logo

trugen jacn

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى

1735482962hinainoritycholar0c373

 ئىرادە

ئۇيغۇر ئاكادېمىك، دوتسېنت ئىلھام توختى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭ ھۆكۈمى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتتا ئېلان قىلىنغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئاقساراي باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشقا تىرىشىۋاتقان بىر كىشىنى جازالىشىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:
-ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەر خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوچۇق ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز.

ئاقساراي خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە، تىنچلىقپەرۋەر ئۆكتىچىلەرنى زوراۋان رادىكاللار بىلەن ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئاقساراي باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىۋېرسال ھوقۇقلارنى قوغداش، پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش قىلىش-نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشتىنمۇ چېكىنمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ تۈپ قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09232014165611.html

Share
1383 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.