logo

trugen jacn

ئاپتاپپەرەسنىڭ راكنى داۋالاشتىكى پايدىلىرى ئېنىقلاندى

muhabbet-yemi-ay-cekirdegi

ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىدىكى سېلېن ماددىسىنىڭ راكنى داۋالاشتىكى پايدىلىرى ئېنىقلاندى

   ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىدىكى سېلېن ئىلىمىنتىنىڭ راك كېسەللىكىگە پايدىسى تېگىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
دۇنيادىكى نۇرغۇن سەھىيە ئورۇنلىرى سېلېن مەنبەسى بولغان ئاپتاپپەرەسنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا تۆۋەن مىقتارلىق سېلىن ئىلىمىنتى بىلەن راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار ئىكەن. يېرىم ئىستاكان ئاپتاپپەرەس كۈندىلىك سېلېن ئېھتىياجىنى30% تەمىنلەيدۇ.
سېلېننىڭ ئىلىمىنتنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەردە دنئانى تۈزەش ۋە بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى ۋە ۋۇجۇدنىڭ كونراپ كەتكەن ياكى بىنورمال ھۈجەيرىلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.
يېرىم ئىستاكان ئاپتاپپەرەس كۈندىلىك E ۋىتامىن ئېھتىياجىنىمۇ 90% تەمىنلەيدىكەن. ئاپتەپپەرەس يۈرەك-تومۇر كېسەللىكلىرىنى ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان E ۋىتامىن نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1382 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.