logo

trugen jacn

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

 ئامېرىكا پارلامىنتى خىتاي ئشلىرى كومېتىتى، ئامېرىكنىڭ بىيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار توغرىلىق قاتتىق تەنقىد قىلىشقا ۋە رايوننى زىيارەت قىلىپ، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بىرىشقا چاقىرشقا دەۋەت قىلدى

پارلامىنىت باش ئەلچى بىرانستادنى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئىلىنشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشقا چاقىردى
قسقىچە مەزمۇنى
ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى،دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئشلىرى كومېتىتى بتەرەپ مەمۇرى كومتىتىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (جۇمھۇرىيەتچى،فىلورىدا شتاتىدىن) بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرس سىمىس (جۇمھۇرىيەت پارتىيسدىن،يېڭى جىرسى شتاتىدىن) ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەررى بىرانستاندقا خەت يېزىپ ئۇنى شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(ش ئۇ ئا ر )نى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئۇ يەردىكى زور نازارەت سستىمىسى ۋە ئۇيغۇر ئاز سانلىق نوپۇسنى كۆپ ساندا قاماققا ئىلىش مەسلىسى، (ئەركىن ئاسيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) خەلقئارا ماگنىتسكى قانۇنى بويىچە جازالاش ئۈچۈن شنجاڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى يېغىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلار ۋە ش ئۇ ئار دىكى باشقا ئىتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش،دىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنيتىگە قارشى ھەددىدىن ئاشقان چەكلەش،كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئىغىر نازارەت ئاستىغا ئىلىنىدىغان دەرىجىدە ئىلىكتىرونلۇق نازارەت سستىمىسغا دۇچ كەلمەكتە…ئشەنچلىك تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،500 مىڭدىن بىر مىلىيونغىچە كىشى «سياسى تەربىيلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان جايدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بۇ بۈگۈنكى دۇنيادا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ تۇتۇلغان بىر خەلق ھسابلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ش ئۇ ئار دىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ئاسيا-تىچ ئوكيان رايونىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئاچقۇچلۇق مەنپەئىتىگە چتىلىدۇ. بىز سز بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى ئشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئنسانى ھوقۇق، رادىكاللىششقا سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك سياسەتلەرنى توختىتىش يولىدا بىرلىكتە ئشلەشنى كۈتىمىز

2018- يىلى 3- ئاپرېل

http://turkistantimes.com/uy/news-2742.html

Share
1355 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.