logo

trugen jacn
27 ئاۋغۇست 2014

ئاياللار نېمە ئۈچۈن« ئىسلام دۆلىتى»گە قاتنىشىدۇ ؟

20140827054439403

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئاياللارمۇ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى »گە قوشۇلۇپ بىر بىرىگادا قۇرغان ،بۇ مۇتەخەسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان ھەم ئەنسىرىتىپ قويغان ،نۇرغۇن كىشى ئاياللارنىڭ زوراۋان،رادىكالىزىمچى بولغانلىقىنى كاللىسىدىن تازا ئۆتكۈزەلمىگەن .ئۇنداقتا ئاياللار نېمە ئۈچۈن سىياسى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ ؟«ئىسلام دۆلىتى»دىكى ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتقا قوشۇلىشىدىكى مەقسىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق ،سالۋادور ،،ئېرىترېيە ،نىپال،پىرۇ ۋە سىرىلانكىلاردا زوراۋانلىق كوللىكتىپى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنىغا ئۆزى خالاپ قاتناشقان ئاياللار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ،ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ جەمىيەت بوشلۇقىدا ياشاۋاتقان بۇ ئاياللارنىڭ مىللىتى ،دىنىي ۋە سىياسىي سالاھىتى داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ ،ئۇلارنىڭ قولىغا قورال ئېلىشقا قايىل قىلغان نەرسە دەل مۇشۇ تەھدىتلەر ،ھەرگىزمۇ جىنىسقا بولغان نارازىلىقتىن ئەمەس .مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،جىنىس بىلەن سىياسىي جىسىپلىشىدۇ،ئەمما ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۇنداق بولمايدۇ ،كۆپ ساندىكى ئاياللارنى جەڭگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان نەرسە بىخەتەرلىك تەلپۈنۈشى ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇش رايونلىرىدا توقۇنۇشنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى ئېغىر .مەسىلەن ،مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ماددى بۇيۇم كەمچىلىكى ،قورقۇنۇچ ،باسقۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋىپى دىگەندەك ،جەڭگە قاتنىشىش بەزىدە ھايات قېلىشنىڭ بىردىنبىر شەكلى،ئۇرۇش رايونىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇلارنى سىياسىيغا ئارلىشىش ھوقوقىنى بەكىرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ،ئۇلار نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىگەن ئەھۋالدا رادىكالىزىم ئۇلارنى جەلىپ قىلىدۇ

غەرب «ئىسلام دۆلىتى »نىڭ ئاياللىرىنى ھەقىقى چۈشەنمەكچى بولسا چوقۇم جىنىس ۋە زوراۋانلىق جەھەتتە قايتىدىن ئويلىشىش كېرەك ،ئىراق ۋە غەززە قاتارلىق جايلاردىكى تاراتقۇلار ئاياللارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ،ئەرلەرنى جىنايەتچى ،دەپ سۈپەتلەيدۇ ئەمما ئۇنداق ئەمەس .بۇنداق ئاياللارنىڭ زوراۋانلىقتا ئوينىغان رولىنى چۈشىنىشتىكى چەكلىمىلىكنىڭ تەسىرى توقۇنۇشتىن ئېشىپ كېتىدۇ ،ئاياللار ئۆزى ۋە سىياسىي ھوقوقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن بىرى ئۈچۈن يەنە بىرىنى قۇربان قىلىدۇ .ئەگەر دۇنيا بۇ پاكىتقا سەل قارىسا ،جەڭدە غەلبە قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ

 

 

http://intl.bagdax.cn/2014/0827/4154.html

Share
3052 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.