاقلىق ئەيىبتۇر. بىراق قورقۇنچاقلار باھانە تاپسىلا قەھرىمانلارنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ۋىجدانىنى راھەتلىتىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ.

قورقماس يۈرەككە ئىگە بولۇش، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىلىمگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ، ئانىدىن بالىغا سۈت بىلەن ئۆتىدىغان ئېرسىيەت ئامىلىدۇر.

يولۋاستىن-ئارسلان، مۈشۈكتىن-ئاسلان تۇغۇلىدۇ. يولۋاسقا ئەگەشكەنلەر شىرنىڭ، قويغا ئەگەشكەنلەر قۇزىنىڭ خۇيىنى ئالىدىغانلىغىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر.

يولۋاسلار ئوۋنى ئۆزى ئوۋلايدۇ. ياشىغان تاغلارنى باشقىلارنىڭ ئىگەللىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ مۈشۈك، ئۆمۈر بويى ياقا-بۇلۇڭلاردا باشقىلاردىن ئېشىپ قالغانلارنى يەپ جان باقىدۇ. كىم بەز بەرسە،ئۇنى خۇجايىنىم،دەپ بىلىدۇ.

نادانلىق ۋە قورغۇنچاقلىقتىن كېلىپ چىققان باش-باشتاقلىق، بەزى مىللەتلەرنىڭ قۇللۇق زەنجىرىگە باغلىنىشىغا، بەزى مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولدى

ئازات، مۇستەقىل ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن قەھرىمانلىرى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ئۇ مىللەت بىلەن باراۋەر ياشاۋاتىدۇ. چۈنكى، قەھرىمانلار ئۆلسىمۇ، قەھرىمانلىق ئۆلمەيدۇ

ئەركىنلىكىنى ھەر دايىم كۆز قارچۇغىدەك قوغدىغان ۋە ئەركىن ياشاپ كەلگەن خەلقلەرنى،ھىچ بىر دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ بوي سۇندۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.جاندىن كېچىشكە رازى،ئامما ئەركىنلىكتىن كېچىشكە رازى بولمايدىغان ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان مىللەت قەھرىمان مىللەتتۇر.

مەھكۇم ئىنسانغا ھاياتنى سۆيدۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل__ ئەركىنلىك ئارزۇسىدۇر. ئارزۇنى رىاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مىھنەت، بەدەل لازىم. ئەڭ كۆپ بەدەل ۋە يۈكسەك ساداقەت، ئەڭ قىيىن ئىمتىھان ئوتكەللىردىن ئوتكۇزگەندىن كېيىن،تەبەسسۇملۇق يۈزىنى كۆرسەتكەن ئاشىقنىڭ ئىسمى ئەركىنلىكتۇر.ئۇ، قەدىرلەنمىگەن،قوغدىيالمىغان يەردىن كېتىپ قالىدۇ.

ئازاتلىققا ھەممەيلەن تەلپۈنىدۇ. بىراق  ئازاتلىق بىرلا قەھرىمانغا تەلپۈنىدۇ.

دۈشمەن كۆز يېشى تۆككەنگە يوقالمىغىنىغا ئوخشاش، غەيۋەت-شىكايەت قىلغان بىلەنمۇ يوقالمايدۇ.

بوۋاقلار يىقىلماي مېڭىشنى ئۆگىنەلمەيدۇ. مەغلۇپ بولماي تۇرۇپ، غەلىبە قىلىشنىڭ سىرلىرىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ.يېڭىلمەس بوكسېر چىمپىيونلىرىنىڭ غالىپلىغى؛ ئۇلارنىڭ مىڭلارچە قېتىم يېڭىلىشى، مىليونلارچە قېتىم مۇش يېيىشى بەدىلىگە كەلگەن.

غالىبىيەت، كۈچى بولغانغا ئەمەس، ئېتىقادى بولغانغا مەنسۇپتۇر.

مىللى غۇرۇر، مىللى قەھرىمانلىق، مىللى بىرلىك روھىدىن مەھرۇم مىللەتلەرنىڭ زۇلۇم كۈرىشى، كەمسىتىلىشى ۋە خارلىنىشىغا ئالدى بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولىشى لازىم.ئاللاھ ھېچبىر خەلققە ئورۇنسىز ئازاب بەرگەن ئەمەس.

بىر چوڭ مىللەت، ئەسىر بىر كىچىك مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى ئازات قىلىپ قويغانلىقى تېخى تارىختا كۆرۈلمىدى. مۇنقەرز مىللەتنىڭ ئازاتلىغى، ئۇ مىللەت قەھرىمانلار قوشۇنىنىڭ شىجائىتىگە باغلىق

قورقماس يۈرەك ئەزىمەت بولۇش دېمەك؛ ئۆزىنى ۋاقىتسىز ئۆلۈمگە ئېتىپ ھالاك بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، غايە يولىدا قەتئىي، سوغۇققان، تەۋرەنمەس، سەۋىرچان، مەنتىقلىق بولۇش، كۈچ ۋە ئەقىلنى ئورۇنلۇق ۋە توغرا سەرىپ قىلىش دېمەكتۇر

ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن مەزلۇم مىللەتنىڭ قەھرىمان ئاۋانگارتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قورقماسلىق-پەقەتلا ئۆلۈمدىن، دۈشمەندىن، خېيىم-خەتەردىن قورقماسلىق دەپلا چۈشۈنۈلمەسلىگى لازىم. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نادانلىق، چېچىلاڭغۇلۇق، قورقۇنچاقلىق، بوشاڭلىق، مەن-مەنچىلىك، ئۆز قەھرىمانلىرىغا بولغۇسى خاتا چۈشەنچە، پىتنە-پاسات، ۋاپاسىزلىق، ھاقارەت، ھەتتا سۈيىقەست…لەردىن قورقماسلىق ھەقىقى قەھرىمانلاردا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتتۇر.

قەھرىمانلار كۇچ-قۇۋۋەتنى دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرەتتىن ئەمەس، ئۆز خەلقىگە بولغان سۆيگۈ-ساداقەتتىن ئالىدۇ. چۇنكى، نەپرەت ئوتكۇنچى، سويگۇ ئەبىدىدۇر.

ئىنسانلارنى يارىتىش ئاللاھقا مەنسۇپ، بىراق، تىرىك ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەن روھىنى تىرىلدۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش ئۇ مىللەت قەھرىمانلىرىنىڭ ئىشىدۇر.

ئەسىرگە ئايلانغان خەلقلەرنىڭ پۇت-قولىدىكى كويزا-كىشەننى چىقىرىش بىلەنلا ئۇلارنى ئازاتلىققا چىقاردۇق دەپ ھېساپلىغىلى بولمايدۇ.ھەقىقى ئازاتلىق،ئۇلارنىڭ روھىغا سېلىنغان كويزا-كىشەنلەرى چىقارغاندىن كىيىن ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.قەھرىمانلار،قايسى ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە بالدۇر قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىقىنى ئىدراك قىلالايدىغان سەزگۈرلۈكى بولغانلاردۇر.

تۆمۈر قەپەسلەر ئىچىدە قالغان، ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە بارلىق ئىختىسادى ئىمكانلاردىن مەھرۇم، روھى چۈشكەن، ئەخلاقى بۇزۇلغان، قورساق تويغۇزۇشنى بەخت دەپ بىلىدىغان، بىر-بىرىنى ئازارلاشنى كۆڭۈل ئېچىش ھېسابلايدىغان، پۈتۈن بۇ بەخىتسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولغان زالىمنىڭ بىر قېتىملىق تەبەسسۇمى بىلەن، ئۆمۈر بويى چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان خەلقلەرنىڭمۇ قەھرىمانلىرى بار.

بەزىلەر، ھالسىزلىنىپ يىقىلغان قەھرىمانلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ ئۆتۈپ “قۇتقۇزغۇچى”كۆرۈنگەن زالىمنىڭ ئېتەكلىرىنى سۆيىدۇ. ھەقىقى قەھرىمان، ئەنە شۇنداق چاغدا ئۆز غۇرۇرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلارغا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيىتىنى، ئىنسانىي قىممىتىنى يوقۇتۇشقا سەۋەپچى بولغان تۈزۈم ۋە بۇ تۈزۈمنى ياراتقان زالىملارغا نەپرەت قىلىدۇ.

قەھرىمانلار، ھىلىگەر دۈشمەندىن خەلقىنى، نادان خەلقىنى ئەسىر ئالغان جاھالەتتىن ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدىغان زىرەك،جاسارەت ۋە ئەقىل ئىگىسىدۇر.

قورقۇنچاقلىق، يۈز يىللاپ ئاسارەت ئاستىدا قالغان خەلقلەردە شەكىللىنىدىغان ئىرىتسىيەت كىسەللىگىدۇر.

قورقۇنچاقلىقتىن،خائىنلىق تۇغۇلىدۇ.قورقۇنچاقلىق ۋە قىسقا يولدىن كاتتا مەنپىەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆز ۋىجدانىنى،ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەر،ئۆزلىرىنى “ئەقىللىق”، ھاياتنىڭ “يولى”نى بىلىدىغان ، قەھرىمانلارنى “ئەقىلسىز”، “ئاخماق” ھېسابلايدۇ.

ھەقىقەت گۆرگە كۆمۈلگەن جەمئىيەتتە، كېچە – كۈندۈزدەك، كۈندۈز _ كېچىدەك شەكىلگە كىرگەنلىكىنى پەقەت قەھرىمانلارلا كۆرەلەيدۇ.

پادىنىڭ قوتانغا سولۇنىشى نورمال ئەھۋال.تاغدىكى يولۋاسلارنىڭ قەپەزلەرگە سولىنىپ، ھايۋاناتلار باغچىسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىشى، قەھرىمانلىققا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھاقارەتتۇر.

يولۋاسلارنى ئۇزۇن زامان ئاچ قويۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى تامامەن يوقۇتۇپ، مۇھتاج ھالغا كەلتۈرۈپ سىرىكچىلەرنىڭ ئوينىتىشى __ قەھرىمانلىققا قىلىنغان قەبىھ ئەخلاقى جىنايەتتۇر.

ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغىنى؛ سىرىكچىنىڭ يولۋاسنى مۇلايىم قوزىغا ئايلاندۇرغانلىغى ئەمەس، بەلكى، يولۋاسنىڭ ئوز ۋۇجۇدىدىكى كۇچ-قۇۋۋەتنىڭ ھىچ قاچان ئازايمىغانلىغىنى،تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ يەنىلا ساپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى،ئىرىتسىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى خاتىرلىيەلمەس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىدۇر.

تومۇرلاردىن قان،بۇلاقلاردىن سۇ ئاقىدۇ.

تاڭ ئاتمايدىغان كىچە،ئويغانمايدىغان روھ يوقتۇر.

يېڭىلىش _ مەغلۇپ بولۇش، ئۆلۈش _ يوقۇلۇش ئەمەس.

بىر مىللەتنى قورشاۋغا ئالغان ئۆلۈم چەمبىرى تارايغانسىرى، ئۇ مىللەت ئانىلىرى شۇنچە كۆپ قەھرىمان پەرزەنت توغۇشقا باشلايدۇ.

مەن كىچە جىم-جىتلىغىدا ئولتۇرۇپ قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى يىزىۋاتقىنىمدا،ۋەتەن باغرىنى سۈيۈپ،ۋەتەننىڭ ماڭا تونۇش ھىدىنى ئىلىپ كەلگەن شاماللار،قولىغىمغا شۇنداق دەپ پىچىرلىدى؛ ”- ۋەتەن مەندىن شۇ سۆزلەرىنى ئىۋەتتى؛- ئۇ يۈكسەك تاغلارنى،مىنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ،مىنىڭ باغرىمغا كۆمۈلگەن شېھىتلەرنىڭ قەبرە تېشى قىلىپ تىكلەپ قويدۇم. باغرىمنى بويلاپ كىچە-كۈندۈز لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان دەريالار،ھىچ بىر زامان ئۇيقۇ كىرمىگەن كۆزلىرىمدىن ئۇ ئەزىز شىھىتلىرىم ئۈچۈن ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمدۇر.مەيىن شاماللار ئۇ روھلارنى ھەر كۈنى ئۈستۈمدە كەزدۈرۈپ تۇرىدۇ؛ئۇ قەدىردان روھلارنى كۆرگەن ھەر بىر دەرەخ،ئورمان،ئۆسۈملۈك ئۇلارغا تازىم قىلىشىپ ھۆرمەت سالامىدا تۇرۇشىدۇ.تاغ جىلغىلىرىدىكى،يايلاق،ۋادىلاردىكى،باغ-باغچىلاردىكى گۈل-چېچەكلەر خۇشبۇي پۇراقلىرىنى شاماللارغا سىڭدۈرۈپ , شاماللار ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ روھىغا يوللاپ تۇرۇشتىن بەختىيارلىق ھىس قىلىدۇ.كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ تۇرغان قۇشلار،ئۇ مۇبارەك روھلارنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىدۇر.قەھرىمانلارنىڭ روھى چۈمۈلسۈن،دەپ،قوياش ھەر كۈنى يەرۇ-ئاسمان ئارىسىدا نۇر مۇنچىسىنى تولدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاپتاپتىن قوغداش ئۈچۈن پاختىدەك بۇلۇتلاركۆك يۈزىدە، ئۇ سۆيۈملۈك روھلارنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن ھاسىل قىلىدۇ. مەن ياغدۇرغان يامغۇرلار، ئۇ مۇبارەك شېھىت روھلىرىغا قونغان چاڭ – تۇزاڭلارنى تازىلاش ئۇچۇندۇر…“

 ۋەتەننىڭ قەھرىمانغا بولغان ھەسرىتى،قەھرىمانىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئاشىقى، مەڭگۈلۈك ساداقەتنىڭ يىگانە سىمۋولىدۇر.

2009.يانۋار

Share
13279 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.