logo

trugen jacn

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەرۇد بروۋېن: خىتاي ئىلھام توختىنى مەھكۇم قىلىپ، دىئالوگ پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويدى

1735482962hinainoritycholar0c373

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شەرۇد بروۋېن، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى، دىئالوگ پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان مۇخبىرلارغا ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش پەزىلەتلىك، ھۆرمەتكە ئىگە بىلىملىك زاتلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرۇد بروۋېن بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاخباراتىغا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن.

بروۋېن بۇ يىل 4‏-ئايدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن بىرلىشىپ، مەخسۇس ئىلھام توختى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان قىزى جەۋھەر ئىلھام گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە، تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇ خىتاينىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. بىراق بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خىتايغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگىمۇ پايدىسىز، دېگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلھام توختى ئەسلى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، شىنجاڭنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە ياردەمچى بولاتتى. بىراق خىتاي ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09262014173614.html

Share
2002 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.