logo

trugen jacn

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىن سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى

Obamaبۈگۈن سەھەر، يەنى 6-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تىلاۋەتچىلەر ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ناشتىلىق زىياپىتىدە سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

باراك ئوباما سۆزىدە خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دىكتاتور ئەللەرنىڭ دىن سىياسىتى ۋە بۇ ئەللەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇ دۇنيا مىقياسىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى تۈپ نىشانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوباما نۇتقىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۆز تېرىتورىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «تارىخ شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولى تىنچ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كەلدى. خەلقنىڭ بۇ مۇقەددەس ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەر ئۆز قولى بىلەن مۇقىمسىزلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىدى. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، دىنىي ئەركىنلىك ئەمەلىيەتتە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر.»

ئوباما 3500 كىشى قەدەم تەشرىپ قىلغان چوڭ زالدا خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىگەندە مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆز تېرىتورىيەسىدكى خەلقلەرنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە پىكىر بايان قىلدى.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-02062014155651.html

Share
1870 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.