logo

trugen jacn

ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىنىڭ تولۇق نۇسخسى

قەدىرلىك باش ئەلچى بىرانستاند
بىز سزگە جۇڭگو ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان كەسكىن ئىنسانى ھوقۇق مەسلىسى بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى غايەت زور ساندا مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىشى،ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىكى ئالتە نەپەر خىزمەتچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ھەققىدە خەت يېزىۋاتىمىز.بىز سزنى ش ئۇ ئا ر ۋە <<سياسى تەربىيە مەركەزلىرى>>نى زىيارەت قىلىشقا ،ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنستىك پارتىيە سۆھبەتداشلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسۋەتلىرىڭىزدە ش ئۇ ئا ر دىكى ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئالغان ۋەزىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا جىددى چاقىرىمىز.

بىز باشقۇرىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئشلار بىتەرەپ كومېتىتى (CECC) 2017-يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگودىكى ،بولۇپمۇ ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان دىنى ئەركىنلىك چەكلىمىلەرنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغانىدى.يېقىنقى ئايلاردىن بىرى ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا.ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش ،دىنى ئىبادەتلەر ۋە مەدەنىيەتنى قاتتىق چەكلەش،يۈز تونۇش كامېراسى ،يان تلىفۇن سكاننېرلاش ۋە د ئەن ئا توپلاش ۋە ھەممە يەرگە بۆسۇپ كىرىدىغان ساقچىلارنى كىڭەيتىش ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى نازارەت قىلىنىدىغان دەرىجىدە ئېلىكترونلاشقان نازارەت سىتىمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۇبيېكتى بولماقتا.

ئشەنچىلىك تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،<<سياسى تەربىيىلەش مەركەزلىرى>>دەپ ئاتىلىدىغان جايلاردا 500مىڭدىن 1 مىلىيونغا قەدەر كىشى بار ياكى قامالغان بولۇپ،بۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا قامالغان ئەڭ كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق خەلق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مىڭلىغان كشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئايلارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ،مەجبۇرى سياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،نۇرغۇن كشىلەر ناماز ئوقۇغانلىقى ،<<ئىسلامچە>> كىيگەنلىكى ياكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى مەسىلەن ئىلگىرى چەتئەلنى ساياھەت قىلغانلىقى ياكى باشقا بىر دۆلەتتە ياشايدىغان تۇققانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قامالغان.بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا ،جۈملىدىن مۇشۇ تەربىيىلەش مەركىزىگە قامالغان بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر مەشھۇر مۇسۇلمان دىنى ئالىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى.يەنە بەزى خەۋەرلەردە مۇھاپىزەت مۇنارلىرى،تۆمۈر سىم ۋە ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىغر قىيىن-قىستاق ئىلىپ بىرىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بار .
تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كشىلەر ئارىسىدا ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇر مۇلازىمەت بۆلۇمى ژۇرنالستلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئائىلە ئەزالىرىمۇ بار.بۇ خىل قاماققا ئىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سىلىش ۋە خەلقئارالىق ژۇرنالستلار ،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە دىپلوماتلارغا بارغانسرى چەكلىمە قويۇۋاتقان ش ئۇ ئار نىڭ ئېچىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك خەۋەر ئىلىشقا زەربە بىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بىز يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئىنسانى ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئونلىغان تۇققانلىرىنىڭ قاماققا ئىلىنىشى ۋە ئىغر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئىغر مۇئامىلىگە ئۇچراش ئىھتىماللىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز.
بىز ئەلچىخانىنىڭ يۇقىرىدىكى ئشلار ھەققىدىكى تىرىشچانلىقى ،جۈملىدىن دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلىرى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدىكى دوكلاتنى كۈتىمىز.ئەركىن ئاسيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋلدا،بىز سزنى بۇلارنىڭ مەسلىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى شەخسەن ئىلىپ بىرىپ،بۇ شەخسلەرنىڭ نەدىلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشڭىزنى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بىرىشكە بېسم ئىشلىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.ئەگەر بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش چارسى بولمىغاندا،بىز ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇ مەمۇرلىرى ياكى باشقۇرۇش خادىملىرىغا ۋىزا بىرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
بىز تېخىمۇ ئىچكىرىلگەن ھالدا ئەلچىخانىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور ساندىكى مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا مەسئۇل ش ئۇ ئا ر دىكى كونكىرىت ئەمەلدارلىرىغا ئائىت مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۈزۈپ چېقىشقا باشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇلار << يەرشارى ماگنتسكى ھەرىكىتى>> ئاستىدا جازالىنىشى مۇمكىن.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنستىك پارتىيەنىڭ ش ئۇ ئار دىكى باستۇرۇشلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىچ ئوكيان رايونىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قاتار مەنپەئىتىگە بىرىپ چېتىلىدۇ.
بىز سىز بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تەدبىر قوللىنىش ۋە رادىكاللىششقا تۈرتكە بولىدىغان خەتەرلىك ھۆكۈمەت سياسەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن بىللە ئىشلەشنى كۈتىمىز .

ھۆرمەت بىلەن،

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ روىبئۇ
مەسئۇل

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېرىس سمىس
ئورتاق مەسئۇل

تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان

مەنبەسى:
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئشلار بىتەرەپ كومېتىتى (CECC)
تور بېكەت ئادېرسى
https://www.cecc.gov/media-center/press-releases/chairs-urge-ambassador-branstad-to-prioritize-mass-detention-of-uyghurs

Share
1613 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.