logo

trugen jacn

ئامېرىكىدا نەشردىن چىققان «ياۋا كەپتەر» ناملىق رەسىملىك كىتاب نۇرمەمەت ياسىنغا بېغىشلانغان

nurmuhemmet-yasin

يېقىندا «نيۇيورك كىتاب باھالاش» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، سىياسىي ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك كىتاب «ياۋا كەپتەر» ھەققىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلدى. ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارولىن درېيك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ياۋا كەپتەر» ناملىق رەسىملىك كىتاب بۇلتۇر ئامېرىكىدا نەشردىن چىققان ئىدى.

«نيۇيورك كىتاب باھالاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزاردا ئېيتىلىشىچە، كىتابنىڭ ئىسمى تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، رەسىملىك كىتابتا نۇرمەمەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن ۋە شۇنداقلا ئەسەردىكى بەزى جۈملە-پاراگرافلار يەر ئالغان.

ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارولىن 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ شۇندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، رەسىمگە تارتقان، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. كىتابقا بېرىلگەن ئىزاھاتتا بېيجىڭغا 2000 ئىنگلىز مېلى ئۇزاقلىقتىكى بۇ زېمىننىڭ ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «بېسىم»، «تېررور»، «مۇسۇلمان» ۋە «ئەنسىز» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا تىلغا ئېلىنىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى يېقىندىن تونۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ياۋا كەپتەر ناملىق بۇ رەسىملىك كىتاب ھەققىدە ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ مەخسۇس خەۋەر بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yawa-kepter-04162015161044.html

Share
5208 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.