logo

trugen jacn

ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترىيەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت سارىيىدىكى مەخسۇس پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترىيەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت سارىيىدىكى مەخسۇس پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

تەييارلىغۇچى: ھىدايەتۇللاھ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-28

ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەت ئاكىتپلىردىن روشەن ئابباس خانىم شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاۋىسترىيە پايتەختى ۋېئانناغا يېتىپ كەلدى. روشەن ئابباس خانىم 27-ماي ۋېئانناغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ۋېئاننادىكى ئۇيغۇرلار «ئاۋىسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» دە ئىپتار زىياپىتى بىلەن روشەن ئابباس خانىمنى قارشى ئالدى. روشەن ئابباس خانىم ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قىسقىچە دوكلات بەردى. پائالىيەتكە ئاۋىسترىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن تۇرغۇن ھاجىم، غۇپۇرجان ئالىم ۋە ئاۋىسترىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترىيەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت سارىيىدىكى مەخسۇس پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

روشەن ئابباس خانىم 28-ماي ئامېرىكىنىڭ ۋېئاننادا تۇرۇشلۇق  ئەلچىخانىسى كۈلتۈر مەركىزى «جازا لاگېرلىرى سۈكۈتتىكى دۇنيادا»تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلاتقا ئاۋىسترىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 نەپەرگىچە كىشى قاتناشتى. سۇئال جاۋاپ قىسىمدا، دوكلاتقا ئىشتىراك قلغان ھەر ساھە كىشىلىرى روشەن ئابباس خانىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە خەلىقارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىگە تۇتۇتقان پوزۇتسىيىسى ھەققىدە سۇئاللارنى سورىدى. بۇ باسقۇچتا دوكىلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان نوقتا، بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئەپسۇسلىندىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى بولدى.

دوكلات ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ پائالىيىتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋېئاننادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋىسترىيەگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 بىر مەيدان ۋە چۈشتىن كېيىن 16:00  بىر مەيدان دوكلات بەرگەن بولۇپ. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى كۈلتۈر مەركىزى دوكلات بېرىش پائالىيىتى 18:30دىن 20:00 داۋاملاشقان.

Share
2793 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.