logo

trugen jacn

ئامېرىكىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئۈستىدە توختالدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 29-ماي كۈنى، ئەتىگەندە دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە شۇنداقلا «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» تىلغا ئېلىندى.

بۈگۈن، يەنى 29-ماي سەيشەنبە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى (تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى) يىللىق خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن 9:00 دا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيو ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنسىتىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈن تەرتىپكە كەلدى. بىر مۇخبىر ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادقا ئائىت مەسىلىلەر ئالاھىدە مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلاردا تىلغا ئېلىنىپ-ئېلىنمايدىغانلىقى، ھەتتا بۇنىڭ بىر ئامىل قاتارىغا كىرىپ-كىرمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەلچى سەم بروۋنبەك جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە ئۇ بىر ئامىل. بۇلار بىز مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىزچىل ھالدا تونۇشتۇرىدىغان ۋە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئامىللار. بىز دوكلاتىمىزدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كىشىنى ئىنتايىن پاراكەندە قىلىدىغان ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدۇق. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇشەققەتلەردۇر، ھازىر كىشىلەر ئۇ دۆلەتتە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانماقتا. بىز نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا غايىب بولغان، دەپ قارايدىغان بۇ ئۇقۇملار ھازىر تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا كېڭەيتىلمەكتە. بۇ دوكلاتتا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك چېكىنگەنلىكىگە ئائىت كىشىنى قاتتىق پاراكەندە قىلىدىغان نۇرغۇن مىساللارغا ئورۇن بېرىلدى. مۇشۇ سەۋەبلىك بىز كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن بۇلارنى مەزكۇر دوكلاتىمىزغا كىرگۈزدۇق. مەن ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەت ئۈستىدە، شۇنداقلا تىبەتلەر، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە خرىستىئانلارنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولدۇم. خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر دۆلەت. شۇڭا بىز دوكلاتتا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئىچىدىمۇ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدۇق».

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىك ئەلچىسى سەم بروۋنبەكنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى»نى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەنچە ئۇنىڭ رايوندىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى ھەمدە بۇ لاگېرلار توغرۇلۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر دەپسەندە سىياسەتلىرىگە قارشى بىر تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆزىگە ئاۋاز توپلىشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن».

سوفېي رېچاردسون خانىم سۆزىدە يەنە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيە كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ يېقىنقى مىسالىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى كەللىي كۇرېي خانىمنىڭ خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغاندا قىلغان سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

دەرۋەقە بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا دىنى ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن مۇزاكىرىدىن كۆپرەك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە، دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا كېلەچىكىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ دىنى ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىگە مۇنداق داۋام قىلدى:
«مەن بۇ يەردە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمىزدا 25- ۋە 26- ئىيۇل كۈنلىرى خەلقئارادا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇن قىلىنغان مىنىستر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىمىزنى خۇشاللىق بىلەن ئېلان قىلماقچىمەن. مەن بۇ يىغىندا بىزگە ئوخشاش ئويلايدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرىنى، ھەرقايسى مۇستەقىل ئورگانلار، دىنى گۇرۇپپىلار ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ساھىبخانىلىق قىلىمەن. بىز بۇ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق بولغان خەلقئارا دىنى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش مەيدانىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. . . مەنچە بۇ يىغىن بىر يېڭى باشلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ. جۈملىدىن بۇ پەقەتلا مۇزاكىرە يىغىنى بولۇپ قالماي، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان بىر يىغىن بولىدۇ. ئامېرىكا يۈز بېرىۋاتقانلارغا ھەرگىز بىر تاماشىبىن سۈپىتىدە قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىچە ئامېرىكا مەيدانغا چۈشۈپ، دىنى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا تەلپۈنگۈچىلەر بىلەن ھەرۋاقىت بىر سەپتە بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.
بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2017‏-يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى كەڭ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتلەردىن قەتئىي چەكلەۋاتقانلىقى، نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى، چەتئەللەردە دىنىي بىلىم ئېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقىدەك ۋەقەلەر تەپسىلىي ئورۇن ئالدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-kishilik-hoquq-05292018171806.html

Share
1158 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.