logo

trugen jacn

ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مائارىپىدىكى 12 پەرق

 

12821459_184043321973027_3994202246703507095_n

ئەركىن سىدىق

ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مائارىپىدىكى 12 پەرق

 

مېنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىمغا ئىنكاس يازغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە مەندىن جۇڭگو ما’ئارىپى بىلەن غەرب مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي پەرقلەرنى سورىغان قېرىنداشلارمۇ بار. يۇقىرىدىكى تېمىنىڭ دا’ئىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، مەن مەزكۇر يازمىدا پەقەت ئامېرىكا ما’ئارىپى بىلەن جۇڭگو ما’ئارىپى ئوتتۇرىسىدىكى 12 پەرقنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن

بىرىنجى .بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئادەتتە كۈنىگە 8 سا’ئەت دەرس ئۆتۈلىدۇ. جۇڭگودا بىر ئوقۇتقۇچى ئادەتتە كۈنىگە 2 دەرس ئۆتىدۇ. ھەمدە بىر سىنىپتا 55 – 65 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بولۇپ، سىنىپ مۇدىرلىرىدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتمىگەن ۋاقىتلىرىنى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى دەرسلەرگە تەييارلىق قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە 5 – 6 سا’ئەت دەرس ئۆتىدىغان بولۇپ، بىر سىنىپتا 25 – 30 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ

ئىككىنجى. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان سىنىپلارغا بۆلۈۋېتىلىپ، ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئاساسەن بىللە ئۆتكۈزىدۇ. يەنى، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ھەممە دەرسلەرنى بىللە ئوقۇيدۇ. ئامېرىكىدا «پوكۇنى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى» ۋە «سىنىپ مۇدىرى» دەيدىغان ئۇقۇم يوق. ئوخشاش يىللىقتىكى ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان دەرسلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىنگلىز تىلى دەرسىنى بىللە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەرس ۋاقتىدا باشقا-باشقا سىنىپلارغا كېتىدۇ. بىر مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ، يېڭى مەۋسۇم باشلانغاندا، ھەر بىر دەرسكە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى مەۋسۇمنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ

ئۈچۈنجى. جۇڭگودا بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەممە دەرسلەرنى بىللە ئوقۇيدۇ. بىر دەرس تۈگەپ يەنە بىر دەرس ئوقۇغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆز سىنىپىدا تۇرۇۋېرىپ، دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى ئالمىشىدۇ. يەنى، سىنىپ ئۆزگەرمەي، ئوقۇتقۇچى ئۆزگىرىدۇ. ئامېرىكىدا بىر دەرسنى بىللە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى دەرس ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرسلەرنى ئوقۇپ، ئوخشىمىغان دەرسخانىلارغا بارىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدا بىر ئوقۇتقۇچى بىر خىل دەرسنى بىر مۇقىم دەرسخانىدا ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ سىنىپقا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ

تۆتىنجى. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلار بىر مەكتەپكە كىرىپ، سىنىپلارغا تەقسىملەنگەندىن كېيىن، ئۇلارغا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بېكىتىلىدۇ. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىقتىن كېيىنكى يىللىققا ئۆرلىگەندە، ئۇلارغا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۆزگەرمەي، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ ئۆرلەيدۇ. ئامېرىكىدا مەلۇم بىر يىللىقنىڭ مەلۇم بىر كەسپىي دەرسىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇقىم بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يىللىق ئۆرلىگەندە، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلار بىلەن بىللە ئۆرلىمەيدۇ.

بەشىنجى . جۇڭگو مەكتەپلىرىدە ھەر بىر سىنىپقا بىردىن سىنىپ مەسئۇلى، ياكى سىنىپ مۇدىرلىقىنى قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى تەيىنلىنىپ، ئۇ ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچنى، تولۇقسىزنى ياكى تولۇقنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئامېرىكىدا بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپقا بۆلۈنمىگەن بولۇپ، «سىنىپ مۇدىرى» دەيدىغان ئۇقۇممۇ يوق.

ئالتىنجى جۇڭگودا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ما’ئاشىنى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بېكىتىدىغان، ھەمدە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە قاراپ ئوقۇتقۇچىغا بېرىلىدىغان خىزمەت مۇكاپات پۇلىنىڭ كۆپ-ئازلىقىنى بېكىتىدىغان ئىشلار كۆپ. ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ما’ئاشى ئاساسەن خىزمەت ئىستازھىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ما’ئاشىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن باغلاپ قويىدىغان ئىشلار ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.

يەتتىنجى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئىككى دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇس ۋاقتى جۇڭگونىڭكىدىن قىسقىراق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاشۇنداق قىسقا تەنەپپۇس ۋاقتىنى ئاساسەن بىر دەرسخانىدىن يەنە بىر دەرسخانىغا يۆتكىلىش ئۈچۈن بىر جىددىي ھالەتتە ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇس ۋاقتىنى ئۇنداق جىددىي ئۆتكۈزمەيدۇ.

سەككىزىنجى . جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن بەكرەك ھۆرمەتچان كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا سو’ئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۆرە تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىغا قەغەز تاپشۇرغاندا ئىككى قولى بىلەن بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار قەغەز يۈزىدە مۇ’ئەللىمگە بىر نەرسە يازغاندا مەزمۇننى «سۆيۈملۈك مۇ’ئەللىم» دەپ باشلايدۇ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئەركىن. جۇڭگونىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىغا بولغان مۇ’ئامىلە جەھەتتە ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئانچە ھۆرمەت قىلىپ كەتمەيدۇ.

توققۇزىنجى. جۇڭگو مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى دىجورنىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئوقۇشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن، تازىلىق، كۆچەت تىكىش، قار تازىلاش، ئوقۇتقۇچىغا ياردەملىشىپ ماتېرىياللارنى كوپىي قىلىش (كۆپەيتىپ بېسىپ چىقىرىش) قاتارلىقلار. بۇنداق ئىشلار ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئىشلاردىن ئاساسەن نارازى بولمايدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئۇنداق ئىشلار قەتئىيلا يوق. سىنىپنى تازىلاش ئىشلىرىنىمۇ ھەق ئالىدىغان تازىلىق خىزمەتچىلىرى قىلىدۇ.

 

ئونىنجى . جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك كىتابلارنى ئۆزلىرى سېتىۋالىدۇ. كىتابلار يۇمشاق تاشلىق ۋە ناھايىتى نېپىز بولۇپ، ئادەتتە بىر كىتابنىڭ باھاسى بىر قانچە دوللارغىلا توغرا كېلىدۇ. كىتابلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار كىتابنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بوياپ ۋە سىزىپ ئىشلىتىۋېرىدۇ. شۇنداقلا دەرسلىك كىتابلارغا ئەخلاق تەربىيىسىگە تەۋە مەزمۇنلارمۇ خېلى كۆپ كىرگۈزۈلگەن بولىدۇ. ئامېرىكىدا دەرسلىك كىتابلار قاتتىق تاشلىق، ناھايىتى قېلىن ۋە ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، كىتابلار ئوقۇغۇچىلارغا ئارىيەتكە بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچلارنىڭ كىتابلارنىڭ ئۈستىگە سىزىشىغا ۋە كىتابنى بويىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دەرسلىك كىتابلار ئادەتتە ھەر 6 يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئونبىرىنجى. جۇڭگودا مەكتەپكە ئا’ئىت ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تاللاشلار ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەتلىك ئۆلچەم، مەملىكەتلىك نىشان، مەملىكەتلىك دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مەملىكەتلىك دەرس مەشىقلىرى، ھەتتا مەملىكەتلىك مەكتەپ ۋاقىت تۈزۈمى قاتارلىقلار مەۋجۇت. ئامېرىكىدا ما’ئارىپ ئىشلىرىنى ھەر بىر شتات ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىمۇ قوشقاندا ما’ئارىپتا مۇستەقىل ھۆكۈمەتتىن جەمئىي 51 ھۆكۈمەت بار. ھەر بىر شتاتمۇ يەنە «مەكتەپ رايونلىرى» (سچوئول دىسترىكت) كە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر مەكتەپ رايونلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا خېلى كۆپ ئەركىنلىرى بار. مەسىلەن، ئىندى’ئانا شتاتىدا جەمئىي 292 مەكتەپ رايونلىرى بار بولۇپ، بۇ رايونلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان توختاملارنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ما’ئاشىنى ۋە خىزمەت مۇھىتلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

ئون ئىككىنجى . جۇڭگودا مەكتەپ ئىمتىھان سىستېمىسى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. جۇڭگودا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش 960-يىلىدىكى سۇڭ خانىدانلىقىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىقلىق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى ئالىي مەكتەپكە كىرىشىمۇ مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانلار ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. ئامېرىكىدا «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئالدىغا چىقىرىدۇ. بىر ئوقۇغۇچى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە تەڭلا ئىلتىماس قىلىپ، قوبۇل قىلىنغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ كىرىش ئامېرىكىدا بىر ئادەتكە ئايلانغان ئەھۋال. ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى پەرقلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئوقۇش سەۋىيىسىنى باھالاش ئىمتىھانى» (سچولاستىك ئاسسەسسمەنت تەست، سات) دېگەن ئىمتىھانىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئىمتىھانلار بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئېلىنىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ ئىمتىھانىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىشىغا يول قويۇلىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇرىنى ھېسابقا ئالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھانغا ئۆزلىرى تاللىغان ۋاقىتتا قاتنىشىدۇ. ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئىمتىھانىغا قويىدىغان ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى ھەر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى بىلەن سات ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەڭ قارايدۇ. داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ ئىككى خىل نەتىجىلەردىن باشقا يەنە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستىن سىرتقى پا’ئالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى، لىدېرلىق قىلىش قابىلىيىتى ۋە تەنتەربىيىدىكى ئىپادىلىرى قاتارلىقلارغىمۇ خېلى قاتتىق قارايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە «ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇشنىڭ يېرىم شەرتى دەرسلەردە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇش، قالغان يېرىمى بولسا دەرستىن سىرتقى باشقا ساھەلەردە كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت. يەنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەردىكى نەتىجىسى بىلەن باشقا ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشاش دەرىجىدە ئېتىۋارغا ئېلىنىدۇ.

پايدىلىنىش مەنبەسى

Twelve Differences Between Chinese Education and American Education

https://slkchina.wordpress.com/2007/06/01/12-differences-between-chinese-education-and-american-education/

http://www.meripet.com/2016/20161118_china_us_edu.htm

Share
1081 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.