logo

trugen jacn

ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى ھەققىدە

 

(تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن)

ئويچان

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىغا يوللىغان 2021-يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش دوكلاتىدا ئاسىيا رايونىدىن ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگىيالىقلار ئاساسلىق قوبۇل قىلىنىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانىنى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بېكىتكەن 15 مىڭدىن 62 مىڭغا كۆتۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سوراشقا باشلىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى… قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىنچىكە كۆرۈپ چىقتىم. شۇنداقلا بۇ پىروگراممىنىڭ قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى، نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى مەسئۇل ئورگان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا خەت يازدىم. ھازىرغىچە، ئىستانبۇلدىكى مەسئۇل ئورگاندىن جاۋاب كەلدى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېخى جاۋاب قايتۇرمىدى. تۆۋەندە مەزكۇر پىروگرامما ۋە ئۇنىڭغا تۈركىيەدە تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1.ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى قانداق پىروگرامما؟

ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنى ئامېرىكىغا قايتا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك پىروگراممىسى بولۇپ، ئورۇش ياكى سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان رايون ۋە خەلقلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ھەر يىلى مۇئەييەن ساندا كىشىلەر مەزكۇر پىروگرامما دائىرىسىدە ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىپ كەلمەكتە.

2. بۇ پىروگرامما قاچان باشلانغان ۋە ھازىرغىچە قانچىلىك كىشى قوبۇل قىلىنغان؟

مەزكۇر پىروگرامما 1980 – يىلى ماقۇللانغان «مۇساپىرلار قانۇنى» بىلەن يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئامېرىكىغا 3 مىليوندىن كۆپرەك مۇساپىر قوبۇل قىلىنغان.

3. قانداق كىشىلەر مۇساپىر ھېسابلىنىدۇ؟

ئامېرىكا قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىكى مۇساپىر ئاتالغۇسى ئومۇمەن، ئىرق، دىن، مىللەت، ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى سىياسىي قاراش… تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى راستتىنلا ئۇچراش ئەندىشىسى بولغان چەتئەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەرتلەرگە چۈشكەن كىشىلەر ئامېرىكا تۇپرىقىدا بولسا «پاناھلانغۇچى» (asylum) سالاھىيىتى، ئامېرىكا تۇپرىقى سىرتىدا بولسا «مۇساپىر» (refugee) سالاھىيىتى بېرىلىدۇ.

4. مۇساپىر (refugee) بىلەن پاناھلانغۇچى (asylum) نىڭ پەرقى نېمە؟

مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بىر ئاماللارنى قىلىپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىۋالغاندىن كېيىن، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇ چاغدا پاناھلانغۇچى (asylum) ھېسابلىنىسىز. ناۋادا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرايدىغان رايوندىن، يەنى يۇرت-ماكانىڭىزدىن ئامېرىكىدىن باشقا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قېچىپ چىقىپ، شۇ يەردىكى ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ياكى مەسئۇل باشقا ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز مۇساپىر (refugee) ھېسابلىنىسىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئادەتتە پاناھلانغۇچىلارغا ھېچقانداق ماددىي ياردەم بەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە مۇساپىرلار بەلگىلىك ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ.

5. بۇ پىروگراممىغا يىلدا قانچىلىك مۇساپىر قوبۇل قىلىنىدۇ؟

قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراپ يىلدىن يىلغا ئوخشىمايدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى بەك خالاپ كەتمەسلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2021 – يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش سانى ئاران 15000 مىڭ بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا پارلامېنتقا سۇنغان دوكلاتىدا بۇ ساننىڭ 62 مىڭغا چىقىرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

6. مۇساپىرلار ماددىي ياردەمگە ئېرىشەلەمدۇ؟

شۇنداق، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنى بەلگىلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ياردەم ئامېرىكىغا ھەقسىز يۆتكەش، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ياتاق-تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش ۋە ئىش تېپىپ بېرىش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ياردەم ئادەتتە ھۆكۈمەت ھەمكارلىقىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەمەلىيلىشىدىغان بولۇپ، نورمالدا مۇددىتى 3 ئاي بولىدۇ. يەنى 3 ئايدىن كېيىن مۇساپىرلار ئۆز جېنىنى ئۆزلىرى بېقىشى كېرەك.

7. ئۇيغۇرلار بۇ پىروگراممىغا قوبۇل قىلىش شەرتىگە چۈشەمدۇ؟

چۈشىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىغا يوللىغان 2021-يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش دوكلاتىدا ئاسىيا رايونىدىن ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگىيالىقلار ئاساسلىق قوبۇل قىلىنىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

8. مۇساپىرلار قەيەرگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ؟

ياۋروپانىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇساپىرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يوق بولۇپ، بىر مىللەت كىشىلىرىنى چېچىۋەتمەيدۇ. ئىمكان بار ھەر كىشىنى ئۆز تۈركۈمى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈشكە كۈچەيدۇ. ناۋادا ئۇيغۇرلار بۇ پىروگراممىغا قوبۇل قىلىنسا، ئىمكان بار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.

9. بۇ پىروگراممىغا قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟

مۇساپىرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن قايتا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەركەزلىرى (Resettlement Support Centers) ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنداق مەركەزدىن دۇنيا مىقياسىدا 7سى بار بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مەسئۇل مەركەز ئىستانبۇلغا جايلاشقان. بىراق، كونكرېت ئەھۋال مۇساپىرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە ئاساسەن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.

10. قوبۇل قىلىش تەرتىپى قانداق؟

مۇساپىرلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارنىڭ بىرىگە ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئورۇنلار ئۇيغۇن دەپ قارىسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللايدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇناسىپ كۆرۈلگەن نامزاتلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلەيدۇ ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. باھالاشتىن ئۆتكەن كىشىلەر قوبۇل قىلىنىپ، ئامېرىكىغا يۆتكىلىش ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

11. تۈركىيەدە قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

تۈركىيەدە ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ھەققىدە كونكرېت ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن مەن ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى قايتا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەركىزىگە خەت يازغان ئىدىم. ئىستانبۇلدىكى مەزكۇر ئورگان تېزلا جاۋاب قايتۇردى، بىراق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېخىچە جاۋاب بەرمىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ خېتىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە، ئۇلار بىۋاسىتە ئىلتىماس قوبۇل قىلمايدىكەن. پەقەتلا ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى تەۋسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ھالبۇكى، ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تاقالغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگانغا ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا بېرىپ، شۇلار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. كونكرېت ئېيتقاندا، بۈگۈنگىچە ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلمىغان بىر ئۇيغۇر ناۋادا ئامېرىكىنىڭ مۇساپىرلار پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلىدىكەن. ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە توشىدىكەن دەپ قارىسا، تىزىملاپ ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىغا يوللاپ بېرىدىكەن. ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى ئەھۋالغا قاراپ مەزكۇر كىشىنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىدا گېپىنى قىلغان قايتا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەركىزىگە تەۋسىيە قىلسا، ئاندىن ئۇ كىشى ئامېرىكىنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنىش تەرتىپىنى باشلىيالايدىكەن. قارىماققا، بۇ مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان بىر جەريان ئىكەن. ئەمما ئاللىقاچان ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، نەتىجىنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدەك قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:

بۇ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ نورمال مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش قانۇن لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ناۋادا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىۋاسىتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلالايدىغان بولۇپ، ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ تەۋسىيە قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئورگان تورى، https://www.state.gov/refugee-admissions/about/ .2

2.ئامېرىكىنىڭ 2021 يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش دوكلاتى، https://www.state.gov/reports/report-to-congress-on-proposed-refugee-admissions-for-fy-2021/ .

3.ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئورگان تورى، https://tr.usembassy.gov/embassy-consulates/istanbul/.

4.ئىستانبۇلدىكى قايتا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئورگان تور بېكىتى ، https://www.icmc.net/.

 

2021- يىلى 24- ئاپرېل ، ئىستانبۇل

Share
2078 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.