logo

trugen jacn

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىلھام توختىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

obama_2239456b

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئوباما ئىلھام توختى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ئىلھام توختىغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابى

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىلھام توختىغا ئوخشاش پۇقرالىق جەمئىيىتى رەھبەرلىرى خىتايدىكى مىللەتلەر-ئارا زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان كۈچ ئىدى. ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەك ئىدى

201406262109china1

ئوباما يەنە ئىلھام توختى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ھەققىدە توختىلىپ: ئۇلار ئەركىن ياشاشقا ھەقلىق، ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. پۇقرالىق جەمئىيىتىنى باستۇرۇش سالمىقىنىڭ بارغانچە ئاشۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە ئەڭ نېگىزلىك دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنىڭ ئۇلىنى كولاش ھەرىكىتىدۇر، دېدى.

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى سەيشەنبە كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى

ئۇنىڭ سوتىدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم باياناتلار ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

جون كەرىي باياناتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىدىل ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى» نىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن «تولىمۇ پەرىشان بولغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09242014163839.html

Share
1548 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.