logo

trugen jacn

ئاڭلىغۇچى: مەكىتتە ئاتا‏-ئانىسى ‹تەربىيەلەش› كە ئەكېتىلگەن بالىنىڭ جەسىتى دەريادىن سۈزۈۋېلىندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنى مەكىت ناھىيەسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بىر مۇھاجىر مەكىت ناھىيەسىدە 10 ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ جەسىتىنىڭ دەريادىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ناھىيەدىكى بىر ئامانەت قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇكتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش مەزمۇنىدىكى بىر سۈرەتلىك ئۇچۇر تارقالدى.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن مەكىت ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى. مەكىت ناھىيەلىك 2‏-ساقچىخانا خادىمى ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. مەكىت بازارلىق ساقچىخانا خادىمى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىلىق بىر ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىن خەۋىرى بارلىقىنى، دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزا ئىككىنچى كەنتتىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۆزىنى مەكىتلىك دەپ تونۇشتۇرغان مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن ئۇچۇردا ئۆلگەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بالىنىڭ بولسا زەرەپشان دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى دېيىلگەن، ئەمما بالىنىڭ جەسىتىنىڭ قايسى يېزا تەۋەلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى دېيىلمىگەن. فېيسبۇكتىكى ئۇچۇردا بولسا جەسەتنىڭ مەزكۇر دەريانىڭ زۇڭزا دېگەن تەۋەلىكىدە تېپىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن گەرچە بالىنىڭ يېزا تەۋەلىكى شېھىتدۆڭ يېزا ئىككىنچى كەنتتىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/lager-bala-08152018152738.html

Share
1289 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.