logo

trugen jacn

ئايكۆل دېھقانلىرى: ئايكۆلدە ھاشار 7 كۈن، ئەتىگەن سائەت 7دىن كەچ سائەت 6 گىچە

2c7f042c-d5f4-4724-adc3-3d9e8ebfb614

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىل 5-ئايدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانلارنى ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن توسۇش ئۈچۈن ھاشارغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىدا ئوخشاش مەقسەتتىكى ھاشارنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلدىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئىككى نەپەر دېھقاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئايكۆلدە ھاشار ھەپتىدە 7 كۈن، ئەتىگەن سائەت 7دىن كەچ سائەت 6 گە قەدەر داۋام قىلىدۇ، ئەگەر كىمكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھاشار ۋەزىپىسىنى قېرىنداشلىرى ئىجرا قىلىدۇ. 21-ئەسىردە دۇنيادا پەقەت ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ ھاشارنىڭ ئۇچۇرىنى ئايكۆلدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھاشار ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەۋرلەردىن بۇيان قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقان بىر تۈر جازا شەكلى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھاشاردىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەكنى، ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە شارائىتنىڭ ئېھتىياجى دەپ پەردازلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنى ئاشكارا ھالدا مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ھاشار خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا خېلى بۇرۇنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ بۇلتۇر 22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، يەرلىك دائىرىلەر ھاشارنى ئاھالىلەرنى كونترول قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتا.

ئاقسۇ ئايكۆلدىكى ئاھالىلەر 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى روزا ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇن قارا-قويۇق ئادەم تۇتقان ساقچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ نارازىلىق قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 13 كىشى ئۆلگەن ۋە يۈزلەرچە كىشى يارىدار بولغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-hashar-11022015155851.html

Share
1317 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.