logo

trugen jacn

ئانالىزچىلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇ كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىدى

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي «خەلق گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رايوندا 2014‏-يىلى 23‏-ماي باشلانغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»ھەرىكىتىگە ئالاقىدار بەزى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

«خەلق گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014‏-يىلى 23‏-مايدىن باشلاپ، بۇ يىل 30-ئاپرېلغا قەدەر دائىرىلەر 181 تېررورلۇق گۇرۇھىنى يوقاتقان. 96.2 پىرسەنت «تېررورلۇق گۇرۇھى» تەييارلىق باسقۇچىدا يوقىتىلغان.

لېكىن «خەلق» گېزىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇردىكى باشقا بىر نۇقتا ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «خەلق» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر دەرىجىلىك مەھكىمىلەر سوتلاپ ھۆكۈم ئېلان قىلغان دېلولارنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى سوت مەھكىمىلەرگە ئەرز قىلىش نىسبىتى 8.7 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.

«خەلق گېزىتى» خەۋىرىدە، «تېررورلۇق دېلولىرى» قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، مەھكۇملارنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى مەھكىمىگە ئەرز قىلىشىغا ئېھتىياج قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خەلق گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھكىمىگە ئەرزى سۇنغان مەھكۇملارنىڭ ئاران 8.7 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكەن.

بىراق كانادالىق مۇستەقىل پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەھكۇمنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى مەھكىمىگە ئەرز قىلىش نىسبىتى نورمال ئەھۋالدا 80-90%. لېكىن «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ سوتلانغان مەھكۇملارنىڭ ئاران 8.7 پىرسەنتىنىڭ يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇشى غەيرىي نورمال ئەھۋالكەن.

ئۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارغا پەقەت ھۆكۈملا ئېلان قىلىنىپ، سوت ئېچىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

مەمەت توختى: بۇنىڭ ئىزاھاتى شۇكى، بۇ يەردە سوت بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سوت بولغان بولسا ياكى سوت بولدى دېگەندىمۇ بۇنىڭ يېپىق، كەسكىن سوت تۈسىنى ئالغان، نەتىجىسى مەلۇم بىر سوت بولغانلىقىنىلا كۆرسىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارغا شۇ ھوقۇقنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋەتەندە سوت بولۇۋاتقىنى يوق. بۇ يەردە بولۇۋاتقىنى مەھكىمىدە بولۇۋاتقان بىر جاللاتلىق. بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا كىچىككىنە ئىمكانى بولغان بولسا، خوتەننىڭ ئەڭ يىراق يېزىلىرىدىن تاكى بېيجىڭغىچە 7-8 مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ، كۆۋرۈك ئاستىلىرىدا يېتىپ، ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بۇ مىللەت شۇنداق ناھەقچىلىككە قايتا سوت تەلەپ قىلمامدۇ؟ دېمەككى، خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۇت جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى، بۇنىڭ مىلىتارىزملىق ئۇسۇل، فاشىستىك ھۆكۈملەر بىلەن، ئالىدىغىنىڭ مۇشۇ، دەپ رەھىمسىزلەرچە سوت نامىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇخبىر: 2014-يىلى 5‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردا خەلق باغچىسىنىڭ بىقىنىدىكى كوچىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كەڭ-كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدى. ئىككى كۈن ئاۋۋال بۇ ھەرىكەت باشلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى. بۇ بىر يىلنى خۇلاسىلىساق، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇلار كۆزلىگەندەك قارشىلىقنى توختىتالىدىمۇ ياكى مەغلۇپ بولدىمۇ؟ بۇنى سىز قانداق ئويلايسىز؟
مەمەت توختى: مېنىڭچە، خىتاينىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ناھايىتى رەھىمسىزلەرچە، زوراۋانلارچە، دۆلەت تېررورلۇق يولى بىلەن ئىجرا قىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى، مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ئەركىن ياشاش ئىستىكى قاتارلىق رېئاللىقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى تامامەن مەغلۇپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
باستۇرغانسېرى بۇ ھەرىكەتنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ، كۆلىمى كېڭىيىۋاتىدۇ. يالغۇز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ناھىيىسى، بىر شەھىرىدىلا ئەمەس، ھازىر ۋەتەننىڭ جەنۇب-شىمال 4 بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا يېيىلىۋاتىدۇ، ئاندىن زەربە بېرىش كۈچىمۇ ئېشىۋاتىدۇ.

لېكىن «خەلق»گېزىتى، خىتاينىڭ 2014‏-يىلى 23‏-ماي ئۇيغۇر ئىلىدا باشلىغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولى ئويناپ، ساغلام كەيپىيات ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، «زەربە بېرىش ھەرىكىتى نوپۇزنى تىكلەپ، ساغلام كەيپىيات ياراتتى. ھەر مىللەت خەلقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، يىپ ئۇچى بىلەن ئاكتىپ تەمىنلىدى. قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى، قانۇن بىلەن سوتلاشنى قوللاپ، تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك قالقىنىغا ئايلاندى»دېگەن.

لېكىن مەمەتتوختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرانىڭ ئايرىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتىكەن.

مەمەت توختى: ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا بېسىم، خەلقنى قورقۇتۇش، يۈرەكزادە قىلىش، يەنى بىزنىڭ كۆزىمىز سېنىڭدە، ھەرقانداق ئىش بولسا بىز يالغۇز بىلىپلا قالمايمىز، بەلكى دەپ كېلىۋاتقاندەك ئادا-جۇدا ئۇجۇقتۇرالايمىز، دېگەندەك بىر قورقۇنچ، ۋەھىمە سېلىش مەقسىتىدە بۇ سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.

لېكىن بۇ خەلقىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دېگەندە، ئۇ خەلقىمىزنىڭ خىتاي دۆلىتىگە، ئومۇمەن خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشۇرۇپ، چەك-چېگرىسىنىڭ ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاش ئېھتىماللىقىنىڭ پەقەت يوقلۇقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، خەلقىمىز بۇنى ھېس قىلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم بۇ يىل 1‏-ئايدا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 2014‏-يىلى ئاز كەم 28000 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، 2013‏-يىلى ئوخشاش مەزگىلدە قولغا ئېلىنغانلاردىن 95% ئارتۇق ئىدى.

ئانالىزچىلار، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان تېررورلۇققا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نىشان ئىبراھىم، 22‏-يانۋار قىلغان سۆزىدە، «بىز زور تېررورلۇق دېلولىرىدا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ۋاقتى بىلەن سوتلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، گۇماندارلارنى تېز سوتلاش ئارقىلىق رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدۇق» دېگەن.

لېكىن خىتاي تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئۇ سۆزى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، نىشاننىڭ سۆزى گۇماندارلارنىڭ ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىغا جىددىي شۈبھە پەيدا قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/terrorgha-qarshi-05252015131627.html

Share
1394 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.