logo

trugen jacn

ئانالىزچىلار: ۋاڭ يانىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان زىيارىتىدە مەزكۇر رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ ياڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەر بۇ رايوندىكى «ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى سالغان.»

ئۇ مەزكۇر رايوندا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» كۆرۈنەرلىك چەكلىنىپ، تېخىمۇ مۇقىم ۋە بىخەتەر مەنزىرە يارىتىلغانلىقى، «قانۇن-تەرتىپنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خاتا ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىققا قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىشى» نى تەلەپ قىلغان.

بۇ ۋاڭ ياڭنىڭ 2017‏-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا، بۇ يىل 3‏-ئايدا ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلۈپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» گە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يول-يورۇق بېرىشى ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزىگە ھەيران قالمىغان. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رەھبىرىنىڭ «باشقىچىرەك سۆزلىشىنى كۈتمىگەن ئىدۇق،» دېدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇنىڭ باياناتىنى ئاڭلاپ ھەيران قالمىدۇق. بىز خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ، ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىمىز، بىز سىياسىتىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى ۋەھىمىلەرنى ھېس قىلدۇق. بىز بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز ئوخشىمىغان ئېتنىك مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۆز ئارا چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈشىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئويلىشىمىز،› دېيىشىنى كۈتۈۋاتقىنىمىزغا نەچچە ئون يىللار بولدى. لېكىن بىز ھازىرقى شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۈتمەيمىز. ھازىرچە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوق.»

ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتى بۇ رايوندىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە بۇرالغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون 18‏-ئاپرېل بېيجىڭدا «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «تۈمەنلىگەن» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ۋاڭ ياڭ بەزى چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى نىسبەتەن لىبېرال خىتاي ئەمەلدارى، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «ۋاڭ ياڭنى يۈ جېڭشىڭدىنمۇ قاتتىقراق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ۋاڭ ياڭ بۇ تۈزۈمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم. ئۇ ھازىرقى تۈزۈمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىر ئىش قىلالمايدۇ. تۈزۈم بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ۋاڭ خۇنىڭ، يەنە بىرى لى جەنشۇ. لى جەنشۇ بىولەن ۋاڭ خۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە بىر نەرسە دېمىسە، ۋاڭ ياڭ لىبېرال سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر نەتىجە كۆرسىتىشى كېرەك. شۇڭا، نەتىجە كۆرسىتىمەن، دەپ تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى مۇمكىن.»

ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدە يەنە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىدىكى ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ، بىڭتۇەننىڭ فونكىتسىيەلىك مېخانىزمى، مەركەزنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى باش نىشانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىيدىكى ئوبلاست، ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىڭتۇەننى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوبلاست، ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىشتىكى مەقسىتى بۇ رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى پەيدا قىلغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى مۇھاسىرىگە ئالغان ۋەزىيەتنى كۆرىغىز. خىتاي ئۇنىڭغىمۇ يەتمەي يەنە ئۇيغۇرلار توپلانغان رايونلارغا خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەيمىز دېگەن بولسا، دىمەككى، يەنە بىر ئەندىشىسى بار. ئەنسىرەشنىڭ بىر سەۋەبى بەلكىم، 2009‏-يىلى ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› دىن كېيىن نۇرغۇن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەتتى. بىر چاغلاردا خىتايلار شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 41% نى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ھازىر بەزى ماتېرىياللاردا 37%, بەزى ماتېرىياللاردا 34 % دەپ يېزىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا، قاچقان خىتاي نوپۇسىنىڭ ئورنىنى بىڭتۇەن بىلەن تولۇقلىساق، دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»

لېكىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى دېلىئۇسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزى خىتاينىڭ مۇقىملىق چۈشەنچىسى بىلەن خەلقئارانىڭ نەزىرىدىكى مۇقىملىق چۈشەنچىسىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. دېلىئۇس خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دا ئۇيغۇرلارسىز مۇقىملىق قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇپلا قالماي، كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ قارشى تۇرۇپ، نىشانىنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتتى. بۇ خىل ئېتنىك نۇقتىئىنەزەرنى چۈشەنمەك مۈشكۈل. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىق يارىتىش بولغان بولسا، كومپارتىيە ئەزاسى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجى چۈشەتتى. بىراق ئۇلار ئۇيغۇرلاردا ھېچكىمنى ئىشەنچلىك ياردەمچى، دەپ قارىمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.»

ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى نىسپىي تىمتاسلىقنىڭ سەۋەبىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىگە ۋە ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇقنىڭ نەتىجىسىگە باغلىغان. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ نىسپىي تىمتاسلىقنىڭ ئارقىسىدا ئېغىر تراگېدىيەلەر يوشۇرۇنغانىكەن. بۇ تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە كۈندىلىك ھاياتىنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-bingtuen-04192018175141.html

Share
1316 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.