logo

trugen jacn

ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا -1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس ھالدا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا غايەت زور چىقىم بىلەن ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىيلار شىركىتى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان «قارا سۇ ياللانما ئارمىيىسى» نىڭ داۋامى بولمىش «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلىشىدا ئەكس ئەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى تەدبىرنىڭ داۋالغۇش ۋە ئېغىر بېسىم ئىچىدە تۇرىۋاتقان رايون ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق «قاراسۇ ياللانما قوشۇنى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملىشىپ، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەشق بازىسى ئاچماقچى بولغانلىقى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئالدى. جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەققىدىكى شۇئارلار توختىماستىن توۋلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ياللانما قوشۇننى باشلاپ كېلىشى بولغانلىقى مەلۇم.

«نيۇيورك ۋاقتى»، «مۇھاپىزەتچى»، «ۋال سىترېت گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «قارا سۇ» شىركىتى ئەڭ دەسلەپ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ياللانما ئارمىيە شىركىتى شەكلىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن . ئۇنى ئامېرىكىنىڭ نامى مەشھۇر بولغان «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئالاھىدە ئەترىتى» (يەنى SEAL) نىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن چېكىنگەن لېيتېنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى ئېرىك پرىنس 1997-يىلى قۇرۇپ چىققان ۋە ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرغان. ئېرىك پرىنس ئۆزىنىڭ «قارا سۇ» ياللانما ئارمىيىسىنى قانداق باشلىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ مۇنداق. مەن <SEAL> دىن ئايرىلغاندىن كېيىن ‹قارا سۇ› قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتىم. ئەمەلىيەتتە SEAL مۇ 1970-يىللاردىن باشلاپلا خۇسۇسىي مەشق ئەسلىھەلىرى بىلەن، شۇنداقلا خۇسۇسىيلارنى مەشق قىلدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن ھەمدە رەسمىي كەسىپىي سەۋىيىلىك مۇھىت بىلەن تەمىن ئەتكەن ئورگان بولغان ئىدى. مەنمۇ خۇددىي شۇنىڭدەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بىر ئورگاننى قۇرۇپ چىقتىم، خالاس.  ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا مەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ھېچنەرسە بىلمەيتتىم، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ھېچقانداق توختام ئىشلىرىغىمۇ قول تىقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن SEAL دىن ئايرىلىپ مۇشۇ مەشق بازىسىنى قۇرۇپ چىقتىم. شۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارلار بىر-بىرلەپ كەلگىلى تۇردى. كېيىنرەك بولسا ‹11-سىنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەردى ۋە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر بىزدىن مەشق بىلەن تەمىن ئېتىشنى ياكى ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز مەشقلەندۈرۈش، ھاۋا قاتنىشى بىخەتەرلىكى، ناتونۇش جايلاردا قۇرۇلۇش سېلىش دېگەن ساھەلەر بويىچە ئىش باشلاپ كەتتۇق. قىسقىسى، ‹قارا سۇ› قوشۇنىدىكىلەر ئاساسىي جەھەتتىن سابىق ئالاھىدە قىسىم جەڭچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆلۈم دېگەننى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغانلار. بىز ھەرقاچان خېرىدارلىرىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرىمىز ھەمدە بىجانىدىللىق بىلەن ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.»

ھازىرغا قەدەر مەزكۇر شىركەت كۆپ قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەرگە «قارا سۇ» دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە. «قارا سۇ» شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، شۇنداقلا ئالاھىدە قىسىملاردا مەشق كۆرگەن كىشىلەردىن مۇنتىزم ھەربىي قوشۇن تەشكىل قىلىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەربىيلەر ھەق تۆلەشنى خالايدىغان ھەرقانداق دۆلەتنى بىخەتەرلىك (مۇھاپىزەت) ۋە ھەربىي خىزمەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە. 2007-يىلى مەزكۇر ياللانما قوشۇن باغدادتا  بىر قېتىملىق مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا 17 ئىراق پۇقراسىنى ئېتىۋەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ۋەقە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» دەپ كۆپلەپ بەس-مۇنازىرە قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنگەن سىياسىي ئانالىزچى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق گېزىت بولغان «ۋال سىترېت گېزىتى» نىڭ سابىق ئوبزورچىسى مايكىل كرىگېر مۇنداق دەيدۇ: «‹قارا سۇ› قوشۇنىنىڭ تۇنجى بولۇپ كەڭ مىقياستا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشى 2003-يىلى بولدى. ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتتا يەنى ئامېرىكا ئىراققا بېسىپ كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پائۇل برېمېر ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە خادىمى بولۇپ ئىراققا ئەۋەتىلگەن. ‹قارا سۇ› غا دائىر مىش-مىشلار شۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئىشنىڭ ھەممىدىنمۇ قىزىق يېرى مۇشۇنىڭدا.»

«دۆلەتلىك خەلق رادىيوسى» (NPR) نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،  شۇنىڭدىن كېيىن شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس شىركەتنى سېتىۋېتىپ، «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ناملىق يېڭى شىركەتنى ئاچقان ھەمدە ئۆز ئالدىغا يېڭىدىن ياللانما قوشۇن تەشكىل قىلغان. بۇنىڭغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالاھىدە قىسمىدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ئۆزىنى تىزىملاتقان. ئاز دېگەندىمۇ 800 كىشىلىك ياللانما ئەسكىرى بولغان بۇ شىركەت 2010-يىلىدىن بۇيان «ئەرەب باھارى» مالىمانچىلىقىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى شىركەتلىرىدە ئامانلىق، مەشقلەندۈرۈش، دېڭىز سەپىرى بىخەتەرلىكى، بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتلەردە بولۇپ كەلمەكتە.

ئېرىك پرىنس يېڭىدىن تەشكىللىگەن «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ھازىرقى كۈندە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا سىياسى ئانالىزچى مايكىل كرىگېر مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار مۇشۇ مەخلۇقنى ياراتتى، ھالبۇكى بۇ مەخلۇق، ھازىر باغلاقتىن بوشىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئافرىقا ۋە خىتايغا يۈزلەندى، لېكىن ئامېرىكا بولسا بۇنىڭدىن ۋايىم يېييشكە باشلىدى. چۈنكى بۇ شىركەت، ھازىر خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. ئېرىك پرىنس بولسا ھازىر ‹ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى› ناملىق بۇ شىركەتنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ شىركەت ئۆزىنى خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇردى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىمىنى خىتايدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بولغان CITIC گۇرۇھى تەمىنلەۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر ئېرىك پرىنس خىتاي ئىستىخباراتىغا، شۇنداقلا خىتاي بانكىسىغا باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ئافرىقىدا بايلىق مەنبەلىرىنى ئىستىلا قىلىشىغا ھەمدەملىشىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكىدا ھازىر بۇ ھەقتە بەزى تەكشۈرۈشلەر باشلىنىۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئېرىك پرىنس باشچىلىق قىلىۋاتقان «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى زىچ ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە كەلگۈسى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكسىدە ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەربىي مەشق بازىسى ئېچىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/amerika-yallanma-06012017193625.html

Share
1477 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.